كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ب د ت نى شەرقى تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق كىرزىسىغا قارىتا ھەرىكەت قوللىنىشقا مۇراجىئەت قىلدى

ئامېرىكا ئاۋازى خىتايچە تورىنىڭ 14-مارت خەۋىرىگە كۆرە، ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلاردىن «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇلازىمىتى» (International Service for Human Rights) 3-ئاينىڭ 14-كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتىتى شەرقى تۈركىستاندىكى «كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق كىرزىسىنى» ئالدىن ئورۇنغا قۇيۇپ ھەل قىلىشى، شەرقى تۈركىستاندا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى، ھەمدە خىتاينىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشى كېرەك ئىكەن.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 14- مارت

«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ جەنۋەدىكى ئىش بىجىرىش ئورنىنىڭ مودىرى جون فىشېر (John Fisher) مۇنداق دېدى:« ب د ت كشىىلىك ھوقۇق ئورگىنىنىڭ شىنجاڭغا (ش ت) ئەركىن كىرىپ چىقىش مۇراجىئەتلىرىگە قارىتا، خىتاي نەچچە ھەسسە ئىنكار قىلىش ۋە ساختا ھىكايىلەر بىلەن ئىنكاس قايتۇرىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەر قايسى دۆلەتلەرنى بۇ رايۇندىكى مۇسۇلمانلار باشتىن كەچۈرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق قاباھەتلىرىنى ئەيىبلىمەسلىك ئۈچۈن بېسىم قىلىۋاتىدۇ»، «كىشىلىك ھوقۇق كومىتىتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىرلىكتە نارازىلىق بىلدۈرۈشى، ھەمدە مۇستەقىل تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك.»

«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەنىڭ يېقىنقى تەرەققىياتىنى كۆزدە تۇتقاندا، ب د ت ئوچۇق مۇراجىئەت ئېلان قىلىپ، «شىنجاڭ (ش ت) ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار ئوبىكتىپ، مۇستەقىل ۋە كەسپىي ئۇچۇرلارنىڭ تەمىنلىنىشىنى تەلەپ قىلىش كېرەك» ئىكەن. ھەر قايسى دۆلەتلەرمۇ خىتاينى ئاز سانلىق مۇسۇلمان جامائىتىگە قاراتقان بارلىق زىيانكەشلىك سىياسەتلىرىنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىشى كېرەك بولۇپ، بۇ سىياسەتلەر ئائىلەرنى پارچىلاش، مەدەنىيەت مىراسلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە يوقىرى تېخنىكا بىلەن ئىز قوغلاش، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنى نازارەت قىلىش ۋە قورقۇتۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. 

مەنبە: ئامېرىكا ئاۋازى خىتايچە تورى

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

دونالد ترامپ: «خىتاي ۋىروسى» دەپ ئاتاش ئىنتايىن توغرا !

سە مارت 17 , 2020
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ سەيشەنبە كۈنى (17-مارت) «خىتاي ۋىروسى» دېگەن سۆزنى قوللانغانلىقىنى ئاقلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىروسنى ئامېرىكا ئارمىيىسى خىتايغا ئېلىپ كەلگەن دەپ يالغان ئۇچۇر تارقاتقانلىقى تۈپەيلىدىن قوللانغان. ئۇ بۇ سۆزنى قوللىنىشتا ۋىروسنىڭ كىلىش مەنبەسىنى كۆزدە تۇتقان بولۇپ، بۇ «ئىنتايىن ئىنىق» ئىكەن.

You May Like