كانادا مەكماستېر ئۇنىۋېرسىتى «خىتاي ئۇقۇغۇچىلار ۋە ئاكادېمىكلار جەمئىيىتى» نىڭ كۇلۇب سالاھىيىتىنى بىكار قىلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
كانادانىڭ دۇنياغا داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن بىرى بولغان مەكماستېر ئۇنىۋېرسىتى (McMaster University) يېقىندا بۇ مەكتەپتىكى «خىتاي ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاكادېمىكلار جەمئىيىتى» نىڭ (Chinese Students and Scholars Association) كۇلۇب سالاھىيىتىنى بىكار قىلغان.

تەييارلىغۇچى: سەبرى

2019-يىلى 27-سېنتەبىر

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

كانادانىڭ دۇنياغا داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن بىرى بولغان مەكماستېر ئۇنىۋېرسىتى (McMaster University) يېقىندا بۇ مەكتەپتىكى «خىتاي ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاكادېمىكلار جەمئىيىتى» نىڭ (Chinese Students and Scholars Association) كۇلۇب سالاھىيىتىنى بىكار قىلغان. ئۇنۋېرسىتېت تەرەپ بۇ جەمئىيەتنىڭ خىتاي كونسۇلخانىسى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى رۇقىيە تۇردۇش خانىمنىڭ مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا بەرگەن شەرقى تۈركىستاندىكى لاگېر ھەققىدىكى لېكسىيىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى، بۇ قىلمىشنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى نىزامنامىسىغا خىلاپ بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ قارارنى چىقارغان.

«جەنۇبى خىتاي سەھەر گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مەكماستېر ئۇنىۋېرسىتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ باشقۇرۇش ئورگىنى بولغان – ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى مەجلىسى (Student Representative Assembly) 22- سېنتەبىر قارار ماقۇللاپ، «خىتاي ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاكادېمىكلار جەمئىيىتى» نىڭ كۇلۇب سالاھىيىتىنى بىكار قىلغان.

بۇ قارار ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى مەجلىسىدىكى 35 ئوقۇغۇچىنىڭ 22 سى ئوتتۇرىغا قۇيۇشى بىلەن ماقۇللانغان بولۇپ، بۇ خىتاي ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ بۇندىن كېيىن ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىقتىسادى ياردىمى، ئالدىن ياتاق زاكاس قىلىش ھوقۇقى ۋە تەشۋىقات قىلىش يوللىرىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

بىر خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ لېكسىيىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان كۆرۈنۈش. (2019.02.11)

رۇقىيە تۇردۇش خانىم 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 11- كۈنى مەكماستېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن شەرقى تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى ھەققىدە بىر مەيدان لېكسىيە بەرگەن. مەكماستېر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى «خىتاي ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاكادېمىكلار جەمئىيىتى» ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ رۇقىيە تۇردۇش خانىمنى لېكسىيىگە تەكلىپ قىلغانلىقىغا قارشى ئۇچۇق خەت ئېلان قىلىپ، بۇ پائالىيەتنى تورونتودىكى خىتاي كونسۇلخانىسىغا دوكلات قىلغان. ئۇندىن باشقا، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن بۇ لېكسىيىنى سۈرەتكە ئېلىپ تاپشۇرۇپ بەرگەن.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

پىروفىسسور ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇر كىرىزىسى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

شە سېنتەبىر 28 , 2019
28- سىنتەبىر، گوللاندىديە ئۇترىخت شەھرىدىكى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى زالىدا «ئىلھام توختى ھەرىكىتى»نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتىنىڭ ساھىپخانلىقىدا « پىروفىسسور ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇر كىرىزىسى» دىگەن تېمىدا مۇھاكىمە يىغىنى مۇۋەپپىقيەتلىك تاماملاندى

You May Like