كانادا ئۇيغۇرلىرى مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرى ئۈچۈن تەقدىرلىدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 22-ئېيۇن

كانادا شەرقى تۈركىستان جەمئىيىتى 21-ئېيۇن كۈتۈۋىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، كانادا ئۇيغۇر ھوقۇقلىرى ھىمايىچىلىك قۇرۇلۇشى رەئىسى ئىجرائىيە دىرېكتورى مەمەت توختى ۋە مەزكۇر ئورگان ئەزالىرىنى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرى ئۈچۈن تەقدىرلىگەن ۋە كۆڭۈل بىلدۈرگەن.

كۈتۈۋىلىش پائالىيىتى جەريانىدا كانادا شەرقى تۈركىستان جەمئىيىتى رەئىسى شاۋكەت ئىمام تەرىپىدىن مەمەت توختى ئەپەندىگە تەشەككۈرنامە لەۋھەسى تەقدىم قىلىنغان.

مەمەت توختى ۋە ئۇنىڭ تەشكىلاتى يىللاردىن بېرى ھەرىكەت قىلىپ، كانادانىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى ۋە كانادانىڭ ئون مىڭ ئۇيغۇرنى كاناداغا يۆتكەش قانۇنىنى ئۆتكۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش جەريانىدا كۆرۈنەرلىك خىزمەت كۆرسەتكەن.

پائالىيەتتە يەنە كانادا پارلامېنت ئەزاسى، ئۇيغۇر كۆچمەنلەر قانۇنىنى ماقۇللاشتا خىزمەت كۆرسەتكەن سەمىر زۇبەر، مەزكۇر تەشكىلات ئەزاسى كەۋسەر قاتارلىقلارغىمۇ تەشەككۈر بىلدۈرگەن.

كۈتۈۋىلىش پائالىيىتى جەريانىدا كانادا شەرقى تۈركىستان جەمئىيىتى رەئىسى شاۋكەت ئىمام تەرىپىدىن مەمەت توختى ئەپەندىگە تەشەككۈرنامە لەۋھەسى تەقدىم قىلىنغان.

مەمەت توختى مۇنداق دېگەن: «بۇ مۇكاپاتنى ماڭا لايىق كۆرگىنى ئۈچۈن كانادا شەرقى تۈركىستان جەمئىيىتىگە، كانادادىكى ئەزىز قېرىنداشلىرىمىزغا، خىزمەتلىرىمىزنى قوللىغان، دۇئا قىلغان ئەزىز دوستلىرىمىزغا كۆپ رەھمەت.

بىزنىڭ خۇشاللىقىمىزنىڭ مەنبەسى دەل ھەر يەردە ئېزىلگەن، خورلانغان، چەتكە قېقىلغان، خاتىرجەملىككە ئېرىشەلمىگەن ئەزىز مىللىتىمىزنىڭ يۈزىدىكى كىچىككىنە تەبەسسۇمدىن كېلىدۇ.»

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

You May Like