لوس ئانژېلىستا 6-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» نامايىشىسى

بۈگۈن، يەنى 2019-يىلى 6-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتى لوس ئانژېلىس شەھىرى رايونلىرىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، بىر «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» نامايىشى ئۆتكۈزدى.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-04-07

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

بۈگۈن، يەنى 2019-يىلى 6-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتى لوس ئانژېلىس شەھىرى رايونلىرىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، بىر «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» نامايىشى ئۆتكۈزدى.  بۇ نامايىش ھوللىۋود شەھىرىنىڭ ئەڭ قايناق كوچىسى بولغان «ھولللىۋۇد يولى» نىڭ ئىككى تەرىپىدىكى پىيادىلەر كوچىسىدا بىر كىلومېتىردەك ئارىلىققا مېڭىپ كېلىش، ئارىلىقتا توختاپ نۇتۇق سۆزلەش ۋە يول بويى شوئار توۋلاش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. نامايىشقا ئۇيغۇرلار، ئامېرىكىلىق مۇسۇلمانلار، خرىستىئانلار، تىبەتلىكلەر، تەيۋەنلىك، خوڭكوڭلۇق ۋە ۋېتناملىق خەلقلەرنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ، 250 دەك ئادەم قاتناشتى. لوس ئانژېلىس بىلەن بولغان ئارىلىقى 600 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان سان فرانسىسكو رايونىدىنمۇ 25 تەك ئۇيغۇر 5 سائەتتىن ئارتۇق ماشىنا ھەيدەپ كېلىپ، بۈگۈنكى نامايىشقا قاتناشتى. بۈگۈنكى نامايىش ئۇيغۇرلارنىڭ لوس ئانژېلىستا ئۆتكۈزگەن ئەڭ چوڭ نامايىشى بولدى. ھوللىۋود يولى دەم ئېلىش كۈنلىرى لوس ئانژېلىس شەھىرى بويىچە ئادەملەر ئەڭ كۆپ كېلىپ، ناھايىتى قاتتىق قايناپ كېتىدىغان كوچا بولۇپ، ھوللىۋۇدنىڭ ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزىدىغان «ئوسكار مۇكاپىتى» نى تارقىتىش پائالىيىتىمۇ مۇشۇ كوچىدىكى «دولبىي تىياتىرخانىسى» دا ئۆتكۈزۈلىدۇ. «خىتاي تىياتىرخانىسى» دەپ ئاتىلىدىغان، ساياھەتچىلەر ئەڭ كۆپ كۆرىدىغان داڭلىق تىياتىرخانىسىمۇ ئاشۇ دولبىي تىياتىرخانىسىنىڭ يېنىدا بولۇپ، بۈگۈنكى نامايىشچىلار مەزكۇر تىياتىرخانىنىڭ ئالدىدا 10 مىنۇتتىن ئارتۇق تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنلىق جىنايەتلىرىنى ئېيىبلەپ، قاتتىق شوئار توۋلىدى. نەچچە يۈزلىگەن ساياھەتچىلەر بۇ كۆرىنىشلەرنى ئەتىراپقا توپلىشىپ كۆرۈپ تۇردى. ھوللىۋۇدتىكى داڭلىق ئارتىستلار ۋاپات بولغاندا، ئۇلارنىڭ ئىسمىنى 5 يۇلتۇزنىڭ ئىچىگە ئويۇپ قويىدىغان كوچىمۇ مۇشۇ ھوللىۋۇد كوچىسى بولۇپ، بۈگۈنكى نامايىشچىلار باشتىن-ئاخىر ئەنە شۇنداق يۇلتۇزلار بار يولدا ماڭدى. بۈگۈنكى نامايىشتا ئۇيغۇرلار، ئامېرىكىلىق ئاق تەنلىكلەر، مۇسۇلمانلار، ۋە تەيۋەن-خوڭكوڭ-ۋېتناملىقلارنىڭ ۋەكىللىرى نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايىي ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق ئېيىبلىدى. ھەمدە پۈتۈن دۇنيا جامائەتلىرىنى سولاقتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش، خىتاي لاگىرلىرىنى تاقىتىش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەت ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان جىنايىي ئىش-ھەرىكەتلىرىنى توسۇش، ۋە ئۇيغۇرلارنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈشتە ئۇيغۇرلارغا يېقىندىن ياردەمدە بولۇشقا چاقىردى. باشقا كۆپلىگەن شوئارلارغا قوشۇپ، «شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك»، دېگەن شوئارنىمۇ توۋلىدى.  بۈگۈنكى نامايىشقا ئامېرىكا، تۈرك ۋە مۇسۇلمان مېدىيەلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ قاتنىشىپ، نامايىشقا كەلگەنلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى، ۋە نامايىش كۆرۈنۈشلىرىنى ۋىدېئوغا ئالدى. نامايىش باشلىنىشتىن بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ «مىنېسوتا ئاممىۋىي رادىئوسى» دېگەن داڭلىق مېدىيە شىركىتىنىڭ بىر مۇخبىرى مەن بىلەن بۈگۈنكى نامايىش ھەققىدە يېرىم سائەتتەك سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ماڭا بۈگۈنكى پائالىيەت ھەققىدە بىر ئايرىم پروگرام ئىشلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. قىسقىسى، بىز بۈگۈنكى نامايىش بۇرۇنقى ھەر قانداق ۋاقىتتىكى نامايىشلارغا قارىغاندا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى، دەپ ئۈمىدلەندۇق.

 

*ماتېرىيال مەنبەسى: دوكتۇر ئەركىن سىدىق

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز. 

 

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

«جاللات خېنم» نىڭ دەۋرىمىزدىكى قىرغىنچىلىقى

يە ئاپرېل 7 , 2019
قاچان ۋە كىمدىن ئاڭلىغانلىقىمنى بىلمەيمەن ، « تارىخ كۈچلۈكلەرنىڭ ئاجىزلارنىڭ دۈمبسىگە ئۇرغان تامغسى » دەيدىغان بىر گەپ ھازىرمۇ ئېسىمدە. ئىنگىلىز تارىخچى Carr بولسا «What is History » دېگەن كىتابىدا تارىختىكى ھەممە ۋەقەلەر تارىخ بولالايدىغانلىقى، لىكىن تارىخچىنىڭ مەيدانى، مەنپەتى ۋە يېزىش مېتودىغا ئاساسەن ئۆزى موھىم دەپ قارىغان بىر ۋەقەنى تاللاپ ئېلىپ، ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت چەمبىرىكى ئىچىدە يېزىپ چىقىدىغانلىقىنى، ئوخشىمغان مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشگە ئىگە ئىككى تارىخچىنىڭ ئوخشاش ۋەقەنى ئوخشىمىغان شەكىلدە بايان قىلدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

You May Like