جەنۋەدە بېيجىڭ قىشلىق ئولىپىكىنى بايقۇت قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

9- ئاپرېل كۈنى شۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش شىتابى ئالدىدا خىتاينىڭ 2022- يىلىدىكى قىشلىق ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى.

ھەبىبۇللا ئىزچى
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 12- ئاپرېل

 

9- ئاپرېل كۈنى شۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش شىتابى ئالدىدا خىتاينىڭ 2022- يىلىدىكى قىشلىق ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى.

 

نامايىشنى جەنۋەدە قۇرۇلغان «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن جەنۋە»، ئۇيغۇرلارغا ئادالەت تەشكىلاتى، ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى، ياۋرۇپا يەھۇدى ئوقۇچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلىكتە ئېلىپ باردى. پائالىيەتكە تىبەت سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى، شۋېيتسارىيە – تىبەت دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە خوڭكوڭلۇق ياشلارمۇ قاتناشتى.

 

نامايىشقا جەنۋە ئۆلكىلىك پارلامېنتى مۇئاۋىن باشلىقى دىلارا بايراق، شۋېيتسارىيە يوقۇرى پالاتا ئەزاسى لىسا ماززونى، شۋېيتسارىيە تۆۋەن پالاتا ئەزالىرىدىن ئۈچ كىشى قاتناشتى.

 

نامايىش باشلىنىشىدا «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن جەنۋە»  تەرىپىدىن  ئولىمپىكنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى سىمۋول قىلغان يۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بىرىلدى، ياشلار خىتايدىكى ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقى بىلەن، «قايتا تەكرارلانمىسۇن» پىلاكتلىرى ۋە 1936-2022 يېزىلغان تاختايلارنى كۆتۈرۈپ، ئولىمپىك مۇزىكىسى ئىچىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش شىتابى ئالدىدا مەيداننى ئايلاندى.

 

ئارقىدىن «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن جەنۋە» دىن دارىيو، ۋانىنا مېيار قاتارلقلار سۆز قىلدى.

 

ئۇيغۇرلارغا ئادالەت تەشكىلاتى رەئىسى دوكتۇر ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ئەپەندى نۇتقىدا خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلەۋاتقانلىقى، بۇ قىلمىشلارنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قانۇنىغا ياتىدىغانلىغىنى، ئولىمپىكنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلىشى بولسا دۇنيا ئولىمپىك كومتېتىنىڭ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىنى كۆرمەسكە سالغانلىقى ۋە بۇ جىنايەتكە شېرىك بولغانلىق بولىدىغانلىقىنى سۆزلەپ، ئۆزىنىڭمۇ تۇغقانلىرىنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرىدا ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئالغان خەۋرىدە ئىنىسىنىڭ دوستلىرى بىلەن قاتار چاي ئوينىغانلىق سەۋەبىدىن 10 يىللىق تۈرمىگە تاشلانغانلىغىنى ۋە  تۈرمىدە تېلېفوننىڭ زەرەتلىگۈچىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغانلىغىنى، بەلكىم بۇ مەيداندىكىلەردىن بەزەن كىشىلەرنىڭ، ھەتتا ئۆزىنىڭمۇ تېلېفون زەرەتلىگۈچى شۇ زاۋۇتتا ئىنىسىنىڭ قولىدا ئىشلەنگەنلىكى ئېھتىمال ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ  مەيداندىكى ھەممەيلەننى سۈكۈتكە چۆمدۈردى.

 

جەنۋە ئۆلكىلىك پارلامېنتى مۇئاۋىن باشلىقى دىلارا بايراق خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ دۇچ كەلگەن بۇ قىرغىنچىلىقىتىن پۈتۈن ئىنسانىيەت مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ۋە ھەر بىر ۋىجدان ئىگىسىنىڭ ختاينىڭ بۇ جىنايىتىنى توسۇش ۋە قارشى تۇرۇش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئېيتتى.

 

تىبەت سۈرگۈندى ھۆكۈمەت ۋەكىلى نۇتقىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگىنى قانداقتۇر دۇنيانى ئالداۋاتقاندەك تەربىيىلەش بولماستىن، ئوچۇقلام ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ھەددى – ھېسابى يوقلۇقىنى، ئەرلەرنىڭ ئاساسەن تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى، خىتاي يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ داڭلىق زىيالىلىرى، ئۆلىمالىرى، بايلىرىنى يوق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.

 

ئارقىدىن ئوقۇچىلارنىڭ ئورۇنلىشىدا ئولىمپىك مەشئىلىگە سىمۋول قىلىنغان قارا مەشئەل كۆتۈرۈپ، بايقۇت چاقىرىقى ئىچىدە مەيداندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۈچ مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇلدى.

 

ئاخىرىدا تېلېۋىزور، گېزىتلەرنىڭ مۇخبىرلىرى، مەيدانغا يىغىلغان نەچچە يۈزلىگەن شۋېيتسارىيە خەلقى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىرى ئالدىدا شۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتى شۋېيتسارىيە پارلامنېتى مۇئاۋىن باشلىقى دىلارا بايراق خانىم، لىسا ماززونى ۋە تۆۋەن پالاتا ئەزالىرى خىتاينىڭ 2022- يىللىق قىشلىق ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقىغا نەق مەيدا ئىمزا قويۇش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ياپونيەنىڭ ئەڭ چوڭ شوخلا قىيامى ئىشلەپ چىقارغۇچى شىركىتى شىنجاڭدىن شوخلا سېتىۋېلىشنى توختاتتى.

پە ئاپرېل 15 , 2021
ياپونىيەنىڭ ئاساسلىق شوخلا قىيامى ۋە كۆكتات شەربىتى ئىشلەپچىقارغۇچى كاگومې 14- ئاپرېل چارشەنبە كۈنى شىركەتنىڭ خىتاينىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) دىن شوخلا قىيامىنى پىششىقلاپ ئىشلەشنىڭ خام ئەشياسى بولغان شوخلا ئىمپورت قىلىشنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

You May Like