كىم ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن گەپ قىلىدۇ ؟

دۇنيا پەلەستىن ۋە روھىنگىيا مۇسۇلمانلىرىغا قىلنغان زۇلۇملارنى ئەيپلەپ باياناتنامىلەر ئىلان قىلۋاتىدۇ . لىكىن خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلنغان زۇلۇملارنى ئەيىپلەيدىغان باياناتنامىلەر قەيەردە؟

 

تاسنىم نازىر (Tasnim Nazeer )

ئېلان قىلنغان ۋاقتى: 2018-يىلى 19- سنتەبىر

ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى : رۇسسو

ئۇيۇشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

  دۇنيا پەلەستىن ۋە روھىنگىيا مۇسۇلمانلىرىغا قىلنغان زۇلۇملارنى ئەيپلەپ باياناتنامىلەر ئىلان قىلۋاتىدۇ . لىكىن خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلنغان زۇلۇملارنى ئەيىپلەيدىغان باياناتنامىلەر قەيەردە؟ تارىختا كۆرلۈپ باقمىغان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ يىغۋېلىش لاگىرلىرىغا قاملىشى تولىمۇ ئېچىنشلىق بىر ئەھۋالدۇر. قايسى، ھۆكۈمەت، قايسى دۆلەت ، قايسى تەشكىلات ۋە قايسى لىدىر ھەركەتكە كىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكىنى قولىغا ئېلىپ بىرىدۇ؟ پەقەت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ۋە كەمستىش قىلمشلىرىنى ئەيپلەشلا ئەمەس ، بەلكى ئولارنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا قىلغان ئىنسان قېلپدىن چىققان مۇئامىلسى ھەققىدە خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىش بىرخىل ۋىجدانىي مەسئۇلىيەتتۇر. خىتاي ھۆكۈمتى جۇڭگۇنىڭ غەربىي شىمالىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ۋەھشى باستۇرۇش ھەركىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ دىنىنى ئىنكار قىلشقا ۋە خىتاي كومىنسىت پارتيسىنى مەدىھيلەشكە مەجبۇرلانماقتا. مەسجدلەر ئادەمسىز، روزا تۇتۇش ۋە دىني مائارىپ تەربىيسى ئېلىش قاتتىق چەكلەنگەن بولۇپ ئىسلام دۈشمەنلىكى ھۈكۈمەت تەرپىدىن دەستەكلىنىپ كۈچەپ تەشۋىق قىلنماقتا. خىتاينىڭ سىياسى ۋە ئىقتسادى كۈچى ھىچقانداق بىر دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرى ئۈچۈن سۈكۈت قىلىپ تۇرۋېلىشىنىڭ باھانسى بولالمايدۇ. دۇنيا پەلەستىن ۋە روھىنگىيا مۇسۇلمانلىرىغا قىلنغان زۇلۇملارنى ئەيپلەپ باياناتنامىلەر ئىلان قىلۋاتىدۇ . لىكىن قېنى خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلنغان زۇلۇملارنى ئەيىپلەيدىغان باياناتنامىلەر؟ شىنجاڭنى (شەرقىي تۇركىستاننى ) 30 يىل تەتقىق قىلغان جەمىس ۋىلۋارد (James A Wilward ) ، گاردىيان گىزىتىدە بەرگەن خەۋىرىدە مۇنداق دېگەن « 2017- يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان زۇلىمى تارىختا كۆرلۈپ باقمىغان چەككە يەتتى .» مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرىنىڭ خىتاي پىرزدىنتى شى جىنپىڭ بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالى تۇغرۇلۇق گەپلىشىشىنىڭ بەدىلى زادى قانچىلىك ؟ خىتايدىن كىلدىغان مەبلەغ ھاياتى خەۋىپ ئىچىدە قالغان نەچچە مىليۇن گۇناھسىز ئۇيغۇر مۇسۇلماننى سېتۋىتشنىڭ سەۋەبىمۇ؟ كىشىنى تېخىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈردىغىنى ، مىسىر ھەتتا سەئۇدى ئەرەبستاندەك دۆلەتلەرمۇ خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۋەتمەكتە. ئۇيغۇرلارنىڭ قارشلىق ھەركىتى، خىتاينىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك قەستەنلىك بىلەن ئېلىپ بارغان كەمسىتىشلىرىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەركەتتۇر. بىيجىڭ ب د ت گە باشتا شەرقىي تۇركستان ئىسلام ھەركىتىنى تېرورلۇق تەشكىلاتى دەپ قارايدىغان ھۆججەتلەرنى سۇنۇپ «ئاگاھلاندۇرۇش» بەردى . بۇنىڭدىن كىين ئۇيغۇرلارغا قارتىلغان باستۇرۇش باشلاندى ۋە بىر مىليۇنغا يېقىن ئۇيغۇرنى «تېرورىزمغا قارشى » لاگىرلىرىغا قامىۋېلىش دەرىجسىگە يىتىپ باردى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتنىڭ ئىلان قىلغان دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا ، مىسردا ئىككى يىل ئوقۇپ 2015- يىلى ۋەتىنگە قايتقان بۇ زەينەپ ئابدۇرېشىت، مارتتا تۇتۇقلانغان ۋە مەخپى بىر سوت ئىچىش نەتىجسىدە 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلنغان. ئاۋغۇستتا ئىلان قىلنغان خەلقئارالىق مىدىيانىڭ خەۋرىدە، 6-ئايدا خىتاي مائارىپ ئورگانلىرى ئۇيغۇرلار مۇتلەق كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدىغان خوتەن ۋىلايىتىدە مەكتەپلەردىكى كوللىكتىپ پائالىيەت ، ئاممىۋىي پائالىيەت ۋە مەكتەپنىڭ باشقۇرۇش سىستملىرىدا ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلتىشنى چەكلەش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن . ئىلان قىلنغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، ئائىللەرنىڭ بارلىق قۇرئان ۋە دىني كىتابلارنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخللىرىنى ۋە ھەرقانداق دىني بويۇملارنى ھۆكۈمەت دائىرلىرىگە تاپشۇرشى تەلەپ قىلنغان ۋە ئۇنداق بولمايدىكەن جازالىندىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. گەرچە ئۇيغۇرلاغا قارتا ئېلىپ بېرىلغان زۇلۇم بارغانسىرى دۇنيانىڭ كۈچلۈك دىققەت ئىتىبارىنى قوزغاۋاتقان بولسىمۇ لىكىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى بېسىم قىلىش ۋە ھەركەتكە ئۆتۈش يوق دىيەرلىك بولىۋاتىدۇ. خىتاي خەلقئارالىق تىجارەت مەركىزىگە ئايلىنۋاتىدۇ. مانا بۇ كىشىنىڭ دىلىنى سۇندۇردىغان سۈكۈت ۋە ئادالەتسىزلىكنىڭ سەۋەبىنىڭ بىر قىسمى . لىكىن دۇنيا دۆلەتلىرى يەنە قاچانغىچە بۇ سۈكۈتىنى داۋام قىلدۇرالايدۇ ؟ مەنبە: https://m.huffingtonpost.co.uk/entry/who-will-stand-up-for-uighur-muslims-in-china_uk_5ba157bce4b086ac5a9e087c?guccounter=1   ئەسكەرتىش : تاسىم نازىر ئەنگىليەلىك مۇسۇلمان ئايال يازغۇچى ، مۇخبىر ۋە ب د ت « دۇنياۋي تىنچلىق فېدراتسىيسى» نىڭ ۋەكىلى . ئو ئەلجەزىرە، خاففىڭتون پوچتسى، س ن ن، ب ب س، فوربىس ، ت ر ت ئىنگلىزچە قانىلى ۋە ئوتترا شەرىق كۆزى قاتارلىق مىدىيا ۋە گىزىتلەرنىڭ يازغۇچىسى. مېدىياچىلىقتا كۆرسەتكەن تۆھپسى ئۈچۈن 2013- يىلدا « ئىبن باتتۇتا مۇكەممەللىيەت » موكاپاتىغا ئېرشكەن .

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

مۇستەملىكە دەۋرىدىكى ئەڭ يۇقىرى ئۇيغۇر باشلىق قولغا ئېلىندى! نۇر بەكرىنىڭ تەرجىمھالى ۋە باھا 

جۈ سېنتەبىر 21 , 2018
ختتاي كومپارتىيسى باشقۇرۇشدىكى مەركىزى تېلۋىزىيە ئستانسى بېيجىڭ ۋاقتى 2018-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 8:00 دە دۆلەت بويىچە بىر تۇتاش خەۋەر تارقىتىپ ،دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئسلاھات كومتىتى پارتيە گۇرۇپپىسى ئەزاسى،مۇئاۋىن مۇدىر،دۆلەت ئىنرگىيە ئىدارسى پارتكوم سىكىرتارى ،ئىدارە باشلىقى نۇر بەكرىنڭ ئىنتىزامغا ئىغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن پارتىيە مەركىزى كومېتىتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومېتىتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئىلان قىلدى.

You May Like