كورىيەلىك ۋۇمىڭيۈ، نۇرگۈل ساۋۇت خانىم ۋە زىمىستان تورىغا ھۇجۇم قىلدى

كورىيەلىك ۋۇ مىڭيۈ خانىم دىنغا قارشى، خىتاي كومپارتىيىسىنى سۆيىدىغان ئايال ئىكەنلىكى كۆزەتكۈچىلەرگە ئاشكارا ئىش. ئۇنىڭ قىلمىشلىرىدىن خىتايدىن قېچىپ چىققان خىرىسىتىيان مەزھىپى مۇرىتلىرىنىڭ ئىسىم ۋە رەسىملىرىنى قانۇنسىز ئاشكارىلاش، خىتاي بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ يالغان نامايىش قوزغاپ، مەزكۇر ئىلتىجاچىلارنى پاراكەندە قىلىش، كورىيەدە فالۇن گۇمپىسى مۇرىتلىرىغا قارشى سەلبىي تەشۋىقات قىلىش قاتارلىقلار بار

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

تەييارلىغۇچى: ئەردەم

2019-7-10

   

كورىيەلىك  ۋۇ مىڭيۈ خانىم دىنغا قارشى، خىتاي كومپارتىيىسىنى سۆيىدىغان ئايال ئىكەنلىكى كۆزەتكۈچىلەرگە ئاشكارا ئىش. ئۇنىڭ قىلمىشلىرىدىن خىتايدىن قېچىپ چىققان خىرىسىتىيان مەزھىپى مۇرىتلىرىنىڭ ئىسىم ۋە رەسىملىرىنى قانۇنسىز ئاشكارىلاش، خىتاي بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ يالغان نامايىش قوزغاپ، مەزكۇر ئىلتىجاچىلارنى پاراكەندە قىلىش، كورىيەدە فالۇن گۇمپىسى مۇرىتلىرىغا قارشى سەلبىي تەشۋىقات قىلىش قاتارلىقلار بار.

6-ئاينىڭ 20-كۈنى، زىمىستان گىزىتى سىئۇلدا بىر نەچچە تەشكىلات ۋە شەخىسلەر بىلەن يىغىن ئاچقاندا ۋۇ مىڭيۈنى مىسال قىلىپ، ئۆچمەنلىك ۋە تەرەپبازلىقنىڭ جەمىيەتتىكى سەلبىي تەسىرى توغرىسىدا سۆز قىلىنغان. ۋۇ مىڭيۈ بولسا بۇنىڭغا قارىتا يالغان ياۋىداق تۆھمەتلەر بىلەن بىر پارچە ماقالە يىزىپ، ئۆزىنىڭ تور بتىىدە ئىلان قىلغان.

ئۇ ماقالىسىدە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىىكىگە قارشى زىمىستان تور بىتىنى ساختا خەۋەر ئىشلەيدۇ دىگەن، بىراق ھىچقانداق دەلىل كۆرسەتمىگەن. ئۇ يەنە يۇقارقى يىغىننىڭ فالۇن گۇمپىسى ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە تەشكىللىگەنلىكىنى ئىيتىپ، فالۇن گۇمپىسىنى قاتتىق سۆككەن. ئەمەلىيەتتە فالۇن گۇمپىسى مۇرىتلىرى بۇ يىغىنغا ئەسلا قاتناشمىغان. ئۇ يەنە كورىيە بىلەن  خىتاي ھۆكۈمىتى بىرلىشىپ، كورىيەگە خىتايدىن كەلگەن  خىرىستىيان دىنى ئۇششاق مەزھەپ مۇرىتلىرىغا قارشى تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلغان.

ھەيران قالارلىقى، ئۇ ماقالىسىدە «دىنىي ئەسەبىي»ئۇيغۇرلارمۇ يىغىنغا قاتناشقانلىقىنى ئىيىتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆنگەن ئاغزى بويىچە ئۇيغۇرلارنى كونسىرۋاتىزىم ۋە تىرورىزىم بىلەن ئەيىبلىگەن. «ئۇيغۇرلارنى قوللاش ھەرىكىتى»نى قوزغىغان نۇرگۈل ساۋۇت خانىم ھەقىقەتەن يىغىندا سۆز قىلغان بولۇپ، «ئۇيغۇرلارنى قوللاش ھەرىكىتى»دىنىي ھەرىكەت ئەمەس، نۇرگۈل خانىممۇ يالاڭباشتاق ئايال. ئىسلام دىنىدىن ئاددىي ساۋادى بار ئادەم ئاتالمىش «كونسىرۋاتىپ، تىرورىسىت» ئىسلام دىنى مۇرىتى ئاياللارنىڭ ئاممىۋى سورۇندا ھەرگىزمۇ يالاڭباشتاق يۈرمەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

ئىسلام دىنىغا نىسبەتەن، ۋۇمىڭيۈ ئېغىر دەرىجىدە بۇرمىلاپ چۈشىنىشى مۇمكىن، ئۇنىڭ دىنلار ئارا سىلىسشتۇرما تەتقىقات قىلغۇدەك سالاھىيىتىمۇ يوق. بىراق ئۇ بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئىززىتىگە تەگدى، ئۇنىڭ يەكۈنلىشىچە  :«ئىسلام دىنى خىرىستىيان دىنىدىن ئايرىلىپ چىققان بىدئەت مەزھەپ بولۇپ، ئىسلام دىنىنى ئۈچ چوڭ دىننىڭ بىرى دەپ قاراشقا بولمايدۇ». بۇ ئوچۇقلا ئۆچمەنلىك ۋە بىرتەرەپلىمىلىككە تولغان يەكۈندۇر

مەنبە: زىمىستان تورى https://zh.bitterwinter.org/ms-o-insults-islam-uyghurs-refugees-and-bitter-winter/

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ب د ت دا 22 دۆلەت ختتاينى ئۇيغۇر لاگىرلىرىنى تاقاشقا چاقىردى،ئارىسدا بىرمۇ مۇسۇلمان ياكى تۈرك دۆلىتى يوق

چا ئىيۇل 10 , 2019
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئ‍نسانى ھوقۇق يېغىنىدا ،22 دۆلەت تارىخىتا كۆرۇلمىگەن دەرىجىدە بىرلىكتە چاقىرىق قىلىپ ختتاينى لاگىرلارنى تاقاشقا،شەرقى تۈركستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇسۇلمانلارغا مۇئامىلىسنى ئۆزگەرتىشكە چاقىردى. مەزكۇر بىرلەشمە چاقېرىقتا يەنە دۆلەتلەر ختتاينى بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئ‍نسانى ھوقۇق كومېتىتى بىلەن ھەمكارلىشپ،رايونغا كىرىشكە يولغا قويۇشقا دەۋەت قىلدى.

You May Like