قازاقىستان پرېزىدېنتى: ساقچى ۋە ئارمىيەگە ئاگاھلاندۇرۇش بەرمىگەن ئەھۋالدا ئوق چىقىرىشقا ھوقۇقلۇق توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردۈم

قازاقىستان پرېزىدېنتى: ساقچى ۋە ئارمىيەگە ئاگاھلاندۇرۇش بەرمىگەن ئەھۋالدا ئوق چىقىرىشقا ھوقۇقلۇق توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردۈم

ئارمان 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 7-يانۋار

قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم جومارت توقايېف بۈگۈن قىلغان تېلېۋىزىيە نۇتقىدا مۇنداق دېگەن: « مەن ساقچى ۋە ھەربىي قىسىمغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئۇلارنىڭ ئالدىنئالا ئاگاھلاندۇرۇش بەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئوق چىقىرىشىغا رۇخسەت قىلدىم، تەسلىم بولمىغانلارنى ئۈزۈل كېسىل يوقىتىش كېرەك!». BBC نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، توقايېف نامايىشچى ئاممىنى مەخسۇس تەربىيەلەنگەن «تېررورچىلار» دەپ تەرىپلەپ، 20مىڭغا يېقىن «زوراۋانچىلار» ئالمۇتا شەھرىگە ھۇجۇم قىلدى دەپ ئەيىبلىگەن. ئەمما ئۇلارنىڭ «تېررورلۇق» بىلەن ئالاقىسى بار-يوقلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق ئىسپات كۆرسەتمىگەن.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، توقايېف نۇتقىدا پۇتىننى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ مۇنۇلارنى دېگەن: « مەن رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىنغا ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن، ئۇ مېنىڭ تەلىپىمگە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ناھايىتى دوستانىلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇردى». خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە رۇسىيە رەھبەرلىكىدىكى ھەربىي ئىتتىپاقى (CSTO)پەيشەنبە كۈنى قازاقىستانغا تۇنجى تۈركۈمدىكى تىنچلىق ساقلاش قىسمىنى ئەۋەتكەن.

قازاقىستاندىكى ۋەزىيەتكە قارىتا خىتاي تەرەپ بۈگۈن بايانات بېرىپ رۇسىيە باشچىلىقىدىكى ھەربىي ئارىلىشىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ۋاڭ ۋىنبىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن بەرگەن باياناتىدا خىتاينىڭ  نۆۋەتتىكى قازاقىستان  ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ھەرقانداق ھەرىكەتنى قوللايدىغانلىقىنى، چەتئەل كۈچلىرىنىڭ قازاقىستان ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ جەمئىيەت ئامانلىقىنى بۇزۇش، قالايمىقانچىلىق چىقىرىشتەك قىلمىشلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ئورگان تەرەپ خەۋەر قاناللىرىنىڭ دېيىشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بۈگۈن قازاقىستان پرېزىدېنتى توقايېفقا ئاغزاكى ئۇچۇر يوللاپ مۇنداق دېگەن: « مەن سەمىمىيلىك بىلەن سىزدىن ئەھۋال سورايمەن. سىز ئەڭ ھالقىلىق پەيتتە كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، ۋەزىيەتنى تېزدىن كونترول قىلدىڭىز. بۇ سىزنىڭ ھەقىقىي سىياسىيونلاردا بولۇشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىڭىز ۋە پەزىلىتىڭىز، شۇنداقلا دۆلىتىڭىز ۋە خەلقىڭىز ئۈچۈن ئىنتايىن مەسئۇلىيەتچان ئىكەنلىكىڭىزنىڭ ئىپادىسىدۇر.»  

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى باياناتچىسى نېد پرايس (Ned Price) بۈگۈن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن: « ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، ئامېرىكا شۇنداقلا دۇنيا جامائىتى كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى يېتىدىغان ھەرقانداق بىر ۋەقەنى يېقىندىن كۆزىتىدۇ، شۇنداقلا قازاقىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئۆتكۈزۈۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھەرقانداق مەسىلىلەرگىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ». ئۇ سۆزىدە يەنە رۇسىيە باشلىق CSTO ھەربىي ئىتتىپاقىنىڭ قازاقىستانغا ئەسكەر ئەۋەتىشى توغرىسىدا توختىلىپ: «بۇ ھەقتە قازاقىستان ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە قارايمىز، شۇنداقلا يەنە قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تۈردىكى ئىقتىسادى ۋە سىياسىي ماھىيەتلىك ئاساسىي مەسىلىلەرنى تېزدىن ھەل قىلىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن. ئۇ يەنە ئامېرىكىنى قازاقىستاننىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى دەپ تەرىپلىگەن. 

قازاقىستان سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 6-يانۋاردىكى دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، شۇ كۈنگە قەدەر 1000دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە 400 كىشى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ، 62 كىشى ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش بالنېستىدا ئىكەن. رۇسىيە تاس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغىچە 2000دىن ئارتۇق كىشى ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

تۈركىيە «كېلەچەك» پارتىيەسى «بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىش» ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى تەشكىللىمەكچى

جۈ يانۋار 7 , 2022
تۈركىيە «كېلەچەك» پارتىيەسى «بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىش» ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى تەشكىللىمەكچى

You May Like