لوس ئانجېلىستىكى ئۇيغۇرلار يەھۇدىي-مۇسۇلمان بىرلەشمە ئىپتار پائالىيىتىگە قاتناشتى

لوس ئانجېلىستىكى ئۇيغۇرلار 15-ماي كۈنى ئاخشام يەھۇدىي-مۇسۇلمان بىرلەشمە ئىپتار پائالىيىتىگە قاتناشتى. بۇ ئىپتار پائالىيتىنى ئامېرىكىدىكى يەھۇدىيلار بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەمكارلىقىنى تۈپ مەقسەت قىلغان «يېڭى-زېمىن» (Newground) ناملىق بىر تەشكىلات ئاشۇ بېۋېرلىي خىلل شەھىرىدىكى بىر چوڭ يەھۇدىي چېركاۋىدا تەشكىللىگەن

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

تەييارلىغۇچى: سايئوغلى

2019-5-17

لوس ئانجېلىستىكى ئۇيغۇرلار 15-ماي كۈنى ئاخشام يەھۇدىي-مۇسۇلمان بىرلەشمە ئىپتار پائالىيىتىگە قاتناشتى. بۇ ئىپتار پائالىيتىنى ئامېرىكىدىكى يەھۇدىيلار بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەمكارلىقىنى تۈپ مەقسەت قىلغان «يېڭى-زېمىن» (Newground) ناملىق بىر تەشكىلات ئاشۇ بېۋېرلىي خىلل شەھىرىدىكى بىر چوڭ يەھۇدىي چېركاۋىدا تەشكىللىگەن . پائالىيەت مەيدانى ناھايىتى چوڭ ۋە ھەيۋەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭغا 400 دىن ئارتۇق مېھمان قاتناشقان . بۇ پائالىيەتكە لوس ئانجېلىس رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن دوكتۇر ئەركىن سىدىق ۋە دوكتور نۇرنىسا قۇربان قاتارلىق 4 كىشى قاتناشقان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ھازىرقى ئۇيغۇر كرىزىسىدىن قۇتۇلۇشقا ياردەم قىلالايدىغان كىشىلەر بىلەن تونۇشۇش، ئۇلار بىلەن دوست بولۇش، ھەمدە ئۇلارنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش بولغان .خۇددى ئۇلارنىڭ كۈتكىنىدەك ، بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ناھايىتى قىممەتلىك پۇرسەت بولغان .بىز بۇ پائالىيەت جەريانىدا «يەھۇدىي دۇنيانى كۆزىتىش تەشكىلاتى» (Jewish World Watch) نىڭ بىر مۇھىم رەھبىرى، لوس ئانجېلىستىكى ئاركادىئا (Arcadia) شەھىرىنىڭ باشلىقى، بىر قانچە نوپۇزلۇق يەھۇدىيلار ۋە لوس ئانجېلىس رايونىدىكى بىر قانچە مەسچىت ۋە بىر قانچە مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلار بىلەن قىزغىن سۆھبەت ئېلىپ بارغان .

ئۇنىڭدىن باشقا ئامىرىكا ئوتتۇرغا چىقارغان ئىككى قانۇن لاھىيلەسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئاڭلاتقان ،ئۇلار ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە مۇھىم ئىمزالارنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .

دوكتۇر ئەركىن سىدىق باشچىلىقىدىكى بۇ ۋەكىللەر ئۆزىنىڭ بۇ پائالىئەتكە قاتناشقانلىقىدىن ناھايىتى مەمنۇن بولغان .

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ت ر ت دۇنيا قانىلى: خىتاي تۈركىيەنى ئۇيغۇر قۇراللىق كۈچلىرىگە قارشى كۈرىشىنى قوللاشقا چاقىردى

جۈ ماي 17 , 2019
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭيى بېيجىڭدا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن مىنىستىرى سەدات ئونال (Sedat Onal) بىلەن كۆرۈشكەندە،

You May Like