ئاسىيالىقلار مەدەنىيەت ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە ئاقساراي كورېيە چولپانلىرىنى تەكلىپ قىلدى

ئاسىيالىقلار مەدەنىيەت ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە ئاقساراي كورېيە چولپانلىرىنى تەكلىپ قىلدى

 ئاسىيالىقلار مەدەنىيەت ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە ئاقساراي كورېيە چولپانلىرىنى تەكلىپ قىلدى

تۇرسۇنجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 31-ماي

ھەر يىلى 5-ئاي  ئامېرىكىدا ئاسىيالىق، ھاۋايلىق، تىنچ ئوكيانلىقلار مەدەنىيەت ئېيى بولۇپ، نەچچە ئون مىليون ھىندىستانلىق، فىلىپپىن، خىتاي، ئەرەب، تۈرك ، ياپون، كورېيە، ۋىيېتناملىق پۇشتىدىن كەلگەن ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ مەدەنىيىتى ، ئامېرىكىغا قوشقان تۆھپىسى تەبرىكلىنىدۇ.

بۈگۈن بۇ ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنىدە ئاقساراي دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئاسىيالىق چولپانلارنى ئاقسارايغا تەكلىپ قىلىپ ئامېرىكىدا ئەۋج ئالغان ئاسىيالىق ئىرقىغا قارشى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى ئەيىبلىدى. 

كورېيەنىڭ «ب ت ئەس »مودا گۇرۇپپىسى- گىراممى مۇكاپاتىغا تەۋسىيە قىلىنغان بولۇپ، چوڭ مۇزىكا مۇكاپاتلىرى ۋە دۇنيا ياشلار ئۈلگىسى مۇكاپاتىنى ئالغان.دۇنيادا يۈز مىليوندىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىسى بار دەپ قارىلىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بىرى ئامېرىكىدا بىر قىسىم ئاق تەنلىكلەردىن باشقا ئىرقلارنىڭ كېتىشنى تەلەپ قىلىدىغان، كۆچمەنلەرنى چەكلەيدىغان ئېقىم كۈچىيىپ، قارا تەنلىك ۋە ئاسىيالىقلارغا ھۇجۇم قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرىدىغان قانلىق ۋەقەلەر كۆپلەپ يۈز بېرىپ ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ باش ئاغرىقىغا ئايلانماقتا. ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى بۇ ۋەقەلەرنى دۆلەت ئىچى تېررورىزىمى دەپ ئاتاپ، ئامېرىكىنىڭ بىرلىكى، دۆلەت بىخەتەرلىكى ، خەلقئارا ئوبرازىغا ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ قارىماقتا.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

تېخنىكا خەۋەرلىرى: فايس بۇك باش مەشغۇلات ئەمەلدارى شىرلى ساندىربىگ تەختتىن چۈشتى

پە ئىيۇن 2 , 2022
تېخنىكا خەۋەرلىرى: فايس بۇك باش مەشغۇلات ئەمەلدارى شىرلى ساندىربىگ تەختتىن چۈشتى

You May Like