ئىستانبولدىن قەيسىرىيگە ھېيىتلاپ بارغان ئۈچ نەپەرئۇيغۇر قىزى سۇغا چۆكۈپ كەتكەن

ئىستانبولدىن قەيسىرىيگە ھېيىتلاپ بارغان ئۈچ نەپەرئۇيغۇر قىزى سۇغا چۆكۈپ كەتكەن

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 31-ئىيۇل، 2021-يىلى

ئامىنە سەدەف

7-ئاينىڭ 30-كۈنى ئىستانبولدىن قەيسىرىيگە ھېيىتلاپ كەلگەن بىرقانچە ئۇيغۇر خانىملار بالىلىرىنى ئېلىپ(15-20ئەتىراپىدا ئانىلار ۋە 14-13ئەتىراپىدا كىچىك بالىلار) قەيسىرىي شەھەر ئىچىدىن تەخمىنەن 30 كىلومېىتىر يىراقلىقتىكى بۇنيانغا دالا تامىقى يەپ ، ساياھەت قىلىش ئۈچۈن بارغان. بۇ يەردە بىرچوڭ سۇ ئامبىرى بار بۇلۇپ ،يەرلىك ھۆكۈمەت ئامبارنى تۆمۈر رىشاتكىلار بىلەن قورشاپ قويغان شۇنداقلا سۇغا چۈشۈشنى چەكلەش بەلگىلىرىنى ئېسىپ قويغان. ئەمما ئۇلار ئېتىز ئارىلاپ ئۆستەڭ بۇيى تەرەپتىكى چەكلەنگەن رايۇندىن ئامبارغا كىرگەن. ئويۇن خوشاللىقىغا چۆمگەن بالىلار تىزىغىچە سۇغا كىرىپ ھاياجان بىلەن ئوينىغان. شۇ ئارلىقتا بالىلاردىن ئىككىسى 10-15 مىتىرلارچە يىراقلاپ كېتىپ ئىھتىياتسىزلىقتىن توسمىنىڭ چوڭقۇر يېرىگە چۈشۈپ كەتكەن.شۇ ئەسنادا بالىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن باشقا بىر خانىم ئۆزىنىڭ بالىلىرىنى قۇيۇپ سۇغا سەكرىگەن. ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان قۇتقۇزۇش ئەترىتىدىن 50 كىىشى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ قاراڭغۇ چۈشكىچە  جىددىي ئىزدىگەن بولسىمۇ سۇ لاي ، پاتقاق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ 3 قىزنىڭ جەسىتىنى تاپالمىغان ۋە باشقا ۋىلايەت مەركەزلەردىن غەۋۋاسلارنى ياردەمگە چاقىرغان. قازاغا ئۇچىرىغان قىزلارنىڭ بىرى 15 ياشلىق سەفىيە شىرئەلىنىڭ دادىسى ۋەتەندە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىنغان بولۇپ، يىللاردىن بېرى تۈركىيەدە ئانىسى ۋە ھاممىسى بىلەن ياشاپ كەلگەن ئىكەن. يەنە بىرى 10 ياشلىق مۇسلىمە خالمۇرات بۇلۇپ ، دادىسى ئىستانبۇلدا .‌ بۇ ئىككى قىزنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن سۇغا سەكرىگەن خانىمنىڭ كىملىكتىكى ئىسمىي تۇرسۇنگۈل ئابدۇرىشىت بولۇپ، قوللىنۋاتقان ئىسمى خەدىجە ، 28 ياشتا ئىكەن .  بىز بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ يېنىدا تۇرغان قەيسىرىي شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ھەمكارلىق جەمىيەتدىن ئابدۇقادىر تۈمتۈرك ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق . ئابدۇقادىر ئەپەندى بىزگە ۋەقە جەريانىنى ئېيتىپ بەردى ۋە مۇنداق دىدى : « بىز بالىلىرىمىزنى 9 ئاي قورساق كۆتۈرۈپ ، مىڭ بىر جاپادا بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىمىز. ئۇلارنى  خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن قۇتقۇزۇپ ، ياخشى ئوقۇتۇپ تەربىيلەش ئۈچۈن ياقا-يۇرتلاردا مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتىمىز. يېقىندىن بېرى قېرىنداشلارنىڭ بىخەستەلىك قىلىشى سەۋەبىدىن  بالا يوقاپ كېتىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش خىلمۇ-خىل ۋەقەلەر يۈز بىرىۋاتىدۇ.  بۇنىڭدىن 6 ئاي ئىلگىرىمۇ بىر ئۆيدە 6 بالىنى ئىس ئېلىپ قۇيۇپ ، بىر بالا قازا قىلغان ئىدى . شۇڭا قېرىنداشلارغا دەيدىغىنىم‌ بالىلىرىمىزغا مەسئۇل بولايلى .‌ بىز كۈندىن كۈنگە ئازلاپ كېتىۋاتقان بىر مىللەت بۇلۇش سۈپىتىمىز بىلەن‌ بالىلىرىمىزغا مەسئۇل بۇلايلى ». 

ئاگېنتلىقىمىزنىڭ ئەڭ يېڭىدىن ئىگەللىگەن ئۇچۇرىدىن ئاساسلانغاندا ھازىرغا قەدەر سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئۈچ نەپەر خانىمنىڭ جەسەتلىرى قۇتقۇزۇش خادىملىرى تەرىپىدىن سۈزۈپ ئېلىنغان. ئۇلۇغ ئاللاھتىن بۇ پاجىئەدە قازا قىلغان مەرھۇمەلەرنىڭ ئاخىرەتلىكىنى ئاسان بولىشىنى تىلەيمىز.  

 

Uyghur Reporter

Next Post

2009-يىللىق ماقالە:ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇچ كىلىۋاتقان كىرزىسلار

شە ئىيۇل 31 , 2021
ھەممە ھەۋەس قىلىۋاتقان كورىيەنىڭ ئايال چولپانلىرى –ھەممە نالەت ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر پاھشەلىرىنڭ قولىغا ھىچقايسى جەھەتتىن سۇ قويۇپ بىرەلمەيدۇ.پەقەت ئۇلارنى قانداق قىلىپ تەربىيلەش ۋە زىننەتلەش بىزنىڭ ئششمىز!

You May Like