كانادا تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق «پەمىدۇر» مەسىلىسى كۈنتەرتىپتە

كانادا تاراتقۇسى CBC News قانىلىنىڭ بازار(MARKETPLACE) پروگراممىسى 29-ئۆكتەبىر مەخسۇس ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ كانادا بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان پەمىدۇر قىيامىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتى بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى پاش قىلغان.

 ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 3-نويابىر

تەييارلىغۇچى: ئارمان

كانادا تاراتقۇسى CBC News قانىلىنىڭ بازار(MARKETPLACE) پروگراممىسى 29-ئۆكتەبىر مەخسۇس ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ كانادا بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان پەمىدۇر قىيامىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتى بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى پاش قىلغان. 

پروگراممىدا رىياسەتچى  كانادادىكى بىر قانچە چوڭ تاللا بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان پەمىدۇر قىيامىلىرىنىڭ كېلىش مەنبەلىرى توغرىسىدا تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە نۇرغۇنلىغان مەھسۇلات قۇتىلىرىنىڭ ئۈستىدە ھىندىستان، فىلىپپىن، دېگەندەك ئاسىيادىكى دۆلەتلەردە ياسالغانلىقى يېزىلغان پەمىدۇر قىيامىلىرى بايقالغان. رىياسەتچى بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىس ئەپەندىنى زىيارەت قىلغان. پروگراممىدا ئادرىيان زېنىس ئەپەندىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ  يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى پاش قىلىش ئۈچۈن خىزمەتلەرنى قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن خىتاي تەرىپىدىن نۇقتىلىق نىشانلانغان شەخس بولۇپ قالغانلىقىنى قىسقىچە چۈشەندۈرگەندىن كېيىن رىياسەتچى ئۇنىڭدىن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغان پەمىدۇر ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك سوئاللارنى سورىغان. ئادرىيان زېنىس ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ھەقسىز بولغان مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ نۇرغۇن پايدا ئېلىۋاتقانلىقىنى، پەمىدۇر ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىمۇ مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايەتلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاينىڭ «دىنىي ئاشقۇن» دېگەندەك باھانىلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ قاماۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئاخىرقى نىشانى بولسا ئۇيغۇر نوپۇسىنى ئازايتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي قۇرۇلمىسىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتكەن. پروگراممىدا ئادرىيان زېنىسنىڭ بۇ بايانلىرىنىڭ پاكىتى سۈپىتىدە لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىمنىڭ بەرگەن گۇۋاھلىقلىرىمۇ قىستۇرۇلۇپ ئۆتۈلگەن.

پروگراممىدا تەكىتلەنگەن نۇقتىلارنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شەرھلەش ئۈچۈن، ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان، بۇرۇن مەجبۇرىي پەمىدۇر ئۈزۈش ئەمگىكىگە سېلىنغان «ئادىل»(ئىسمى ئۆزگەرتىلگەن) ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنىڭ بايانلىرىنى قىستۇرۇپ ئۆتۈلگەن. «ئادىل» ئۆز بايانىدا، پەمىدۇر ئۈزۈش ئەمگىكىنىڭ ناھايىتى جاپالىق ئىكەنلىكىنى، دائىرىلەرنىڭ ئۇلارنى ھەتتا ئائىلىلىرىگىچە مەجبۇرىي ئەمگەككە سالىدىغانلىقىنى بۇ ئەمگەكلەرنىڭ پۈتۈنلەي ھەقسىز ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ھەتتا كۈندىلىك ۋەزىپىنى ئورۇندىيالمىغان ئەھۋالدا جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقىنى ياكى تۈرمىگە قامىلىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتكەن.

پروگراممىدا مۇخبىر تېخىمۇ ئىچكىرىلىگەن ئاساستا ئۇچۇرلارنى ئىگىلەش ئۈچۈن كانادادىكى پەمىدۇر سودىگىرى سىياقىدا خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدە قۇرغان بىرقانچە پەمىدۇر ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرى بىلەن ئالاقە قىلىدۇ. ۋە ئۇلاردىن پەمىدۇر كىرگۈزۈشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ ئۇلارنىڭ خەلقئارادا پەمىدۇر سودىسى قىلىش توغرىسىدىكى گۇۋاھنامىنىڭ بار يوقلۇقىنى سورايدۇ. نەتىجىدە بىر قانچە شىركەتنىڭ ئەۋەتكەن ئاتالمىش «گۇۋاھنامە» لىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئوپمۇ -ئوخشاش ئىكەنلىكىنى، ۋە بۇلارنى توردىن ھەقسىز چۈشۈرۈپ ياسىغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. ئارقىدىن مۇخبىر بىر شىركەت خادىمىدىن بىۋاسىتە ئۇيغۇر ئەمگەكچىلەرنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورايدۇ، خىتاي خادىم مۇخبىرغا ئۇيغۇرلار ئەمگەكچىلەرنىڭ يوقلۇقىنى ۋە بار بولۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئەمما يەنە بىر شىركەت خادىمى بۇرۇن ئۇيغۇر ئەمگەكچىلەرنى ئىشلەتكەنلىكىنى ئەمما بۇ يىل ئىشلەتمىگەنلىكىنى دەپ ئۆتىدۇ، مۇخبىرنىڭ بۇ يىل نېمىشقا ئۇيغۇرلارنى ئىشلەتمىدىڭلار؟ دېگەن سوئالىغا بۇ خادىم :چۈنكى چەتئەللەردە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنىڭ كۆپلەپ چىقىۋاتقانلىقىنى، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنى ئىشلىتىشنى چەكلىگەنلىكىنى، ھازىر ئۇيغۇر ئەمگەكچىلەرنىڭ يوقلۇقىنى دەپ بېرىدۇ. ۋە چەتئەل مېدىيالىرى دەپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى دەيدۇ. بۇنىڭغا قارشى ئادرىيان زېنىس ئەپەندى: «ئۇلار قانداقمۇ باشقىچە جاۋاب بېرەلەيدۇ؟ بىزدە مەجبۇرىي ئەمگەك بار ئىدى دېيەلەمدۇ ئەجەبا؟ بىلەمسىز مۇخبىر خانىم، بۇ شىركەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە شىنجاڭنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن قويۇق »  دەپ ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلەيدۇ. 

پروگرامما ئىشلىگۈچىلىرى كانادا بازارلىرىدىكى سېتىلىۋاتقان پەمىدۇر قىيامىلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن بىر قانچە ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. نەتىجىدە دۇنيادىكى داڭلىق يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش شىركەتلىرىدىن Del Monte, Nestle, Unilever قاتارلىقلارنىڭ «شىنجاڭ»(شەرقى تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان.ت) دىن كەلگەن پەمىدۇرلارنى خەلقئارادىكى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرىغا ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىدۇ. ۋە بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ كانادانى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى بارلىق چوڭ تاللا بازارلىرىدا سېتىلىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. ئەمما كانادادىكى تاللا بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرىنىڭ قۇتىسىغا ھېچقاچان خىتايدا ياسالغان دېگەن خەتلەرنى بايقىمايدۇ. بۇ ھەقتە پروگراممىدا چۈشەنچە بېرىلىپ بۇ شىركەتلەرنىڭ ئەزەلدىن خام ئەشيا مەنبەسىنى ئەسكەرتمەي پەقەت پىششىقلاپ  ئىشلەپچىقارغان يەرنى يازىدىغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ خام ئەشيالارنىڭ ھەممىسىنىڭ «شىنجاڭ»دىن كەلگەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتىدۇ. نەتىجىدە مۇخبىرلار يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان شىركەتلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇلارنىڭ جاۋابىنى ئالماقچى بولىدۇ. Del Monte شىركىتى جاۋاب قايتۇرۇپ ئۇلارنىڭ پەمىدۇر خام ئەشيالىرىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ «شىنجاڭ»دىن كەلگەنلىكىنى ئەمما تەمىنلەش زەنجىرىدە ئۇيغۇر ئەمگەكچىلەرنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلەيدۇ. Nestle بولسا ئۇلارنىڭ پەقەت يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىرىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى دەيدۇ.Unilever بۇ ھەقتە جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىدۇ. پروگراممىدا ئىتالىيەنىڭ  La Doria شىركىتىنىڭمۇ «شىنجاڭ»دىن پەمىدۇر كىرگۈزىدىغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتىدۇ، ھەمدە نەتىجىدە بۇ شىركەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن «شىنجاڭ» پەمىدۇرلىرىنى ئىشلەتمەسلىك ئۈچۈن ۋەدە بەرگەنلىكىنى دەپ ئۆتىدۇ. بۇ ھەقتە ئادرىيان زېنىس: « بۇ شىركەت نېمە ئۈچۈن سىلەر تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ئەمدى ئىشلەتمەسلىككە ۋەدە بېرىدۇ؟ بۇ بىر ئەخلاقى مەسئۇلىيەت مەسىلىسى» دەپ كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ. يەنە بىر پەمىدۇر ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى Petti بولسا ئۆزلىرىنىڭ «شىنجاڭ» دىن كەلتۈرۈلگەن پەمىدۇرلارنىڭ پەقەت ئافرىقا بازارلىرىغا سېلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات بېرىدۇ. مۇخبىرلارنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان كانادانىڭ يەنە بىر پەمىدۇر شىركىتى Whole Foods ئۆزلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسىنى دۇكاندىن چېكىندۈرۈپ چىقىدۇ.

مەزكۇر پروگراممىدا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنىپ ئۆتكەن مەزمۇنلاردىن سىرت يەنە مېكسىكىدىكى ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان پەمىدۇرلارنىڭ كانادا بازارلىرىغا كىرگەنلىكى توغرىسىدىكى مەزمۇنلارمۇ قوشۇمچە قىلىنغان. بۇ پروگرامما قويۇلغاندىن كېيىن كانادا جۈملىدىن پۈتكۈل غەرب تور مېدىئالىرىدا قىززىق نۇقتىغا ئايلانغان بولۇپ، فىلىمنىڭ يۇتۇبتىكى كۆرۈلۈش قېتىم سانىلا قىسقىغىنە ئۈچ كۈننىڭ ئىچىدە 120مىڭ قېتىمدىن ئاشقان، شۇنداقلا ئىجتىمائىي تور ۋاسىتىلىرىدىكى ئەڭ بەس مۇنازىرىلىك تېمىلارغا ئايلانغان. ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە فىرانسىيەدىكى بىر ئاخبارات ئاگېنتلىقىمۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتىگە چېتىشلىق پەمىدۇر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدا چوڭ تىپتىكى بىر ھۆججەتلىك فىلىمگە تەييارلىق قىلىۋاتقىلى 2 يىلدىن ئاشقان بولۇپ، پات يېقىندا كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشمەكچى. ئىشىنىمىزكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى، مەجبۇرىي قۇل ئەمگەك جىنايەتلىرى ئالدىنقى ۋاقىتلاردا «پاختا» مەسىلىسى سەۋەبىدىن دۇنياغا ئاشكارىلانغان بولسا، بۇ قېتىم «پەمىدۇر» مەسىلىسى ئارقىلىق دۇنيا جامائىتى ئالدىدا ئاشكارا بولغۇسى. 

ئەسكەرتىش: سۈرەتلەر كانادا cbc خەۋەر تورىدىن كېسىپ چۈشۈرۈلگەن

فىلىمنىڭ YouTube تىكى كۆرۈش ئادرېسى:

https://youtu.be/kU9g0eioiB4

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ ۋىرگىنيە شتات باشلىقى سايلىمىدا ئۇتۇشى دىموكراتلار پارتىيسغا زور خىرىس ئىلىپ كەلدى

پە نويابىر 4 , 2021
جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ ۋىرگىنيە شتات باشلىقى سايلىمىدا ئۇتۇشى دىموكراتلار پارتىيسغا زور خىرىس ئىلىپ كەلدى

You May Like