جۇمھۇرىيەت كۈنىمىزدە فرانسىيەدىن يەنە بىر خۇشخەۋەر

فرانسىيەدە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىسى دوكتور دىلنۇر تەرىپىدىن تەييارلىنىپ ئېلان قىلىنغان فرانسىيەدىكى سىياسى پارتىيەلەر شۇنداقلا شەھەر باشلىقلىرىنىڭ ئىمزا قويۇشىغا سۇنۇلغان «ئۇيغۇرلار بىلەن سەبداشلىق»نىزامنامىسىغا بۈگۈنگە قەدەر ئالتە سىياسىي پارتىيە شۇنداقلا ئون شەھەر باشىلىقى ئىمزا قويغان بولۇپ، بۈگۈن يەنى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى ھارپىسىدا يەنە بىرقانچە پارتىيە بۇ نىزامنامىگە ئىمزا قويغىنىنى ئېلان قىلدى.

ئارمان

2020-11-12

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

بۇ نىزامنامىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
1 – ماددا. بىز شەرتسىز ھالدا، خىتاي كومۇنىستىك رېجىمى تەرىپىدىن باستۇرۇلۇشقا ئۇچراۋاتقان
ئۇيغۇر خەلقى بىلەن بىر سەپتە بولۇشقا ۋەدە بېرىمىز.
2 – ماددا. بىز خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى
جىنايەتلىرىنى ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن )تاراتقۇ، نامايىش…ۋەھاكازالار( دۇنياغا ئاڭلىتىشقا ۋەدە
بېرىمىز.

  1. بىز خىتايغا قارشى كۈچلۈك ئىقتىسادى، سىياسى ۋە دىپلوماتىك جازالارنىڭ قوللىنىشىنى تەلەپ
    قىلىشقا ۋەدە بېرىمىز.
    4 . بىز فىرانسىيەدىكى خىتاي كومۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سەپسەتە قورالى بولغان 17 كۇڭزى
    ئىنىستىتۇتلىرىغا بېرىلىۋاتقان ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادى ياردىمىنىڭ توختىشىنى ئاشكارە تەلەپ
    قىلىشقا ۋەدە بېرىمىز.
  2. بىز ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ئۇيۇشمىلارغا يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ سىياسى ۋە
    ئىقتىسادى تىرەك بولۇشى ئۈچۈن ۋەدە بېرىمىز.
  3. بىز فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر دىئاسپوراسىغا ياردەم قىلىش ۋە قوغداش ئۈچۈن قولىمىزدىن
    كەلگەن بارلىق ئۇسۇلنى قوللىنىشقا ۋەدە بېرىمىز.

مەزكۇر ۋەدىنامە بىرىلگەن توربەتتە شەرقىي تۈركىستان بايرىقى ۋە جۇمھۇرىيەت كۈنىمىز قۇتلۇقلانغان تەبرىكلەر يىزىلغان.

ياۋروپا پارلامىنت ئەزاسى رافائېل گىلۈكسمەن يەنە فەيىسبۇك ۋە تىۋىتىردا جۇمھۇرىيەت كۈنىمىزنى قۇتلۇقلاپ يازما ئىلان قىلغان.

مەنبە:

https://generationecologie.fr/2020/11/12/generation-ecologie-a-signe-la-charte-de-solidarite-avec-le-peuple-ouighour/

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

شۋېتسىيە سوتى خۇاۋېينى چەكلەش بۇيرۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

پە نويابىر 12 , 2020
شۋېتسىيە پوچتا-تېلېگراف باش ئىدارىسى (Swedish Post and Telecom Authority, PTS) ئالدىنقى ئايدا دۆلەت بىخەتەرلىكىنى سەۋەب قىلىپ، شۋېتسىيەدە ئېلىپ بېرىلىدىغان 5G كىمئارتۇق سودىسىدا خۇاۋېي قاتارلىق خىتاي ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىنى چەكلىگەنلىكىنى جاكارلىغان بولۇپ، خۇاۋېي بۇ قارارغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئالدىنقى ھەپتە PTS ئۈستىدىن ئەرز قىلغان ئىدى

You May Like