كوممۇنىستىك پارتىيە ئېتىراپ قىلىشقا ئۇنىمايۋاتقان جۇڭگودىكى جازا لاگىرى ھەققىدە شىۋېتسىيىنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان« شىۋېتسىيە كۈنلۈك گېزىتى» نىڭ 17-ئىيۇن خەبىرى ئولا ۋاڭ (مۇخبىرى ۋە ستون يازغۇچىسى) نەۋباھار تەرجىمىسى (ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى تور بېكىتىگە تەرجىماننىڭ ھاۋالىسى ۋە رۇخستى بىلەن يوللاندى) كوممۇنىستىك پارتىيە شىنجاڭ رايونىدا جازا لاگىرلىرىنى تەسىس قىلىپ كۆپ ساندىكى مۇسۇلمان ئاھالىسىنى يىغىۋېلىپ مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا. بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەيمەنكى، بۇ خىل قىلمىشقا نىسبەتەن دۇنيا بىر كۆزىنى يۇمۇۋېلىش پوزىتسىيىسىدە بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئېنىق بولغان مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا يۈزنەچچە مىڭ ياكى مىليونلارچە كىشىلەر گۇناھكار دەپ قارىلىنىپ بۇ خىل جازا لاگىرلىرىغا قامالغان ياكى داۋاملىق تۈردە ئەركىنلىكى دەخلى تەرۇزغا ئۇچراپ ، قىيىن قىستاقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا. ئۇلارنىڭ ئىچىدە جۇڭگو بويىچە داڭلىق پۇتبول چولپىنى 19 ياشلىق ئېرفان ھېزىمنىڭ چەتئەلگە چىقىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن فېۋرالدىن باشلاپ قولغا ئېلىنغانلىقى مەلۇم . ئېرفان ئىلگىرى ئسپانىيە ۋە دۇبەيگە بېرىپ پۇتبول مەشقىگە ۋە مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بولۇپ، خەلقارالىق پۇتبول كومىتېتى (فىفپرو) چارشەنبە كۈنى ئېرفاننى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان. جۇڭگونىڭ غەرپ تەرىپىگە جايلاشقان شىنجاڭ رايونى(شەرقىي تۈركىستان) ، قەدىم تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە باشقا تۇركىي خەلقلەرنىڭ ئانا ۋەتىنى بوپ كەلگەن.ئېكونومىست ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان كىشىنى چۆچىتىدىغان بىر خەبەردە جازا لاگىرىنىڭ سىرتىدا يەنە 11 مىليون ئاھالە بولۇپ،ئۇلارنىڭ ئىرقچىلىق ۋە ھاكىم مۇتلەقلىق ھۆكۈم سۈرگەن ئىرقىي قىرغىنچلىق سېستىمىسى ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ خىل تۈزۈمنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ھەر قانداق بىر ماددىسىغا خىلاپ قىلمىش بولۇپ، بۇ خىل قىلمىشنى قاتتىق ئەيىپلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىنسان ھەقلىرىگە قارشى قىلمىشلارنىڭ ئەڭ تىپىك مىساللىرىنى شىنجاڭ رايونىدا ئۇچرىتىش تامامەن مۇمكىن. دۇنيا جامائىتى كۆپ ھاللاردا بۇ خىل قىلمىشلارغا قارشى ئانچە پىسەنت قىلىپ كەتمەسلىك پوزىتسىيىسىدە بوپ كەلگەن. شىۋېتسىيە ساياھەتچىلىك شىركەتلىرىمۇ قەدىمىي يىپەك يولىغا ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ تەشۋىق قىلىش ئېلان ئىشلىرىنى قوللاپ كەلمەكتە. كىتابىنىڭ ئاپتورى <<The Sacret Routes of Uyghur History>> تەتقىقاتچى ۋە يازغۇچى رىئان تۇم خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان بارلىق كىشىلەرنى جۇڭگونىڭ بۇ خىل قىلمىشىغا نىسبەتەن داۋاملىق سۈكۈتتە تۇرماسلىققا چاقىرغان.ئۇ سۆزىدە دۇنياغا داڭلىق شىركەتلەردىن بىرى بولغان كرافت ھېنىزنىڭ پەمىدور قىيامى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن كېرەك بولغان خام ئەشيالارنى شىنجاڭدىن كەلتۈرىدىغانلىقىنى ۋە شۇ سەبەبتىن شىنجاڭدىكى ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق ۋاستىلارنى قوللىنىپ شىنجاڭدا نازارەت ئاستىدىكى جەمىيەتنى پەيدا قىلغان. بارلىق ئۇيغۇرلار تېلېفونلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ياسالغان ئىشپىيونلۇق ئەپلىرىنى قاچىلاشقا مەجبۇرىلىندۇ.بۇ خىل سىستېمىدا شەخسىيلەرنىڭ كامېرا ۋە يانفونلىرىدا ساقلانغان مەلۇماتلارغا ۋە توك سەرپىياتىغا ئاساسەن ئاپتوماتىك سىستېما ئارقىلىق ئوقۇپ گۇمانلىق دەپ قارالغان كىشىلەرنى قىينالمايلا قولغا ئالغىلى بولىدۇ. گەرچە كوممۇنىستىك پارتىيە مەتبۇئات يۈزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ساقلاشقا يول قويۇلىدۇ دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدىغان رامازان ئېيىدا چوشقا گۆشى يېيىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا مۇسۇلمانچە ئىسىم قويۇشنى چەكلەش قاتارلىقلىق قەبىھ ۋاستىلەرنى قوللانغان. ئىنسان ھەقلىرى كۆزنىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ يەنە مەجبۇرىي ھالدا خىتاي مەمۇرى كادىرلىرىنى ئۆيىدە ئۇزۇن مەزگىل بىللە تۇرۇش ئۈچۈن ئائىلىگە ئەزا قىلىپ”بېقىۋېلىش” قا ئوخشاش ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىلىدىغان كونتروللۇقنى ۋە نازارەتنى كۈچەيتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل جازا لاگىرىدا يېتىپ چىققان بىرىنىڭ ۋاشىنگتون پوستى گېزىتىگە بەرگەن ئىسپاتىدا، ئۇ جازا لاگىرىدا ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ مەجبۇرىي ھالدا كوممۇنىست پارتىيىنىڭ تەشۋىقات شۇئارلىرىنى سائەتلەرچە ئۆگىنىشكە ،كۈن بويى قىزىل ئىنقىلاپ ناخشىلىرىنى ئېيتىشقا ، پارتىيىنىڭ شۇئارلىرىنى يادلاپ، رەئىس شىجىنپىڭغا ھاياتىي بويىچە رەھمەت تەشەككۈر بىلدۈرۈشكە مەجبۇرىلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. مېڭە يۇيۇش جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە خەلقئارالىق مېدىيالاردا تىلغا ئېلىنىدىغان بىر قانچە كەلىمىلەردىن بىرى بولۇپ، ئىنقىلاپتىن بېرى ، ئۈزلۈكسىز تۈردە زەربە بېرىش، تەنقىت ۋە ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىشنى قانات يايدۇرۇش، خەلق ئاممىسى ئۈستىدىن كۈرەش قىلىش، پارتىيىنىڭ ئىدىئولوگىيىسىنى سىڭدۈرۈپ، تەكىتلەتكۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىنىشتىن ئىبارەت ۋاستىلەر ئاللىقاچان كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ ئاھالىنى كونترول قىلىش ستراتېگىيىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەنىدى. كوممۇنىستىك پارتىيە ئۇ يەردىكى جازا لاگىرىنى ئىنكار قىلىۋاتىدۇ. ئەمما كوممۇنىستىك پارتىيە بۆلگۈنچى كۈچلەر ۋە تېرورىستلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان زوراۋانلىق ھەركەتلىرىگە قارشى «ئادالەت قالقىنى»نى كۆتۈرۈپ كەلمەكتە. 2013-يىلى بىر نەپەر تېرورىست دەپ قارالغان ئۇيغۇرنىڭ بېيجىڭدىكى تىيەنئەنمېن مەيدانىغا كىرىشى ۋە 2014-يىلى كۈنمىڭ شەھرىدە بىر تۈركۈم قوراللىق ئۇيغۇرلارنى يەنى 30 غا يېقىن كىشىنى پويىز ئىستانسىسىدا ئۆلتۈرۈشتەك ۋەقەلەر يۈز بەردى.جۇڭگونىڭ ۋە سۈرىيە تەرەپ ئەمەلدارلىرىنىڭ قارىشىچە 1500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئى س بىلەن ياكى تېرورلۇق تەشكىلاتى دەپ قارالغان نۇسرا تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىقى بارمىش. شىنجاڭ يېڭىدىن قۇرۇلغان ھاكىم مۇتلەقلىق ھۆكۈم سۈرىۋاتقان دۆلەتنىڭ تەجرىبىخانىسىغا ئايلىنىپ قالماقتا. كوممۇنىستىك پارتىيە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا ۋە دۇنيادىكى بەزى دۆلەتلەردە بۇ خىل ھەرىكىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرىشى دۇنيانى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان نۇقتىلارنىڭ بىرىدۇر.
كوممۇنىستىك پارتىيە ئېتىراپ قىلىشقا ئۇنىمايۋاتقان جۇڭگودىكى جازا لاگىرى
كوممۇنىستىك پارتىيە ئېتىراپ قىلىشقا ئۇنىمايۋاتقان جۇڭگودىكى جازا لاگىرى ھەققىدە شىۋېتسىيىنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان« شىۋېتسىيە كۈنلۈك گېزىتى» نىڭ 17-ئىيۇن خەبىرى ئولا ۋاڭ (مۇخبىرى ۋە ستون يازغۇچىسى)