جەنۋەدىكى ھەپتىلىك شەرقىي تۈركىستان قىرغىنچىلىقى كۆرگەزمە چىدىرى غەلبىلىك ئاياغلاشتى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى باش شىتابى جايلاشقان بىنانىڭ ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان شەرقىي تۈركىستان قىرغىنچىلىقىنى تۇنۇشتۇردىغان بىر ھەپتىلىك پائالىيەت بۈگۈن يەنى 2_ئاينىڭ 28_كۈنى مۇۋەپىقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى باش شىتابى جايلاشقان بىنانىڭ ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان شەرقىي تۈركىستان قىرغىنچىلىقىنى تۇنۇشتۇردىغان بىر ھەپتىلىك پائالىيەت بۈگۈن يەنى 2_ئاينىڭ 28_كۈنى مۇۋەپىقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە، جەنۋەدە تىكىلگەن شەرقىي تۈركىستان چىدىرنىڭ ئىچىگە 48 پارچە چوڭ رەسىم تاخىتللىرى ۋە 20_30 قا يېقىن لوزۇنكىلار تەييارلانغان بۇلۇپ، رەسىم تاختىلاردا نۆۋەتتە خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقلىرىغا ئائىت رەسىم ۋە يازمىلار ، لاگىر كۈرۈنۈشلىرى، بالىلار لاگىرى، ئېشىنچە ئەمگەك كۈچى نامىدا خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرى ۋە ھەر قايسى بىڭتۈەنلەردە ھەقسىز ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى، چېقىۋىتىلگەن مەسچىت ۋە ئۇيغۇر بىناكارلىق ئۇسلۇبىدىكى ئۆيلەر قاتارلىق مەزمۇنلار ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. رەسىملەرنىڭ ئاستىغا يېزىلغان ئىنگلىزچە چۈشەندۈرۈشلەر تەپسىلىي يېزىلغان.

 


بىر ھەپتە داۋام قىلغان بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ھاۋانىڭ سوغۇق بۇلىشىغا قارىماي قۇرۇلتاي رەھبەرلىرى ۋە ئاكتىۋىتىسلەر نۆۋەتلىشىپ خىزمەت قىلغان.
بىر ھەپتىلىك بۇ پائالىيەت داۋامىدا ئۇيغۇر چىدىرى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى ۋە ئاخبارات خادىملىرنى ھەتتا بىرلەشكەن دۆلەت تەشكىلاتىدىكى بىرقىسىم دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىك خادىملىرى بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر چىدىرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يېقىندىن ئاڭلاپ، چۈشەندى.
شىۋىتسارىيە دۆلەتلىك تىلۋىزيىسى قاتارلىق بىرقىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات قاناللىرى مەخسۇس زىيارەت ئېلىپ باردى.
شەرقىي تۈركىستان بايرىقى بىر ھەپتە جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىناسىنىڭ ئالدىدا لەپىلدىدى.

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى :ختتاينىڭ ئامېرىكا تۇپرىقىدا جاسوسلۇق قىلىشغا يول قويمايلى

جۈ فېۋرال 28 , 2020
ۋاشنگىتون،28-فېۋرال ئۇزۇن يىللاردىن بىرى ،ختتاي كوممۇنىستىك پارتىيسى رەھبەرلىكىدىكى ختتاي جاسوسلۇق ئاپپاراتلىرى ئامېرىكىنىڭ ھەربى، سياسى، ئاخبارات، تەتقىقات، سودا، مائارىپ ساھەسىگە تۈرلۈك شەكىللەردە بۆسۈپ كىرىپ، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئىتى، كارخانىلارنىڭ ئېقتسادى مەنپەئىتى، پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئىغىر تەھدىت ۋە زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

You May Like