خىتاينىڭ راكىتا پارچىسى، ۋۇخەن تەجرىبىخانىسى ۋە لاگىرلار

خىتاينىڭ تيەنگوڭ ئالەم پنكىتىغا تەرىبىخانا مودىلى يەتكۈزۈش ئۈچۈن قويۇپ بېرىلگەن راكىاتىسى 30 ‏-ئىيۇل كۈنى يەر شارىغا موللاق ئاتقان. بۇ خىتاينىڭ يېقىنقى 3 يىل ئىچىدىكى 3 ‏-قېتىملىق ئالەم قاتناش راكىتا قازاسى بولۇپ، راكىتا پارچىلىرى بۇ قېتىم شەرقى جەۇبى ئاسىياغا، ئالدىنقىلىرىدا ئافرىقا ۋە ھىندى ئوكيانغا چۈشكەن.

خىتاينىڭ راكىتا پارچىسى، ۋۇخەن تەجرىبىخانىسى ۋە لاگىرلار

 

 

  ( «زىمىستان» تورىدا بۈگۈن ئېلان قىلىنغان مۇشۇ تىمىدىكى ماقالىنىڭ قىسرقارتىلما تەرجىمىسى)

 

   كۆك بايراق

       خىتاينىڭ تيەنگوڭ ئالەم پنكىتىغا تەرىبىخانا مودىلى يەتكۈزۈش ئۈچۈن قويۇپ بېرىلگەن راكىاتىسى 30 ‏-ئىيۇل كۈنى يەر شارىغا موللاق ئاتقان. بۇ خىتاينىڭ يېقىنقى 3 يىل ئىچىدىكى  3 ‏-قېتىملىق ئالەم قاتناش راكىتا قازاسى بولۇپ، راكىتا پارچىلىرى بۇ قېتىم  شەرقى جەۇبى ئاسىياغا، ئالدىنقىلىرىدا ئافرىقا ۋە ھىندى ئوكيانغا چۈشكەن.

    بۇ قازا خەۋىرى دەرھاللا ۋۇخەن تەجرىبىخانىسى بىلەن  شەرقى تۈركىستاندىكى لاگىرلارنى ئېسىمگە سالدى. چۈنكى ھەر ئۈچىنىڭ زىيان-زەخمەت ۋە سەۋەپلىرىدە ئوخشاشلىق بار:  ھەر ئۈچىدە ئىنسانلىق ئالىمىگە كەلتۈرلگەن ۋە كەلتۈرۈلۈشى مۈمكىن بولغان ئوخشمىغان دەرىجىدە  ئاپەت خارەكتىرلىك زىيان بار.  ھەر ئۈچ ۋەقەدە خەلقئارا جامائەت خىتايدىن ئۇچۇر ئوچۇقلۇقىنى تەلەپ قىلغان.  مەنچە بۇ ئۈچ ئاپەت بىۋاستە بولمىغان تەقدىردىمۇ ۋاستىلىك ھالدا بىر-بىرىگە  باغلىنىشلىق: ھەر ئۈچ ئاپەتنىڭ ئارقىسىدىكى قوزغاتقۇچ ئامىل :   خىتاينىڭ قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلىنىش ۋە دۇنياغا خوجا بولۇش ئىشتىھاسىدۇر.

      خىتاي، ئۇيغۇرلارنى مەزكۇر غايىسىگە، جۈملىدىن «بىر يول بىر بەلباغ پلانى»غا توسالغۇ دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن،  شەرقى تۈركىستاندا 380 نەچچە  لاگىرنى قۇرۇپ چىقتى ۋە بۇ قورالى بىلەن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.

 دۇنيادا 3 مىليوندىن، ئامېرىكىدا 1 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ۋۇخەن تەجربىخانىسىدىن چىققانلىقى تەخمىن قىلىنىۋاتىدۇ. ئەمما خىتاي دۇنيادىكى دۆلەت ئوبرازىنى قوغداش ئۈچۈن، بۇ تەجرىبىخانىنى تەكشۈرۈشكە يول قويمىدى. ۋىرسۇنىڭ مەنبسىنىڭ ئېنىقسىزلىقى زىياننى ئۇلغايتتى. بۇ ئىككى ئاپاەتنىڭ ھېسابى سورالمىغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي بۇنىڭدىن جاسارەت ئالدى:  دۆلەت ئىچىدە ئۆز پۇقرالىرىنى خالىغانچە باستۇردى؛ دۆلىتى ئىچىدىكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى قىرغىن ۋە ياكى ئاسمىلاتسىيە قىلدى؛ جەنۇبى دېڭىزدا قوشنىلىرىغا تەھدىت سالدى؛  ئافرىقىدىكى نامرات دۆلەتلەرنى  قەرزىگە بوغۇپ  تىلىنى گاچ قىلدى، ب د ت دا دىكتاتور دۆلەتلەرنى ئە تراپىغا يىغىپ دۇنيانىڭ تەرتىپ نىزامىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنىۋاتىدۇ. مانا بۇ «تەرەققىيات»نىڭ  خەلقى ئالەم كۆزى بىلەن كۆرەلەيدىغان  تۇتقۇلۇق بىر پاكىتى دەل شۇ راكىتا پارچىلىرىدۇر.

  مەيلى » شى جىنپىڭنىڭ چۈشى » دەيلى، مەيلى » خىتاي مىللىتىنىڭ قايتا گۈللىنىشى» دەپ ئاتايلى، يەر شارىدا يولچىسى  نەپىسىنى يېتىشتۈرەلمەي ئىلگىرىلەتقان بىر سەپەر بار، بۇ خىتاينىڭ قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلىنىش سەپىرىدۇر. بۇ سەپەرنىڭ نۆۋەتتىكى قۇربانلىرى شەرقى تۈركىستاندا لاگىردا ئۆلۈۋاتقانلار ۋە  دۇنيادا خىتاي ۋىرۇسى ۋاباسىدا ئۆلۈۋاتقانلاردۇر؛ بۇ قېتىم يەر شارىغا ئۇرۇلغان ۋە ئەمما تېخى ئىنسان قازاسى كەلتۈرۈپ چىقارمىغان راكىتا پارچىلىرى، مەزكۇر سەپەرنىڭ كەلگۈسىدىكى قۇربانلىرىنىڭ خەۋەرچىسىدۇر. 

   دۇنيا، بۇ ئۈچ ئاپەتنى كۆزدە تۇتۇپ ، خىتايغا ھىچ بولمىدى دېگەندە بىر » سۈرئەت جازاسى» بېرىشى كېرەك، دۇنيادا قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلىنىشنىڭمۇ بىر قائىدىسى- نىزامى بارلىقىنى يەنى ھەددىنى بىلدۈرۈپ قويۇش كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەت بىلەن كىلىمات سۆھبىتى ئېلىپ بېرىش ۋە ئولىمپىك ئويناشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن، بۇنىڭ بەدىلى ئېغىر بولىدۇ، بۇ بەدەلنى «ئويۇنچىلار» تۆلىمىگەن تەقدىردىمۇ ئەۋلاتلىرى تۆلەيدۇ. راكىتا پارچىسىدىن كېلىۋاتقان سىگنال بۇ.

   ئامېرىكا ئاۋىاتسىيە ۋە ئالەم قاتناش ئىدارىسى( NASA)نىڭ باشلىقى بىل نېلسون ئەپەندى، 30 ‏-ئىيۇل كۈنىدىكى باياناتىدا، خىتاينى «ئالەم قاتنىشىدا  مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ھەركەت قىلدى » دەپ ئەيىپلىدى ۋە ئۇچۇردا  ئوچۇق-يورۇق بولۇشقا چاقىردى.  خىتاينىڭ كونترولسىز چوڭ دۆلەت سەپىرىنىڭ قۇربانلىرى بولۇش سۈپىتىدە، ئۇيغۇرلار، يۇقارقى چاقىرىقلارنىڭ كارغا كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا بىر ئۇيغۇر تورچى ۋەزىيەتنى مەسخىرىلىك ھالدا مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: «خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبىدىن يەر شارىدا ئىناسنلار ماسكىسىز ماڭالمايدىغان بولۇپ قالدى، ئەمدى خىتاينىڭ راكىتا پارچىلىرى سەۋەبىدىن تۆمۈر قالپاقسىز ماڭالمايدىغان  بولۇپ قالارمىزمۇ ؟

  ھەقلىق بىر ئەندىشە، خىتاينىڭ 2017 دىكى  بالايى-ئاپىتى لاگىرلار، 2019 ‏-دىكىسى ۋىرۇس ۋاباسى، 2020، 2021 ۋە 2022 دىكىسى راكىتا پارچىسى، كېلەر قېتىمقىسى نىمە بولار؟ مەنچە كېلەر قېتىمقىسىنى تۆمۈر قالپاق قوغداپ قالالمايدۇ، ئەشۇ قالپاقنىڭ تېگىدىكى كاللىدىكى بىر چاڭگال قېتىق  توغرا ئىشلىشى، خىتاينىڭ تەرەققىياتىنىڭ نەدىن نەگە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى تونۇشى كېرەك!.

UT-Uyghur Reporter 3

Next Post

تارىخى پارتىلاتقۇچ خەۋەر: بىرلەشكەن دۆلەتلەردوكلاتىدا:ئۇيغۇرلارغا قارشى« مەجبۇرى ئەمگەك » مەۋجۇت ،ئ‍نسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئ‍شلەنمەكتە؛

سە ئاۋغۇست 16 , 2022
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاخىرى ختتاي ھاكىېمىيتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركى مۇسۇلمان خەلقلەرگە قارشى ئىلىپ بىرىۋاتقان جىنايى قىلمشلىرى ھەققىدە رەسمى دوكلات ئىلان قىلدى. مەزكۇر دوكلاتتا دىيشلىچە، «ختتاينىڭ بەزى مەجبۇرى ئەمگەك ۋەقەلىرى - ئ‍نسانىيەتكە قارشى جىنايەت كەبى قۇل قىلىشقا يېتىدۇ» دىگەن.

You May Like