كۆزەتكۈچى تورى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019- يىلى 9- يانۋار
ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: بانۇ سۇتۇق
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
2019-01-15
[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]
تۈركىيە ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنى قوغداپ، ئۇلارغا ۋەتەنداشلىق بېرىپ كۆچمەن بولۇشىنى ئاسانلاشتۇرغان، ئۇلار ئۇچرىغان زۇلۇمغا قارشى سۆز قىلغان ئىدى. ئەمما يېقىندىن بۇيان خىتاي بىلەن ئىقتىسادى جەھەتتە دوستلۇق ئورنىتىشىنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىدىن يۈز ئۆرىدى.
ئۆتكەن يىلى 5- ئايدا، مۇھەممەد ئاتاۋۇللاھ ئۈندىدارىدا تەھدىت تۈسىنى ئالغان»ھازىر قايىتمىساڭ، يۇرتىڭنى قايتا كۆرەلمەيسەن» دىگەن ئۇچۇرنى تاپشۇرىۋالدى. گەرچە بۇ ئۇچۇر ئۇيغۇر تىلىدا كەلگەن بولسىمۇ، مۇھەممەد ئۇنىڭ يەرلىك ساقچىلار تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلىكىنى شۇھامان پەرەز قىلدى.
مۇھەممەد بۇ يىل 31 ياشقا كىرگەن بولۇپ، 2016- يىلى يۇرتى خوتەندىن تۈركىيىگە ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن. ئۇ زىيارىتىمىزنى ئەنقەرەدىكى بىر قەھۋەخانىدا قوبۇل قىلدى ۋە تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلىپ بەردى:
«ئۇلار مېنى قايتىپ كەل دىمەكچى. مەن ئۇلارغا بۇ يەردە تۇرىدىغانلىقىمنى ئېيىتسام، ئۇلار بىز بىلەن ھەمكارلاشساڭ سېنى ئاۋارە قىلمايمىز دېدى». خىتاي ساقچىلىرى چەتئەلدە ياشاۋاتقان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارغا مانا مۇشۇنداق تەلەپنى قويغان، يەنى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر يەتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، بۇ تەلەپنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، قايتىپ بارسا قولغا ئېلىنىدىغانلىقى مۇھەممەدكە ئىنتايىن ئېنىق بىر ئىش.
مۇھەممەدنىڭ ئىككى ئىنىسىنى يەرلىك ساقچىلار ئاللىبۇرۇن جازا لاگىرىغا قامىغان. 2018- يىلى 3 – ئايدا ئۇنىڭ ئانىسىنىمۇ قولغا ئالغان. ئۇنىڭ دىيىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر چەتئەلدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بار ئۇيغۇرلارغا ئەنە شۇنداق ئۇسۇلدا زۇلۇم سالىدىكەن.
ئۇنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى خىتاينىڭ 2016-يىلىدىن باشلاپ باستۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىر مىليوندىن كۆپرەك ئۇيغۇر ۋە قازاق مىللەت كىشىلىرىنى جازا لاگىرىغا قامىشىنىڭ كىچىك بىر كارتىنىسى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جازا لاگىرلىرىنى دىنىي ئاشقۇنلۇققا زەربە بېرىش ئۈچۈن قۇرۇلغان دەپ چىڭ تۇرۇۋالسىمۇ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى جازا لاگىرلىرىنىڭ مەقسىدى تۈركىي تىللاردا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ كىملىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە ئۇلارنى دىنغا بېرىلىپ كېتىشتىن توسۇشتىن ئىبارەت دەپ قارايدۇ.
مۇھەممەد تۈركىيىگە چىقىشنى تاللىغاندا، قېرىنداشلىق يۈزسىدىن تۈركىيە ئۇيغۇرلار تەرەپتە تۇرىدۇ دىگەن ئويدا بولغان. مەدەنىيەت ۋە تىل جەھەتتىكى ئوخشاشلىق ئۇزۇندىن بۇيان تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنى باغلاپ كەلگەن. تۈركلەر ئۇيغۇرلارنى ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى مىللىي قېرىنداش دەپ تونۇپ كەلگەن. مۇشۇنداق باغلىنىشنىڭ نەتىجىسىدە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇرۇن ئىزچىل تۈردە دۇنيا سەھنىلىرىدە ئۇيغۇرلار تەرەپتە تۇرغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، خىتايدىكى كەڭ كۆلەملىك جازا لاگىرىغا قاماش خەۋىرى تارقالغاندا تۈركىيىنىڭ جىمجىت تۇرۇۋېلىشى مۇھەممەدنى بەكمۇ ھەيران قالدۇردى.
ھازىرغىچە، تۈركىيە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆز قىلغان، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سىياسەتنى كەڭرى تۇتقان بىردىنبىر دۆلەت ئىدى. ماۋزىدۇڭ 1949-يىلى ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتايدىغان يۇرتنى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن، تۈركىيە بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى قوبۇل قىلغان، 1952-يىلى تەخمىنەن 1850 ئۇيغۇرنى ئىستانبۇل ۋە قەيسېرى شەھەرلىرىگە ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. 1961- يىلى، خىتاينىڭ چەتئەلدە تۇغۇلغان ئاتا-ئانىسى بارلارنى قوغلاش خىزمىتى نەتىجىسىدە ئافغانىستانغا قېچىپ چىققان تەخمىنەن ئىككى مىڭ ئۇيغۇرنىمۇ تۈركىيە قوبۇل قىلغان ئىدى. ئىستانبۇلدا ئولتۇراقلاشقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار زەيتۇنبۇرنۇنى ئۇيغۇرلار رايونىغا ئوخشىتىپ قويغان بولۇپ، كوچىلارنى ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىدىن چىققان لەغمەن، پولو تاماقلىرىنىڭ ھىدلىرى قاپلاپ تۇرىدۇ.
تۈركىيە يەنە ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتىنىڭ رەھبىرى ئەيسا ئالپېتىكىننى تاكى ئۇ 1995-يىلى ۋاپات بولغانغا قەدەر قوغدىغان ئىدى. ئەنقەرە ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پروففىسورى، گېرمانىيىدە قۇرۇلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كاتىپى ئەركىن ئەمەت مۇنداق دېدى: ئاتاتۈرك ۋاقتىدىن باشلاپلا، ئۇيغۇرلارغا تۈركىيىگە كۆچۈپ كېلىش ۋە پۇقرالىقنى ئېلىش ئىشلىرى باشقا كۆچمەنلەرگە سېلىشتۇرغاندا كۆپ ئاسان ئىدى.
2009-يىلى ئۈرۈمچىدە خەن مىللىتى پۇقرالىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەندە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى رەجەپ تايىپ ئەردوغان ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان زۇلۇمنى ئېرقىي قىرغىنچىلىققا ئوخشاتقان ئىدى. 2015-يىلى يەنە خىتايدىن قېچىپ چىقىپ تايلاندتا تۇتۇلۇپ قالغان 500 ئۇيغۇرنى قۇتقۇزۇش ئىشىغا ئارىلاشقان. شۇ سەۋەپتىن خىتاي تۈركىيىنى ئۇيغۇرلارغا يالغان پاسپورت ئىشلەپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ تايلاند ۋە مالايسىيادىن قېچىشىغا ياردەم بەردى دەپ ئەيىپلىگەن ئىدى.
ئەمما يېقىنقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشنى تەرك ئەتكەنلىكىنى ئىپادىلەپ قويماقتا. ئەركىن ئەمەت مۇنداق دېدى: بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا پاسپورت ۋە ئىقامەت تارقىتىشنى توختىتىپ قويدى. پاسپورت ۋە ئىقامەت ئېلىشتا باشقا كۆچمەنلەرگە قانداق تەلەپ قويۇلغان بولسا بىز ئۇيغۇرلارغىمۇ ھازىر شۇ تەلەپ قويۇلىدۇ.
تۈركىيە ھۆكۈمىتى يەنە خىتاينىڭ زۇلۇمىنى ئەيىپلەشنى توختىتىش بىلەن بىرگە، ھۆكۈمەتنى ياقلايدىغان ئاخبارات ئاپاراتلىرىدا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار خەۋەرلەرگە ئورۇن بەرمىدى.
تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئائىلىسىنىڭ روشەن ھالدا ئۆزگىرىشىنى خىتاي بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە باغلاپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن ئىقتىساد جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرتكىسىدە كۈچەيتكەن بولۇپ، خىتاينىڭ بىۋاستە مەبلىغىنى قارشى ئالدى. شۇنىڭ نەتىجىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا چۈشۈرگەن بېسىمىغا ئىگىلىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئىپادىلەپ قويدى.
ئەركىن ئەمەت مۇنداق دېدى: تۈركىيىدە ئىقتىسادى كىرزىس يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي تۈركىيىگە ئۈچ مىليارد 600 مىليون دوللار قەرز بەردى. شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيە جازا لاگىرلىرىغا قارىتا ئىپادە بىلدۈرمىدى.
ئابدۇۋەلى ئايۇپمۇ باشقا ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش تۈركىيە ئۇيغۇرلاردىن يۈز ئۆرىدى دەپ قارايدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي بىز ئۇيغۇرلارنى تۈركچە تاماقلارنى يىگەنلىگىمىز، تۈركىيىدە تىكىلگەن كىيىملەرنى كىيگەنلىكىمىز، تۈركچە ناخشىلارنى ئېيىتقانلىقىمىز ئۈچۈن زۇلۇمغا دۇچار قىلىۋاتىدۇ. ئەردوغان دائىم زۇلۇمغا ئۇچرىغان مۇسۇلمانلارنى قوغدايمىز دەيدۇ. ئۇنداقتا ئۇ نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا بىرەر ئىش قىلىپ بەرمەيدۇ؟ » ئابدۇۋەلى ئايۇپ بۇ سۆزلەرنى قىلغاندا ئاۋازى يۇقىرى چىقىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، بىزدىن ئانچە يىراقتا بولمىغان بىر نەچچە ئەرەپ ساياھەتچى بىزگە ھەيرانلىق بىلەن قاراپ كەتتى.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ بىر تىلشۇناس. ئۇ يۇرتىدا بىر تىل مەكتىپى قۇرغان بولۇپ، مەكتەپنى تاكى 2013 – يىلى قولغا ئېلىنغانغا قەدەر ئاچقان. ئۇ بۆلگۈنچىلىك پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللاندى دىگەن بەتنام بىلەن تۈرمىگە سولىنىپ، 2014 – يىلى 11 – ئايدا قويۇپ بېرىلگەن. ئۇ قويۇپ بېرىلگەندە تىل مەكتىپى ئاللىقاچان تاقىۋىتىلگەن بولۇپ، خىتاي ساقچىلىرى ئۇنىڭ ھەر بىر يۈرۈش-تۇرۇشىنى كۈزىتىدىغان بولغان.
ئۇ بۇ قىيىن كۈنلەردىن بىر مەزگىل قۇتۇلۇش مەقسىتىدە 2015 – يىلى تۈركىيىگە چىققان بولسىمۇ، بۇ يەردىمۇ ئارامچىلىق بولمىغان. ئۇ بىر قېتىم مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىۋاتقاندا، ئىككى خىتاي پايلاقچىسىنىڭ ئۇنىڭ ئارقىسىدا ئولتۇرغانلىقىنى بايقاپ قالغان. ئۇلار ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ كەينىگە چۈشكەن ھەم ئۆلۈم تەھدىتى سالغان. ئابدۇۋەلى تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن قوغدىنىش تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، تەلىپى ئورۇندالمىغان.
ئابدۇۋەلى يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇلار مېنى دائىم ئاۋارە قىلىدۇ، خىتايغا قايتىپ كەت دەيدۇ. خىتاي ئەلچىخانىسى مېنىڭ پاسپورتۇمنى ئىناۋەتسىز قىلىۋەتتى، بىز بىلەن ماسلاشساڭ پاسپورتىڭنى يېڭىلاپ بېرىمىز دەيدۇ. تۈرك ساقچىلىرىدىن قوغدىنىشنى تەلەپ قىلالمايمەن، ئۇنىڭ قىلسام ئېنىقكى ھىچقانداق نەتىجىسى بولمايدۇ. «
ئابدۇۋەلى ھازىر ۋەتەنسىز ھالدا، كۈتكەندەك بىخەتەر بولمىسىمۇ تۈركىيىدە تۇرۇشقا مەجبۇر بولماقتا. ئۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي ئىستىخبارات ئورۇنلىرىنىڭ تېخىمۇ جانلىق ھەمكارلىشىشىنىڭ خەۋپ ئېلىپ كېلىشىدىن ئەنسىرىمەكتە. ئەگەر كىتەلىگەن بولسا گېرمانىيىگە شۇ ھامان كېتىشنى تاللىغان بولاتتى.
ئۇ ئىككى ئاي ئىلگىرى ئىككى قىز قېرىندىشى ۋە بىر ئوغۇل قېرىندىشىنىڭ جازا لاگىرىغا تۇتۇلۇپ كېتىلگەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىپ كۆزلىرىگە ياش ئالدى. مەن ئۇنىڭدىن تۈركىيە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈمۈدىنى نىمە ئۈچۈن يەردە قويدى دەپ سورىغىنىمدا، ئۇ «پۇل دىگەن رەزىل نەرسە ئىكەن» دىگەن جاۋاپنى بېرىپ ئۇھسىندى.
مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.
مەنبە:
https://www.al-monitor.com/pulse/originals/2019/01/turkey-renounces-historic-defense-of-uighurs.html