جياڭسۇلۇق ساقچىنىڭ ئايالى ئاشكارىلىغان شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى

ياخشىمۇ سىلەر، مېنىڭ ئىسمىم ۋاڭ …، يولداشىم غۇلجا ناھىيەسىدە ئىشلەيدۇ. ئاپىسىنىڭ ئېغىر كېسەل بولۇپ قېلىشى سەۋەبى بىلەن رۇخسەت سوراپ يۇرتقا قايتتى . بۇرۇن ئۈندىداردا، تېلېفوندا ھەر

تەرجىمە قىلغۇچى: زۇبەيدە

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2018-12-27

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]ئ

ئۇيغۇرئاگېنتلىقى بۇ خەۋەرنى تېخى جەزملەشتۈرمىدى، ئېلان قىلىشتىن مەقسەت، ئۇنىڭ مەزمۇنىنى جەزملەشتۈرۈش ئۈچۈن يىپ ئۇچىغا ئېرىشىشتۇر 

 

ياخشىمۇ سىلەر، مېنىڭ ئىسمىم ۋاڭ …، يولداشىم غۇلجا ناھىيەسىدە ئىشلەيدۇ. ئاپىسىنىڭ ئېغىر كېسەل بولۇپ قېلىشى سەۋەبى بىلەن رۇخسەت سوراپ يۇرتقا قايتتى . بۇرۇن ئۈندىداردا، تېلېفوندا ھەر

كۈنى پاراڭلىشاتتۇق، لېكىن يۈز تۇرانە پاراڭلاشقاندىن كېيىن غۇلجا ناھىيەسىدىكى ھەقىقىي ئەھۋاللارنى يەتكۈزدى. مەن توردا تام ئاتلاپ غۇلجا ناھىيە ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى كۆردۈم شۇڭا بىلىدىغانلىرىمنى تەپسىلىي  بايان قىلىشنى مۇۋاپىق تاپتىم .

 

كامېرالار:

غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ھەر بىر كوچىسىدا كامېرا بار، ئاساسىي جەھەتتىن ھەربىر ئۆينىڭ ئۇدۇلىغا كامېرا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇلار ئاۋازمۇ ئالالايدۇ، 360 گىرادۇس ئەركىن ھەرىكەتلىنەلەيدۇ. بەزى كامېرالار ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ ئەتراپىدىكى دەرەخلەرگە يوشۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئادەتتە ئادەملەر بايقىيالمايدۇ، كۆپىنچە ئادەم يوشۇرۇپ قويۇلغان كامېرالارنى كۆرمىگەنلىكتىن گەپ قىلىپ قويغان سەۋەبلىك تۇتۇلۇپ كېتىدۇ.

 

چارلاش ئۇسۇلى:

 ھەر 500 مېتىردا بىر نۆۋەتچى پونكىتى بار. غۇلجا شەھەر ئازاتلىق يولىدا ھەربىيلەر تانكا بىلەن چارلايدۇ، ماشىنا بېكەتلىرىدىمۇ تانكا بار ئەمما ئادەتتە ھەرىكەت قىلمايدۇ، ھەر كۈنى 10:00 ئەتراپىدا چارلاش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ، برونىۋىكلەرمۇ چارلاشقا قاتنىشىدۇ. ساقچى ماشىنىسى ئادەتتە 6-7 ماشىنا بىر گۇرۇپپا، ھەر ئىككى سائەتتە بىر قېتىم چارلايدۇ. ھەممە ماشىنا ساقچى ماشىنىنىڭ ئاۋازىنى ئېچىپ ماڭىدۇ. ھەر ئۈچ چارلاش ساقچىسى بىر گۇرۇپپا بولۇپ كوچا تەكشۇرىدۇ. بىرى قولىدا قالقان ئالسا، بىرى قورال ئالىدۇ، بىرى بولسا ساقچى كالتىكى ئالىدۇ، ئادەتتە كىچىك كوچىلاردا چارلاش ئېلىپ بارىدۇ. ئەگەر خەنزۇ بولۇپ قالسا ئادەتتە تەكشۈرمەيدۇ، ئۇيغۇر، قازاق دېگەندەك يەرلىك مىللەت بولۇپ قالسا چوقۇم كىملىك تەكشۈرەيدۇ، ئوقۇغۇچىنى نورمالدا تەكشۈرمەيدۇ، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ تەكشۈرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى، ماشىنا بېكىتىدە سومكا، چامادان تەكشۈرەيدۇ، ھەم  «بىخەتەر» دەپ قەغەز چاپلايدۇ.

 

ئون ئائىلە بىرلەشمە گۇرۇپپىسى

ئاخشىمى سائەت 7 دە ھەر ئائىلىدىن بىردىن كىشى قاتناشتۇرۇلۇدۇ، قولىدا كالتەك، شوئار توۋلىغاچ رايون كوچىلىرىنى يېرىم سائەت چارلايدۇ. ئۇلارغا كالتەكنى  قانداق قوللىنىش  ئۆگىتىلىدۇ. قولىدا كىتاب بار، كىتابنىڭ ئىچىدىكى مەزمۇننى يادلىشى كېرەك، ئەگەر سوئال سورالغاندا جاۋاب بېرەلمىسە قايتا يادلاشقا بۇيرۇلۇدۇ. ئەگەر 10 قېتىم جاۋاب بېرەلمىسە، يىغىپ تەربىيەلەش ئورنىغا ئەۋەتىۋېتىدۇ .

 

كېچىلىك تەربىيەلەش

ھەر ئاخشام ئالتىدىن كېيىن خەنزۇچە ئۈگىتىلىدۇ، دەرستىن كېيىن يېرىم سائەت يىغىن ئىچىلىدۇ، دۆلەتنىڭ قانۇنى ماددىلىرى ئۈگىتىلىدۇ.

 

بايراق چىقىرىش:

 ھەر دۈشەنبە سەھەر سائەت يەتتىدە بايراق چىقىرىلىدۇ، 8بايراق چىقىرىلىپ بولغاندىن كېيىن كەنت باشلىبا سۆز قىلىدۇ، دىنغا مايىل كىشىلەرنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشنى داۋاملىق ئەسكەرتىدۇ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى بۇزىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرىدۇ.

 

ئالەمدىن ئۆتكەن موللا  :

غۇلجا ناھىيەسى قازانچى يىزىسىدە Daukesh (دۇئاكەش) ئىسىملىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن يېتىشتۈرۈلگەن موللا بار بولۇپ، بۇلتۇردىن باشلاپ 24 سائەت ساقچىلارنىڭ ھەمراھلىقى ئاستىدا ياشاۋاتقانىكەن، ئۆينىڭ ئىچىدە كامېرا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ھېچقانداق بىر ئادەم بىلەن كۆرۈشۈشىگە رۇخسەت يوق، باشقىلار بىلەن سالاملىشىشىقىمۇ  رۇخسەت يوق ئىكەن. ئەگەر كەنىتتە بىرى تۈگەپ قالسا ساقچىلارنىڭ ھەمراھلىقىدا جىنازە  نامىزى قىلىدىكەن. كەنتتە پەقەت ئۇنىڭلا جىنازە نامىزى قىلىشىغا يول قويۇلىدىكەن.  بۇ يىل يازدا ئۇ ھاجەتخانىدىن چىقىۋاتقاندا يىقىلىپ چۈشۈپ تۈگەپ كېتىپتۇ. يۇقۇر قان بېسىممۇ ياكى كۆڭۈل ئازابىدىن ئۆلدىمۇ؟ سەۋەبى ئىنىق ئەمەسكەن. ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ جىنازە مۇراسىمىدا ئائىلىسىدىكىلەردىن باشقا ھېچكىمنى جەسىدىگە يىقىنلاشتۇرماپتۇ.

  

ئانا تىل ئۆگىنىش:

باشلانغۇچتا قازاقچە،ئۇيغۇرچە دەرسلىكلەر يوق،ھەممە دەرس خەنزۇچە ئۆتلىدۇ،ئالاھىدە مەكتەپلەردە ھەپتىدە ئىككى قىتىم قازاقچە،ئۇيغۇرچە دەرسكە رۇخسەت بېرىلگەن، لىكىن كىتاپ مەزمۇنى ئاساسىي جەھەتتىن لىبەي، لۇشۈن، ماۋزۇدۇڭ قاتارلىقلار ئىكەن. باشقا قازاقچە  ئۇيغۇرچە يىزىلغان كىتاپلارنىڭ ھەممىسى بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ،قازاقىستان يازغۇچىلىرىنىڭمۇ كىتاپلىرىنىمۇ كۆرگىلى بولمايدىكەن.

ئىش ئورۇنلىرىدا قازاقچە، ئۇيغۇرچە گەپ قىلىش چەكلىنىدىكەن. قازاق ۋە ئۇيغۇر كادىرلار ئىش ئورنىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تېلفون پاراڭلاشسىمۇ خەنزۇچە پاراڭلىشىشى تەلەپ قىلىنىدىكەن.

 

بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش

دۇكان، تاللا بازىرى، ئاشخانىلاردىمۇ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئىشىكى بار. تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن دۇئا قىلىشقا بولمايدۇ.

مۇراسىم زالىدىمۇ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئىشىكى بار، تويغا قاتناشقان ھەممە ئادەم كىملىك سۈركىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، مەيلى كىچىك بالا ياكى ھامىلدار ئايال بولسۇن ھەممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئىشىكىدىن ئۆتىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، مۇراسىم زالى ئاخشام 22:00 دا چۇقۇم تاقىلىشى كىرەك، تاقالمىسا ساقچىلار تەرىپىدىن مەجبۇرى تاقىتىلىدىكەن.

 

چارلاش گۇرۇپپىلىرى

كېچىلىك چارلىغۇچىلارنىڭ قوراللىرى كۈندۈز چارلىغۇچىلارنىڭ ئىككى ھەسسىسىچىلىك كۆپ، مەسىلەن كۈندۈز  4 چارلىغۇچىدا  ئىككى قۇرال بولسا،ئاخشام  4 چارلىغۇچىنىڭ ھەممىسى قۇراللىق.

يېزا- بازارلارغا كىرىپ چىقىشتا ماشىنا تەكشۈرلىدۇ، ئەگەر خەنزۇ بولسا تەكشۈرۈلمەيدۇ، قازاق، ئۇيغۇر بولسا ماشىندىن چۈشۈپ كىملىك تەكشۈرىشىدىن ئۆتىشى كېرەك. ئۇلارنىڭ ماشىنىسىنىڭ ھەممە يېرى تەپسىلى تەكشۈرەپ چىقىلىدۇ.

يېزىدا  كۈندۈزى ئىككى ئۈچ يىزا  ئاياللىرى دادۈي ئەتراپىدا چارلايدۇ،ئاخشىمى ئىككى ئۈچ يىزا ئەرلىرى چارلاش ئېلىپ بارىدۇ . خەنزۇچە بىلمەيدىغان خانىم قىزلار ئاخشىمى كەچلىك مەكتەپكە بىرىپ خەنزۇچە ئۈگۈنىدۇ. يېزىدا چارلاش ئەزالىرى ئۆتۈكلىرىنى ۋە قالپىقىنى چىقىرىشقا بولمايدۇ، پۈشتەك چىلىنغاندا يىغىلىش ئورنىغا بىرىپ بولىشى كىرەك، ۋاقتىدا كىلەممىسە 3000 يۈەن جەرىمانە،ئىككىنجى قىتىملىق بولسا يىغىپ تەربىيەلەش مەركىزىگە ئەۋەتىلىدۇ   .

 

قازاقىستان بىلەن ئالاقە قىلىشقا بوممايدۇ، ئۈندىداردا KZ دەك بەلگىلەر بولماسلىقى كىرەك، ئەگەر بولۇپ قالسا تەربىيەلەش مەركىزىگە ئەۋەتىلىدۇ  .

دىننى ئىسىملارنىڭ ھەممىسى ئالماشتۇرىلىدۇ، مەسىلەن : مۇھەممەت دىگەندەك ئىسىملار پولات قاتارلىق ئىسىملارغا ئالماشتۇرۇلۇپتۇ.

ھالال بەلگىسى يوق قىلىنىپتۇ،گۆش دۇكىنىدا چوشقا گۆشىنىمۇ باشقا گۆشلار بىلەن بىللە قۇيۇش،گۆش  ساتقۇچى چوشقا گۆشىنىمۇ بىللە سىتىشى كىرەك ئىكەن، بوممىسا دۇكىنى تاقىلىدۇ، ھەم دۇكان ئىگىسىنىڭ  ئىدىيەسىدە مەسىلە با دەپ قارىلىدۇ .

ئاشخانىدا ھاراق تاماكا چوقۇم سىتىلىدۇ، ئەگەر قايسى ئاشخانىدا ھاراق تاماكا سىتىلمىسا تاقىلىدۇ.

ھاراق ئىچكەنلەرنى ماشىنىسىغا ئالمىغان تاكسىچىلار تەربىيەلەش مەركىزىگە ئەۋەتىلىدۇ .

ھەرقانداق ئادەم كوچىدا ئۆز- ئارا 10 مىنوتتىن ئوشۇق پاراڭلىشىشقا بولمايدۇ، يىغىلىش قىلىشقا بولمايدۇ. ئاخشام 22:00 دىن كىيىن كوچىغا چىقىشقا بولىدۇ ئەمما 2-3 كىشى بىللە مىڭىشقا بوممايدۇ. ئاخشاملىرى كوچىدا يۈرگەنلەر بولسا چارلىغۇچىلار بالدۇر ئۆيگە قايتىشغا نەسىھەت قىلىدۇ، ھەتتا ئۆزلىرى ماشىنا بىلەن ئاپىرىپ قويىدۇ .

ساقچىلار چۇقۇم ھاراق ئىچىشى تاماكا چىكىشى كىرەك، ھاراق ئىچمىگەن تاماكا چەكمىگەنلەر ئىدىيەسىدە مەسىلە با دەپ قارىلىدۇ .

 

سىستىرالارنىڭ بۇرۇن مائاشى 3000-4000 ئەتراپىدا ئىدى، ھازىر 1000-1500 ئەتراپىغا چۈشۈرۈلدى، ئىستىپا بىرىشكە بوممايدۇ، خىزمەت بىسىمى ئېغىرلىشىپ كېتىپتۇ  چۈنكى دوختۇرخانىلارغا كۆپ ساندا كىسەل ئەكىلىدۇ. ئۇلار ئۇزۇن زامان يۇيۇنمىغانلىقى ئۈچۈن پۈتۈن بەدىنى سىسىق پۇراپ كەتكەن، شۇڭا سىستىرالارمۇ ئۇلارغا يىقىنلاشمايدۇ. ھەم ساقچىلار داۋاملىق يىنىدا، بىمارلارنىڭ دوختۇر سىستىرالارغا  گەپ قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، دوختۇر سىستىرالارمۇ ئۇلارغا گەپ قىلسا بوممايدۇ، ئۇلارنىڭ كۆزىگە قاراشقىمۇ پىتىنالمايدۇ،چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئورۇقلاپ بىر تىرە بىر ئۇستىخان بوپ قالغان ياكى ئىششىپ سەمرىپ كەتكەن، ئادەتتىكى سىستىرالارنىڭ ئىغىر كىسەللەرگە يىقىنلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ، بەزى كىشىلەر ئەكەلگەندىلا ساراڭ بوپ قالغان، ۋاقىراپ جاقىراپ، سەكرەپ ئۇسۇل ئوينايدىغانلىرىمۇ بار. ئۇلار كىيىملىرىنى سالغاندا مۆرىسىدىن پاچىقىغىچە بولغان ئارلىقتا ساقچى كالتىكىنىڭ ئىغىر زەخمىلەندۇرگەن ئىزلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

 

يىغىپ تەربىيەلەش مەركىزىدە خەنزۇچە ئۈگۈتۈش باشلانغۇچ، تولۇقسىز،تولۇق،ئالىي دەپ دەرىجىلەرگە بۆلىنىدۇ،ئەگەر ئىمتىھاندىن ئۆتەممىسە دەرىجە ئۆرلىيەلمەيدۇ.

باشلانغۇچ سەۋىيەسىدىكى يىغىپ تەربىيەلەش مەركىزى غۇلجا ناھىيە 3- ئوتتۇرا مەكتەپ (43°58»32.10″N 81°29»51.79″E). ئۇ يەردە باشلانغۇچ سەۋىيەسىدە  خەنزۇچە دەرىس ئۆتىلىدۇ، ھازىر يەنە نۇرمال مەكتەپ ئەسلىگە قايتۇرۇلدى.

ئوتتۇرا  سەۋىيەدىكى يىغىپ تەربىيەلەش مەركىزى شىمال يۆلۈنۈش بۆلگىسى چىڭ خۇۋا تىز سۈرئەت يولى شىمال يۆلۈنۈش رايۇنى (44°00»02.68″N 81°31»53.89″E) ئۇ يەردە ئوتتۇرا سەۋىيەسىدە خەنزۇچە دەرىس ئۆتىلىدۇ.

ئالىي مەكتەپ سەۋىيەسىدىكىسى بۇرۇنقى خەلق ئىشلار ئىدارىسى (43°59»3.31″N 81°31»29.56″E)، يەنە غۇلجا ناھىيە بۇرۇنقى كەسپى مەكتەپ (43°58»42.21″N 81°30»00.29″E) ئۇ يەردە ئالىي مەكتەپ سەۋىيەسىدىكى خەنزۇچە دەرىسلىكلەرنى ئۆتۈپلا قالماستىن، ئاشپەزلىك، تىككۈچىلىك، ناۋايلىق قاتارلىقلارمۇ ئۈگۈتىلىدۇ .

بۇرۇن غۇلجا ناھىيەسى شەرقىي بازىرىنىڭ ئورنى، ھازىرقى يىڭى سىلىنىۋاتقان يىغىپ تەربىيەلەش مەركىزى 43°58»49.83″N 81°32»9.94″E

بۇ  يىغىپ تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ قۇرۇلىشى 2018- يىلى 4- ئايدىن باشلانغان، 9- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئىشلىتىلگەن.  جەمى 17 بىنا بولوپ، 12 سى يىغىپ تەربىيەلەش مەركىزى، بىرى جەسەت كۆيدۈرۈش ئۆيى  (43°58»56.76″N 81°32»05.61″E) ئىككىسى ساقچى مەمۇرلار بىناسى، بىرى كىرىش بىناسى. يىغىپ تەربىيەلەش مەركىزى 4  قەۋەت، كىرىش بىناسى ئىككى قەۋەت. ھەر قەۋىتىدە 4 دەرىسخانا، ھەر بىرى 24 كۇۋادىرات  چوڭلۇقتا، مۇنچا بىلەن ھاجەتخانە بىر يەدە، بۇرۇن ياسىغان يىغىپ تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ ھەجىمى كىچىك، سىغىمچانلىقىمۇ كىچىك،كىيىن سىلىنغان يىغىپ تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ ھەر بىر ئىغىز «ئۆيى »بۇرۇنقىغا قارغاندا ئازادە .ھەر بىر ئىغىز «ئۆي» نىڭ ئىككى ئىشىكى با، بىرى ئاچقۇچ بىلەن ئىچىلدىغىنى، يەنە بىرى ئىلىكتىرۇن قۇلۇپلۇق، ئىلىكتىرۇنلۇق ئىشىك بولسا ئىغىر تۆمۈر ئىشىك .

بۇ  يىڭى سىلىنغان يىغىپ تەربىيەلەش مەركىزىگە 10مىڭ كىشى سىغىدۇ.

قۇرۇلۇش جەريانىدا، بىر كۈنى ئىش يېرىدىكى بىر قىز ئۈچ ماشىنا قۇراللىق ئادەملەر تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلىپتۇ، سەۋەبى ئىنىق ئەمەس .

يىغىپ تەربىيەلەش مەركىزىدىكى ئادەملەر ئۆلۈپ كەتسە جەسىتى قايتۇرۇپ بىرىلمەيدۇ. يا كۆيدىرىلىدۇ ياكى يىقىن ئەتراپقا كۆمىلىدۇ،ھەتتا 5 يىل ئىچىدە ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ قەبرىسىگە يىقىنلىشىشى چەكلىنىدۇ . قەبرە تىشىدىكى خەتلەرنى ئۆچۈرۋەتكەن .

 

تۆت ئىدىيە

ئائىلە ئەزالىرى يالغان ئېيتماسلىق توغۇرلۇق قەسەم قىلدۇرىلدۇ. ئەگەر بايقىلىپ قالسا تەربىيەلەش مەركىزىگە ئېتىلىدۇ. تۆت ئاڭ دىگىنى: ئائىلىنىڭ چەتئەلدە ئالاقىسى بارمۇ ياكى چەتئەلدە ئۇرۇق تۇققان دوس بۇرادەرلىرى بارمۇ؟  دىنغا يەنە ئىتىقاد قىلامدۇ ؟ ئائىلىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىنى، ئۆيىدە قانچىلىك مال چارۋا، ئىقتىسادى كىرىم ئۇچۇرلىرىنى تاپشۇرۇش. ئۇلارنىڭ ھەر ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىش.

ئەگەر بىر ئادەمنى پاش قىلىپ تەربىيەلەش مەركىزىگە كىرگۈزىۋەتسە 600 يۈەن مۇكاپات بېررىلىدىكەن. ئەگەر ئۇ ئادەم نوقتىلىق كىشى بولسا، 6000 يۈەن مۇكاپات بىرىلىدۇ .

 

قارا زاۋۇتلاردىكى مۇئامىلىلەر :

12 سائەتكە يېقىن ئىشلەيدىكەن  (19:00~07:00)

مائاشى : ئىشلەپ چىقىرىش مىقدارىغا قاراپ بېرىلىدۇ . مەھسۇلاتنى كۆپ ئىشلەپ چىقارغانلارغا مۇكاپات سوممىسى قۇشۇپ بېرىلىدۇ.  ئاز ۋە ئاستا ئىشلەپ چىقارغانلارغا مائاشنى ئاز بېرىدۇ. بىر كۈندە 10~20 يۈەن، ئايلىقى 150~300 يۈەنگىچە . ئەڭ كۆپ 800~1000 يۈەن مائاش ئالىدۇ. دەم ئېلىش كۈنى يوق .ھەپتە ئاخىرلىرى بوپ قالسا كىلەر ھەپتە دەم ئالىسىلەر دەپ قۇيۇپ ئارام ئالغۇزمايدۇ .خىزمەت شارائىتى بەكلا ناچار. باشلىقلىرى بەك قوپال  مۇئامىلىسى ناچار. زاۋۇتقا كىرىشتىن بۇرۇن چۇقۇم ئىككى نۇسخا توختامنامە ئىمزالايدۇ. لىكىن ئىككىنچى نۇسخىسى «خىزمەتچىلەرگە» بېرىلمەيدۇ. ئەگەر ئىمزا قويمىسا ئۇدۇل لاگىرغا ئېلىپ كېتىلىدۇ. ئەگەر ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن خىزمەت تاپالىسا زاۋۇتتىن ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا يۆتكۈلىدۇ، ئەگەر ئۇ يەردىن خىزمەت تاپالمىسا قاچان ئىستىپا بېرىلىدىغىنىنى دىمەستىن مۇددەتسىز زاۋۇتتا ئىشلىتىدۇ. 

 

بىزنىڭ ئارىمىزدا مەخپى قائىدە بار، 18 ياشقا توشۇپ خەنزۇچە بىلمەيدىغان ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنى چۇقۇم يىغىپ تەربىيەلەش مەركىزىگە ئاپىرىلىشى كىرەك .

 

شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان)دىكى تور سۈرئىتى 4G دىن 3G غا چۈشۈرۈلۈپتۇ.

 

غۇلجا ناھىيە قازانچى يىزىسىدا تۇتۇلغان ئادەم تىزىملىكى :

Mukamia Karakoyshi 1990- يىلى تۇغۇلغان، 17 يىللىق جازاغا ھۆكۈم قىلىندى،

ئۆيىنىڭ ئورنى (44°3»51.31″N 81°36»25.51″E)

Arshin Shapaev، 1990– يىلى تۇغۇلغان، ئۆيىنىڭ ئورنى: (44°3»51.06″N 81°36»28.87″E)

باتۇر، 1994- يىلى تۇغۇلغان، جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان، ئۆيىنىڭ ئورنى (44°3»50.46″N 81°36»26.88″E)

Kaster Abeu، 1994- يىلى تۇغۇلغان، ئۆيىنىڭ ئورنى   (44°3»46.48″N 81°36»21.34″E)

جانىبەك ۋە ئايدىن ئاكا- ئۇكىلار، 1980- ۋە 1991- يىللىرى توغۇلغان، ھەر ئىكىلىسى ئۆيىدە نەزەربەنتتە.

ئۆيىنىڭ ئورنى: (44°3»42.97″N 81°36»23.94″E)

Suyinbay Saliahin، 1992- يىلى تۇغۇلغان، جازاغا ھۆكۈم قىلىندى.

ئۆيىنىڭ ئورنى: (44°4»21.40″N 81°37»49.08″E)

 

يېزىدىكى يەرلەشتۈرۈش ئۆيلىرى(44°3»32.46″N 81°36»8.84″E) ھەممىسىدا ئىچكىردىن كەلگەن خەنزۇ كۆچمەنلەر بار، ھۆكۈمەت ئۆي ياساپ ئۇلارنىڭ ھەقسىز تۇرىشىغا بېرىدۇ.

 

بىلىنمىگەن  يىغىپ تەربىيەلەش مەركىزى:

غۇلجا ناھىيە مەلۇم مەكتەپ (43°59»5.32″N 81°31»34.77″E) ئىچىگە قامالغىنى پارتىيە ئەزاسى ياكى كادىرلار، تەپسىلى كىملىكى ئىنىق ئەمەس .

غۇلجا ناھىيە كونا قۇراللىق تۈرمە   (43°58»24.93″N  81°31»23.11″E)

ئۆرىۋىتىلگەن غۇلجا ناھىيە مەسچىتى  (43°57»47.42″N 81°29»53.06″E)

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

 

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئايرودۇرۇم ساقچىخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 11 ئۇيغۇر قويۇپ بېرىلدى

شە دېكابىر 29 , 2018
تايلاند تۈرمىسىدىن غەلبىلىك قېچىپ چىقىپ مالايسىيا چېگراسىغا كىرگىنىدە مالايسىيادا بىر مەزگىل تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن مالايسىيا ھۆكۈمىتى تۈركىيەگە كېتىشىگە رۇخسەت قىلغان 11 شەرقىي تۈركىستانلىق ئىككى ئايدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ئىستانبۇل ئايرودۇرۇم ساقچىخانىسدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىدى.

You May Like