ئاپتورى: ئەركىن سىدىق ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019- يىلى 9- يانۋاز
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
2019-01-10
[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]
چەت ئەلدە خىتاي دۆلىتىدىكى خەلقلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان «زىمىستان قىش» دېگەن تور ژۇرنىلى بار. بۇ ژۇرنالنىڭ خىتاي دۆلىتى ئىچىدە كۆپلىگەن خىتاي پىدائىي مۇخبىرلىرى بار. بۇ مۇخبىرلار ئىزچىل تۈردە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھازىرلانغان تۈرمىلەردە ئىشلەيدىغان ساقچىلاردىن بىۋاسىتە ئاخبارات ئىگىلەپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ تور ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. يېقىندا تارقالغان شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر لاگېرنىڭ ئىچكى ئەھۋالى ھەققىدىكى بىر ۋىدېئونى شۇلار قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ، ئاشۇ ۋىدېئونى تارتقان كىشى يېقىندا غايىب بولغانلىقى، ھەمدە «زىمىستان قىش» ژۇرنىلىنىڭ يەنە 40 نەپەردەك مۇخبىرلىرىمۇ قولغا ئېلىنغانلىقى يېقىندا خەۋەر قىلىندى.
مەزكۇر ژۇرنالنىڭ «لى زەيلى » ئىسىملىك مۇخبىرى ئۆتكەن يىل 17-دېكابىردا «ناھايىتى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قامالغىنىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئۇلار مەخپىي يۆتكىلىنىۋاتىدۇ» دېگەن تېمىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلدى. ئۇ ماقالىدا تۆۋەندىكى مۇھىم نۇقتىلار بايان قىلىندى [1]:
• خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىكى 500 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەپ تارقىتىۋېتىشنى رەسمىي قارار قىلدى • بۇنى خېيلوڭجاڭ ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسىدە ئىشلەيدىغان بىر خادىم ئاشكارىلىدى • قىيناش ۋاسىتىسى بىلەن ئادەم ئۆزگەرتىش، ۋە ئۇ ئەھۋالنى قاتتىق مەخپىي تۇتۇش قارار قىلىندى • ئىچكىرىدىكى ساقچى ئىدارە باشلىقلىرىغا ئالدى بىلەن يۆتكىلىدىغان ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا يەر ھازىرلاش بۇيرۇق قىلىندى • بىكارلانغان تۈرمىلەر بىر قېتىم تەلتۆكۈس يېڭىلاندى • تۈرمىلەرگە 4 قات ئىشىك، ئۇنىڭدىن باشقا ئادەم ئۆلتۈرەلەيدىغان توكقا ئۇلانغان بىر توكلۇق تۆمۈر ئىشىك، ۋە چاققىلى بولمايدىغان ئەينەك ئورنىتىلدى • تۈرمىلەر ئەتراپتىكىلەردىن قاتتىق مەخپىي تۇتۇلغان بولۇپ، ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىشلارنى، مەسىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈشتەك ئىشلارنى سىرتتىكىلەرنىڭ بىلىشى مۇمكىن ئەمەس • تۈرمىدىكى ھەممە ئۇيغۇر ئۆلتۈرۈلسىمۇ سىرتتىكىلەر بىلمەيدۇ • نەچچە 10 مىڭ تۈرمە ساقچىلىرى شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتىلىپ، ئۇ يەردىكى ساقچىلاردىن لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنى باشقۇرۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش تاكتىكىلىرىنى ئۆگىنىپ كەلدى • تەربىيەلەش ساھەسى ئۇيغۇرلارنى خىتاي جەمئىيىتىگە ماس كېلىدىغان قىلىپ «قايتىدىن ياساپ چىقىش» ئۇسۇللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ • ئىچكىرىدىكى ساقچىلار ئۆگەنگەن تاكتىكىلار ئىچىدە «مەن خىتاي» دېمىگەنلەرگە توك ئۇلاش جازاسىمۇ بار • بەزى ساقچىلارنىڭ توك كالتىكى كونىراپ كەتكەندە، ئۇلار توك پەلىيى ۋە توك ئورۇندۇقى ئىشلىتىپ ئۇيغۇرلارنى قىينايدۇ • توك پەلىيىنىڭ ئازابى توك كالتىكىدىن جىق كۈچلۈك • توك كالتىكىنىڭ توكى ئادەم تېرىسىنىڭ نېرىسىغا ئۆتمەيدۇ، ئەمما توك پەلىيىنىڭ توكى ئادەم نېرۋىسىغىچە بارىدۇ • توك كىيىمىمۇ بار بولۇپ، ئۇ ئادەم ئۆلتۈرەلەيدۇ • ئۇيغۇرلار «مەن خىتاي» دەپ ئېتىراپ قىلمىغۇچە، توكتا قىيناش توختىتىلمايدۇ • ئاشۇنداق قىيناش نەتىجىسىدە قامالغان ئۇيغۇرلار «مەن خىتاي، مەن ۋەتەننى سۆيىمەن، كومپارتىيە ياخشى» دەيدىغان بولىدۇ • قامالغانلار ئىچىدە 70 ياشتىن يۇقىرى ياشتىكىلەرمۇ بار • قامالغانلارنىڭ پۇت قولى بىر كۈن، 24 سائەت تۆمۈر زەنجىر-كىشەندە باغلاقلىق تۇرىدۇ • يۇيۇنغاندىمۇ پۇل-قولىدىكى تۆمۈر زەنجىر-كىشەنلەر ئېلىۋېتىلمەيدۇ • ئۇيغۇرچە سۆزلىشىشكە يول قويۇلمايدۇ، ھەمدە خىتايچىنى ئۆگىنىپ بولالمىغانلار قاتتىق ئۇرۇلىدۇ • قامالغانلار ئولتۇرغاندا ھەرىكەتسىز ئولتۇرىدىغان بولۇپ، ئۇلارنى مەخسۇس كۆزىتىپ تۇرىدىغان ساقچىلار بار. بۇمۇ ئادەم قىيناشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى • بىر ساقچى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنى يوق قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە قاماقتىكى ھەممە ئۇيغۇرلار ئۆلتۈرۈلسىمۇ ھېچ كىم بىلمەيدىكەن.
«زىمىستان قىش» دېگەن ژۇرنال ئۆتكەن يىل 27-دېكابىردا «ئۇيغۇرلارنى مەخپىي يۆتكەشكە ئائىت يېڭى ئۇچۇرلار» دېگەن تېمىدا يەنە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلدى. بۇ ماقالىنىڭ خىتايچە ۋە ئىنگلىزچە نۇسخىلىرى بار بولۇپ، مەن خىتايچىنى ياكى ئىنگلىزچىنى بىلىدىغان قېرىنداشلارغا ئۇنى بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئۇ ماقالىدا تۆۋەندىكى مۇھىم نۇقتىلار بايان قىلىندى [2,3]:
• ئۇيغۇرلارنى يۆتكەش خىزمىتىنىڭ كۆلىمىنىڭ چوڭلۇقى ۋە مۇرەككەپلىك دەرىجىسى ئادەمنى چۆچۈتىدۇ • بۇ خىزمەتنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ تۈرمىلەرگە مەسئۇل ئىدارىلىرى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ • يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىك ئورگانلىرى ئۇيغۇرلارنى شەرقىي تۈركىستاندىن ئىچكىرىگە ئاپىرىپ بېرىشقا مەسئۇل بولۇپ، قالغان ئىشلارنى يەرلىك تۈرمە ئورگانلىرى ئۆزلىرىگە ئۆتكۈزۈۋالىدۇ • ئاندىن ئۇيغۇرلار مەخسۇس تەييارلانغان قاتناش قوراللىرىدا تۈرمىلەرگە يۆتكىلىنىدۇ • بەزىلىرى مەخسۇس تەييارلانغان يەرلىك پويىزلاردا يېرىم كېچە بولغاندا يۆتكىلىنىدۇ • ئۇيغۇرلارنىڭ نەگە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كۆزلىرى توسۇلىدۇ، ھەمدە ساقچىلارنىڭ سەپەر جەريانىدا سۆزلىشىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ • ئۇيغۇرلارنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، تۈرمىلەرگە ئاپىرىدىغان تۈرمە ساقچىلىرى ئالدى بىلەن بىر خىل ئالاھىدە تەربىيەلەشنى تاماملايدۇ • يۆتكەلگەن ئۇيغۇرلار ئۆتىدىغان يەرلەردىكى بارلىق كوچا تەشۋىقات تاختايلىرى ۋە يول ئىسمى تاختايلىرى ئېلىۋېتىلىدۇ، ياكى ئۇلارنىڭ ئۈستى يېپىپ قويۇلىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نەگە بارغانلىقىنى بىلىۋېلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ • ئۇيغۇرلارنى يۆتكەش جەريانىدا مەخپىيەتلىكنى ساقلاش 1-دەرىجىلىك مۇھىم ۋەزىپە • ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۇلارنىڭ ئىچكىرىگە يۆتكەلگەنلىكى خەۋەر قىلىنمايدۇ • ساقچىلارنىڭ تۈرمىلەردە تېلېفوندا سۆزلىشىشى پۈتۈنلەي چەكلەنگەن بولۇپ، خىزمەت جەريانىدا ئۇلارنىڭ تېلېفونلىرى ئىشكاپتا قۇلۇپلاقلىق تۇرىدۇ • ئىككى تۈرمە ساقچىسى ئۇيغۇرلارنى يۆتكەش ئىشى توغرىسىدا بىر قېتىم پاراڭلىشىپ قويغانلىقى ئۈچۈن خىزمەتلىرىدىن چىقىرىۋېتىلدى • تۈرمىدىكىلەرنىڭ ياشاش مۇھىتى تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدە قىيىن • تۈرمىلەردە يۆتكەپ ئەكېلىنگەن ئۇيغۇرلار يەرلىك جىنايەتچىلەردىن ئايرىم تۇرىدۇ • يەرلىك جىنايەتچىلەر كۈندۈزى سىرتقا ئاپتاپ يېگىلى چىقالايدۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار سىرتقا قەتئىيلا چىقىرىلمايدۇ • ئۇيغۇرلار تۈرمە كامېرلىرىدىكى كىچىك ئورۇندۇقتا قىمىرلىماي ئولتۇرىدۇ، ئۆز-ئارا سۆزلىشەلمەيدۇ، ئۆز-ئارا شەرەت قىلىشالمايدۇ، ئۇلارنى ساقچىلار ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ تۇرىدۇ • بىرەر ئۇيغۇر ئۆلسە، ئالدى بىلەن يەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىگە خەۋەر قىلىنىدۇ، ئاندىن ئۇلار ئائىلىسىگە خەۋەر قىلىش-قىلماسلىقنى قارار قىلىدۇ • ھازىر جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى ئىچكىرىگە يۆتكىۋېتىلىش خەۋپى ئاستىدا • يېقىندا يېشى 60 ۋە 70 تىن ئاشقان 200 نەپەر ئۇيغۇر ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوردوس تۈرمىسىگە ئاپىرىلدى • ئىچكىرىگە ئاپىرىلغان بىر ئۇيغۇر بىر يەردە ماشىنا بىلەن ئورا كولاۋاتقان ئەھۋالنى كۆرۈپ، «بىزنى مۇشۇ يەرگە تىرىك كۆمۈۋېتىدىغان ئوخشايدۇ»، دەپ ئويلاپ، قاتتىق قورقۇپ كەتكەن. ھازىر پۈتۈن خىتاي دۆلىتىگە تارقىتىلىپ سولانغان بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرۈۋاتقان كۈنى ئەنە شۇنداق.
ئۆتكەن يىل 18-سېنتەبىردە ئەل-جەزىرە تېلېۋىزورىنىڭ پروگرامما باشقۇرغۇچىسى دوكتور مەھدى ھەسەن نۇرى تۇركەل ۋە بىر خىتاي ھۆكۈمىتى مەركىزىي ئەقىل ئامبىرىنىڭ ۋىكتور گاۋ ئىسىملىك رەئىسى بىلەن تېلېۋىزور سۆھبىتى ئۆتكۈزگەندە، ۋىكتور گاۋ «ھەممىسىنى قوشقاندا شىنجاڭدا 6 ياكى 7 مىليون ئۇيغۇر بار»، دېدى. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك كادىرلىرى بۇنداق چوڭ ئىشتا ئۆزى خالىغانچە سۆزلىيەلمەيدىغان بولغاچقا، مەن بۇ گەپنى ئاڭلىغاندا قاتتىق چۆچۈدۈم. ھەمدە شۇنىڭدىن باشلاپ «خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى 6 ياكى 7 مىليونغا چۈشۈرۈپ قويماقچى ئوخشايدۇ»، دەپ قاتتىق ئەنسىرەشكە باشلىدىم. ھازىرغىچە ئاشكارىلانغان مەلۇماتلارغا ئاساسەن، مەن جازا لاگېرلىرىغا قامالغان يېشى 15 ياشتىن يۇقىرى ئۇيغۇرلار ۋە يېتىملەر مەركەزلىرىگە يىغىۋېلىنغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ سانى ھازىر 3 مىليوندىن 5 مىليونغىچە بولغان ئارىلىقتا، دېگەن خۇلاسىگە كەلدىم. جازا لاگېرلىرىدىكى ئاشۇ ئۇيغۇرلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تۈرمىلەرگە تارقىتىپ، شۇ يەردە ئۆلگۈچە ئىشلىتىپ يوق قىلىش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى 6 ياكى 7 مىليونغا چۈشۈرۈپ قويۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن. ھازىر ئۇلار قوللىنىۋاتقان باشقا ئىستراتېگىيەلەرمۇ بار. مەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە يەنە ئايرىم توختىلىمەن.
ھازىر چەت ئەلدىكى بارلىق ئۇيغۇرلار ناھايىتى قاتتىق ئەندىشىگە پاتقان بولۇپ، ھازىر نۇرغۇن قېرىنداشلار مۇنداق سوئاللارنى سوراۋاتىدۇ:
–نېمە ئۈچۈن تۈركىي قېرىنداشلار ھازىرقى ئۇيغۇر پاجىئەسىگە سۈكۈت قىلىپ تۇرىدۇ؟ –نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمان دۇنياسى ھازىرقى ئۇيغۇر پاجىئەسىگە سۈكۈت قىلىپ تۇرىدۇ؟ –نېمە ئۈچۈن غەرب دۇنياسى ھازىرقى ئۇيغۇر پاجىئەسىگە سۈكۈت قىلىپ تۇرىدۇ؟ –نېمە ئۈچۈن دۇنيا ھازىرقى ئۇيغۇر پاجىئەسىگە سۈكۈت قىلىپ تۇرىدۇ؟
ئەسلىدە بىز ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆز-ئۆزىمىزدىن «نېمە ئۈچۈن چەت ئەلدىكى شۇنچە كۆپ ئۇيغۇرلار ھازىرقى ئۇيغۇر پاجىئەسىگە سۈكۈت قىلىپ تۇرىدۇ؟» دەپ سورىساق توغرا بولىدۇ. چەت ئەلدىكى بىر قىسىم خىتاي زىيالىيلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق قۇرۇلۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بىر باياناتنامە ئېلان قىلدى. ئەمما چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىرلىشىپ، ئاشۇنداق ئىشتىن بىرەرنى تېخىچە قىلىپ بولالمىدى. ئوقۇغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە ھازىرمۇ زادىلا مىدىرلىماي، سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقان، ياكى بىر ياقتا قاراپ تۇرۇۋاتقانلار خېلى كۆپ. شۇ نەرسە ھەممىمىزنىڭ كاللىسىدا ئېنىق بولسۇنكى، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 90 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي تازىلاش قۇرۇلۇشىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتمەي تۇرۇپ، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ باشقىلاردىن ياردەم سوراش سالاھىيىتىمىز بولمايدۇ.