ئىتالىيەلىك مۇزىكانت 4200 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاغ چوققىسىدا پىيانىنو چالدى

ئەنگلىيە <كۈندىلىك پوچتا گېزىتى> نىڭ 7-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيەلىك مۇزىكانت ئېلىسا تومېللىنى (Elisa Tomellini) ئىتالىيە بىلەن شېۋېيتسارىيەنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان ئاللىپىس تېغىدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 14 مىڭ ئىنگلىز چىسى (يەنە تەخمىنەن 4267 مېتىرغا تەڭ) روسا چوققىسىدا پىئانىنو چالغان بولۇپ، بۇ <دۇنيا بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىزدە ئۆتكۈزۈلگەن پىيانىنو كونسېرتى> دەپ ئاتالغان.

ئەنگلىيە <كۈندىلىك پوچتا گېزىتى> نىڭ 7-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيەلىك مۇزىكانت ئېلىسا تومېللىنى (Elisa Tomellini) ئىتالىيە بىلەن شېۋېيتسارىيەنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان ئاللىپىس تېغىدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 14 مىڭ ئىنگلىز چىسى (يەنە تەخمىنەن 4267 مېتىرغا تەڭ) روسا چوققىسىدا پىئانىنو چالغان بولۇپ، بۇ <دۇنيا بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىزدە ئۆتكۈزۈلگەن پىيانىنو كونسېرتى> دەپ ئاتالغان. ئېلىسا ئىسىملىك بۇ مۇزىكانت ئۆزىنىڭ تاغقا يامىشىش ۋە پىيانىنو چېلىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل قىزىقىشىنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرمەكچى بولغان ھەم ئۆز پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كىرىشكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: <مەن ئىلگىرى ئۆزۈمنىڭ دۇنيانى ئايلىنىش ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇزىكا بىلەن شۇغۇللىنىشتىن ۋاقتىنچە ۋاز كەچكەنىدىم، مەن مۇزىكا بىلەن تاغ چوققىسىنى كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىماقچى بولغانىدىم>. كۆرۈنۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىسا 0 دىن تۆۋەن 15 سېلسىيە گىرادۇسلۇق قەھرىتان سوغۇقتا قولىغا ناھايىتى قېلىن پەلەي كىيىپ، تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن تاغ چوققىسىغا ئېلىپ چىقىلغان پىيانىنونى چېلىشقا باشلىغانىدى. بۇ قېتىمقى تاغ چوققىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن كونسېرت ئېلىساغا ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان كىچىككىنە شەخس ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرغان بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىمقى كونسېرتتىن كىرگەن پۇللارنىڭ ھەممىسىنى نېپالدىكى مەلۇم يېتىملار ساناتورىيەسىگە ئىئانە قىلىشنى قارار قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: <مەن تاغ چوققىسىدىكى قاتتىق سوغۇقتا غال-غال تىترەپ كەتكەن چېغىمدا، ئۆزۈمنىڭ كونسېرتنى تاماملىيالماي قېلىشىمدىن قاتتىق ئەنسىرىگەنىدىم، لېكىن مەن بۇنى يەنىلا تاماملىيالىدىم. مەن ئۆزۈمنىڭ ئىككى پۇتىغا تايىنىپ تاغ چوققىسىغا يامىشىپ چىققانلىقىم، شۇنداقلا ئىككى قولۇم بىلەن مۇزىكىنى ئورۇنداپ بولالىغانلىقىمدىن ھېلىھەم قاتتىق ھاياجانلانماقتىمەن>.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئامېرىكا-مېكسىكا چېگرىسىغا زور تۈركۈمدە مۇساپىرلار يىغىلدى

سە ماي 1 , 2018
«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 30-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇساپىرلار بېسىلغان، كونىراپ كەتكەن بەش ئاپتوموبىل ئامېرىكىنىڭ سان ديېگو بىلەن مېكسىكا چېگرىسىغا يېتىپ كېلىپ، بۇ جايدىكى چېگرىدىن ئامېرىكىغا كىرمەكچى بولغان.

You May Like