‎كۆز-قاراش: ج ك پ پارتىيە تەبرىكلەش پائالىيىتىنى باشلىدى، ئەسىرگە سوزۇلغان پارتىيە قانچىلىك يىراققا بارالايدۇ؟

2021- يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنى خىتاي كومپارتىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى بولىدۇ. يۇقۇملۇق كېسەل داۋاملىق يەرشارى خاراكتېرلىق تارقىلىشچان ھالەتتە تۇرىۋاتقاندا، خىتاي بايراملىق سىياسىي كەيپىيات يارىتىش ئۈچۈن، ج ك پ نىڭ ھەر خىل تەشۋىقات ۋاستىلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى باشلىدى. كۆزەتكۈچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «كومپارتىيىنىڭ قانۇنلۇقلىقىنى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تۈزۈمدىكى چىرىكلىكىنى، شۇنداقلا خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئاستىلىشى ۋە ئىجتىمائىي زىددىيەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بار كۈچى بىلەن تەشۋىقاتنى كۈچەيتمەكتە.»

تەجەللى ئابدۇلمەلىك
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021-يىلى 26-يانۋار

 

2021- يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنى خىتاي كومپارتىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى بولىدۇ. يۇقۇملۇق كېسەل داۋاملىق يەرشارى خاراكتېرلىق تارقىلىشچان ھالەتتە تۇرىۋاتقاندا، خىتاي بايراملىق سىياسىي كەيپىيات يارىتىش ئۈچۈن، ج ك پ نىڭ ھەر خىل تەشۋىقات ۋاستىلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى باشلىدى. كۆزەتكۈچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «كومپارتىيىنىڭ قانۇنلۇقلىقىنى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تۈزۈمدىكى چىرىكلىكىنى، شۇنداقلا خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئاستىلىشى ۋە ئىجتىمائىي زىددىيەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بار كۈچى بىلەن تەشۋىقاتنى كۈچەيتمەكتە.»

 

خىتاي كومپارتىيىسى پارتىيە بايرىمىنى تەبرىكلەش تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتىدۇ؛

 

2020- يىلى تارقالغان خىتاي ۋىرۇسىنىڭ يەرشارى خاراكتېرلىق تارقىلىشى يەنىلا ئەۋج ئېلىپ، نەچچە مىليون ئادەمنى يۇقۇملاندۇرۇپ، ھەر كۈنى مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئادەمنى يەپ كەتكەن بولسىمۇ، خىتاي كومپارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، ئاتالمىش خۇشاللىق ۋە تىنچ سىياسىي كەيپىيات يارىتىپ، تەشۋىقاتنى كۈچەيتىشكە باشلىدى.

 

2020- يىلىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي دۆلەتلىك رادىئو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى «خىتاي كۆڭۈلدىكىدەك پارلاق دۆلەت» تېمىسىدىكى ئەسەرلەرنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى ۋە تارقىتىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى، شۇنداقلا «100 يىللىق» ئاتالمىش نادىر ئەسەرلەرنى كۆرگەزمىگە قويدى. بېيجىڭ، دوڭفاڭ، خۇنەن، جياڭسۇ ۋە باشقا سۈنئىي ھەمراھتىن بىۋاستە تارقىتىدىغان تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىدا، خىتاي كومپارتىيىسى تەلەپ قىلغان «خىتاينىڭ ئۇلۇغ، شەرەپلىك، توغرا كومپارتىيىسى» دېگەن مەزمۇندا پروگراممىلار تارقىتىلدى.

 

بېيجىڭدىكى داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇجيا ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بۇ يىل ج ك پ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، ھازىرقى ج ك پ رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي ھاياتىنى ۋە ج ك پ نىڭ زور ئۇتۇقلىرىنى تەشۋىق قىلىشىدىكى مۇھىم تۈگۈن.

 

خىتاي كومپارتىيىسى 1921- يىلى قۇرۇلغان. شۇ يىلى 7- ئايدا، لى دا، لى خەنجۈن، جاڭ گوتاۋ، ماۋ زېدوڭ، خې شۇخېڭ، چېن تانچيۇ، دوڭ بىۋۇ ۋە باۋ خۇيسېڭ (چېن دۇشيۇ پىلانلىغان) قاتارلىق 13 كىشى، خىتاينىڭ 50 تىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، شۇنداقلا ئىككى خەلقئارا كوممۇنىستلار ۋەكىلى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تۇنجى مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا بۇ پارتىيەنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. خىتاي يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق ئۆلچەمچىسى دەپ ئاتالغان بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى چېن دۇشيۇ مەركىزىي ئىدارىنىڭ كاتىپى بولۇپ سايلىنىپ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بىرىنچى رەھبىرى بولدى.

 

1921- يىلى پارتىيە قۇرۇلغاندىن بۇيان، ج ك پ رەھبەرلىرى بىر قانچە ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈردى، ماۋ زېدوڭنىڭ ج ك پ دىكى رەھبەرلىك ئورنى 1935-يىلى «زۇنيى يىغىنى» دا بېكىتىلدى. كېيىنكى 40 يىلدا، ماۋ زېدۇڭ تاكى 1976- يىلى ئۆلگىچە بولغان ئارلىقتا، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ رەھبىرى بولۇپ كەلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، خۇا گوفېڭ، دېڭ شياۋپىڭ، خۇ ياۋوباڭ، جاۋ زىياڭ، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ ۋە شى جىنپىڭلار ئارقا-ئارقىدىن خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبەرلىرىگە ئايلاندى.

 

خىتاي كومپارتىيىسى 1921- يىلى قۇرۇلغان تارتىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانى دەسلەپكى مەزگىلدىكى 50 نەچچىدىن، 90 نەچچە مىليونغا يەتتى. ماۋ زېدوڭ ج ك پ نىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى «بىرلىككە كەلگەن ئالدىنقى سەپ»، «قوراللىق كۈرەش» ۋە «پارتىيە قۇرۇلمىسى» دىن ئىبارەت «ئۈچ سېھىرلىك قورال» نى ئىگىلەش، دەپ خۇلاسىلىدى.

 

ئۆتكەن 30 يىلدا، ج ك پ پارتىيىسى قانۇندىن ئۈستۈن بىر پارتىيە ھالەتتە، مۇستەبىت دىكتاتۇرلۇق بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلدى، تاراتقۇلارنىڭ نازارىتىگە ئۇچرىمىدى. بۇ ج ك پ ئەزالىرى ۋە ئەمەلدارلىرى ئارىسىدا تۈزۈم چىرىكلىكىنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا سەۋەپ بولدى. 21- ئەسىردە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ كەلگۈسى مىسلى كۆرۈلمىگەن كرىزىس ۋە خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە.

 

2012- يىلىنىڭ ئاخىرىدا، شى جىنپىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ باش سېكرېتارى بولغاندا، ئۇ كومپارتىيىنىڭ «چىرىكلىك مەسىلىسى كۈنسېرى ئېغىرلاشماقتا، ئەگەر ۋاقتىدا ھەل قىلىنمىسا پارتىيەنى ئاخىرىدا ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدۇ.» دەپ ئېتىراپ قىلدى. ج ك پ نىڭ تۈزۈمدىكى چىرىكلىك سەۋەبىدىن خەلق تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، شى جىنپىڭ پارتىيە ئىچىدە كەڭ كۆلەملىك چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى باشلىدى.

 

تولۇق بولمىغان ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ 2012- يىلىنىڭ ئاخىرىدا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن «يولۋاسنى ئۇرۇپ، چىۋىننى شاپىلاقلاش» (打老虎、拍苍蝇) ناملىق چوڭ كۆلەملىك چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى باشلىغاندىن بۇيان، ج ك پ نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى دۆلەت دەرىجىلىك جوۋ يوڭكاڭ، مۇئاۋىن دۆلەت دەرىجىلىك سۇ رۇڭ، لىڭ جىخۇا، سۈن جېڭچاي ۋە گو بوكيۇڭ شۈ كەيخۇ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈزگە يېقىن ھەربىي، قوراللىق ساقچى، نەچچە يۈز ئۆلكە ۋە مىنىستىر كادىرى، نەچچە مىڭلىغان ئىدارە دەرىجىلىك ۋە بۆلۈم دەرىجىلىك كادىرلارغىچە، سانسىزلىغان پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىندى.

 

سىياسەتچى ۋاڭ جۇنتاۋ مۇنداق دېدى: «گەرچە كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئەينى ۋاقىتتىكى ماركىس ئوتتۇرىغا قويغان كوممۇنىزمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەقىقىي كۆرەش قىلىدىغانلار ناھايىتى ئاز. كومپارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار ئارىسىدىكى چىرىكلىكنىڭ ئەۋج ئېلىشى دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدى.

 

بېيجىڭلىق پائالىيەتچى خۇ جيا مۇنداق دېدى: «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى شى جىنپىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى. گەرچە بىر تۈركۈم ھەقىقىي چىرىك ئەمەلدارلار جازالانغان ۋە تۈرمىگە تاشلانغان بولسىمۇ، ئەمما شى جىنپىڭنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ يەنە بىر مەقسىتى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش باھانىسى بىلەن ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش ۋە يوقىتىش. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شى جىنپىڭ ئىككىنچى، ئۈچىنچى، ھەتتا تۆتىنچى ئەۋلاد قىزىللارنى، شۇنداقلا بۇ يۈزلىنىشكە مايىل بولغان ئەخمەق ۋە ھايانكەشلىك قىلغۇچىلارنى قوبۇل قىلىدى ۋە يېتىشتۈردى، ھەمدە ئۇ پارتىيىدىكى ئورنى ۋە ئىناۋىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، پارتىيەنىڭ تەقدىرىگە ئايلاندى.» ‎ئۇ مۇنداق دېدى: «كالا تېزىكى چىۋىننى توختىماي جەلپ قىلىدۇ. ج ك پ نىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقى چىۋىننى كالا تېزىكىدىن ئۈزۈل-كېسىل ئۈزۈش. ئەمما ئاچقۇچلۇق مەسىلە بۇزۇلغان كالا تېزىكىنى قانداق يوقىتىش مەسىلىسى، يەنى كونترول قىلىنمىغان ھوقۇق. بۇ خىل ھوقۇق تاراتقۇلار ياكى جامائەت پىكىرى تەرىپىدىن چەكلەنمەيدۇ، چۈنكى كومپارتىگە قارشى ئاۋاز بېرىدىغان خەلق يوق، شۇنداقلا ئۇلار سىياسىي ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن چەكلەنمەيدۇ، چۈنكى ج ك پ بىلەن رىقابەتلىشىدىغان ئۆكتىچى كۈچى ياكى پارتىيە يوق. ئۆزىدىن باشقا سىنىپلارنى مۇتلەق رەت قىلىدىغان ئادەم ياكى گۇرۇپپا جەزمەن ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرالمايدۇ. بۇنداق ئادەم ھەرگىزمۇ ئۆزى ئىنتىزامغا بويسۇنمايدۇ، شۇنداقلا ئۆز-ئۆزىنى ئىنتىزامغا بويسۇندۇرالمايدۇ.

 

خۇ جيا يەنە كومپارتىيە دۇچ كەلگەن تۈرلۈك مەسىلىلەر، خىرىسلار ۋە كرىزىسلار، ھەتتا سىستېمىدىكى بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارمۇ ج ك پ نىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغان ياكى تۇرالمايدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى، ھەمدە ج ك پ نىڭ كەلگۈسى تەقدىرىگە ئۈمىدۋار ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 

سىياسەتشۇناس ۋاڭ جۇنتاۋ مۇنداق دېدى: «مۇستەبىت ۋە چىرىكلەشكەن ج ك پ يۈز ياشقا كىردى. ماركسىزمنى چۈشەنمەيدىغان ۋە ماركسىزمنى سۆزلىمەيدىغان ج ك پ ئەزالىرى شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە جامائەت پىكىرىگە خىلاپلىق قىلىدۇ، بۇرمىلايدۇ، نۇرغۇن يامانلىقلارنى قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا يول قويىدۇ. ئەمدى يەنە 50 ياكى 100 يىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇ ھامىنى تارىخنىڭ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىنىدۇ ۋە تارىخىي نومۇس تۈۋرۈكىگە مىخلىنىدۇ.

 

ئەزىز ئۇيغۇر مىللىتى!
خىتايغا مۇستەملىكە بولغان تارىخمىزدىن بېرى، خىتاي ئۆز ھالاكىتىگە بۇنچىلىك دەرىجىدە يېقىنلاشمىغان ئىدى. جوڭنەنخەينىڭ ئىشىك-دېرىزلىرى، خىتايچە ناتسىست لاگېرلىرىدا، قاراۇغۇ زىندانلاردا ئازاپ چېكىۋاتقان قېرىنداشلىرمىزنىڭ نىداسىدىن تىتىرەۋاتىدۇ ۋە غۇلاپ چۈشۈشكە ئاز قېلىۋاتىدۇ.

 

ھازىرقى پەيت بىرلىشىش، ئىتتىپاقلىشىش پەيتىدۇر، ئۆز -ئارا كەچۈرۈم قىلىش، بىرلىكتە تەرەققىي قىلىش پەيتىدۇر. دۇنيانىڭ قەيەرىدە بىر ئۇيغۇر بولسۇن قان-قېرىندىشىمىز ئورنىدا كۆرۈپ ياردەملىشىش، ئارىمىزدىن سىقىپ چىقىرىش ئەمەس، جەلىپ قىلىپ ئەكىلىش، ئۇخلاۋاتقانلارنى ئويغىتىش، ئويغاقلارنى ماڭدۇرۇش، ماڭغانلارنى يۈگرىتىش، جېنىمىز، مېلىمىز بىلەن ۋە ھەتتا بارلىقىمىز بىلەن خىتايغا ئارام بەرمەي، ھەر قايسى ساھەلەر بويىچە زەربە بېرىش پەيتىدۇر.

 

كومپارتىيە قۇرۇلغانلىقىغا يۈز يىل بولدى. بۇ ئۇيغۇردىگەن نامغا چۈشۈرۈلگەن بىر نۇمۇس دېغى. بۇ زۇلۇمغا خاتىمە بېرىش، بۇ داغنى يوقىتىش ئۈچۈن 21 – يۈز يىلدا مۇستەقىللىق تارىخىمىزنى قايتىدىن يېزىشىمىز كېرەك! بۇ ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ شەرەپلىك ھەم باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى!

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ھىندى ئوكيان - كەلگۈسىدىكى رىقابەت رايونى

پە يانۋار 28 , 2021
ئىككى مىڭ يىلدىن بۇيان ياۋروپا ھۆكۈمرانلىقى بارلىققا كەلگەنگە قەدەر، ھىندى ئوكيان دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ۋە سودا مەركىزى ئىدى، ھەر خىل تاۋارلار ئاسىيادىن ياۋروپا بازارلىرىغا يۆتكىلەتتى. 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياۋروپانىڭ دېڭىز-ئوكياندىكى ھاكىمىيەتلىرى ھىندى ئوكياننى ئاستا-ئاستا ئىنگلىز كۆلىگە ئايلاندۇردى.

You May Like