قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم جومارت توقايىۋ : خىتاي بىزنىڭ مەڭگۈلۈك ئەڭ ئاساسى ۋە ئەڭ چوڭ ھەمكارلاشقۇچىمىزدۇر

! قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم جومارت توقايىۋ : خىتاي بىزنىڭ مەڭگۈلۈك ئەڭ ئاساسى ۋە ئەڭ چوڭ ھەمكارلاشقۇچىمىزدۇر

 ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى2021-يىلى 10- نويابىر
 
 ئەركىن تۇرسۇن

قازاقىستان دىكتاتورى، پرېزىدېنت قاسىم جومارت توقايىۋ ئالدىنقى كۈنى خىتاينىڭ خەلقئارا ئىمپورت تاۋارلار يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ: «خىتاي بىزنىڭ مەڭگۈلۈك ئەڭ ئاساسى ۋە ئەڭ چوڭ ھەمكارلاشقۇچىمىزدۇر» دېدى.

ئۇ  سۆزىدە مۇنداق دېدى : « بۈگۈن ئىككى دۆلەت خەلقلىرى  مۇھىم بىر تارىخى نۇقتىغا يېقىنلاشتى، قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 30-يىلى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 100-يىلى، بۈگۈن مەن بىزنىڭ خىتاي بىلەن ئەبەدى ئىستراتېگىيەلىك ۋە قەتئىي مۇستەھكەم مۇناسىۋەتكە كىرگەنلىكىمىزنى ئىشەنچ بىلەن دېيەلەيمەن! »

قازاقىستان -دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئوخشاش سانائەت ۋە سودا جەھەتتە خىتايغا ئېغىر دەرىجىدە بېقىنىدۇ.
ئەمما قازاقىستان خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ قۇرۇلۇشى » دىن زور پايدا ئىلىش ئۈچۈن ئىشغال ئاستىدىكى شەرقى تۈركىستاننىڭ قورغاس پورتىدىن باشلانغان خەلقئارا سودا تۈگۈنىدە مال توشۇغۇچى رول ئۆتەيدۇ. قازاقىستان ھەر يىلى شەرقى تۈركىستاندىن 500مىڭ يەشىك (كانتېنېر) دىن كۆپ مالنى ياۋروپا ۋە ئافرىقىغا يۆتكەيدىغان پويىز يولىنىڭ ئاساسى تۈگۈنىنى تەشكىل قىلىدۇ ۋە پايدا ئالىدۇ.

قازاقىستان بىلەن خىتاينىڭ يىللىق سودا سوممىسى 2013-يىلى 28 مىليارد دوللارغا يەتكەن، ئارىلىقتا سودا سوممىسى پەرقلىق بولغان، 2021-يىلى بۇ ساننىڭ تېخىمۇ زور بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە؛

قازاقىستان -خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى چەكلەش ئۈچۈن قۇرغان « شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى»غا ئەزا بولغان. ھازىرغىچە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدا خىتاينى ئاشكارا ۋە مەخپىي  ھىمايە قىلىپ كەلمەكتە.2019-يىلى قازاقىستاننىڭ دىپلوماتىك يول بىلەن 2000 ئەتراپىدا قازاقنى شەرقى تۈركىستاندىن قازاقىستانغا يۆتكەشكە ھەرىكەت قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغانىدى. ئەمما لاگېر شاھىتلىرىدىن ئۆمەر بېكئالىي، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن قاتارلىقلار قازاقىستاندا ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىپ قازاقىستاندىن ئايرىلغانىدى.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 7- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى چېخيەنىڭ پايتەختى پراگادا ئېچىلدى

جۈ نويابىر 12 , 2021
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى چېخيەنىڭ پايتەختى پراگادا دەبدەبىلىك ئېچىلدى. باشلىنىش مۇراسىمى شەرقى تۈركىستان ئىستىقلال مارشى ۋە چېخيەنىڭ دۆلەت مارشى بىلەن باشلاندى .

You May Like