ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ب ب س قانىلىغا گۇۋاھلىق بەردى.

18- ئاپرىل، دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئاخبارات قانىلى بولغاننىڭ ۋەتىنىمىزگە بېرىپ، لاگىرلار ھەققىدە خەۋەر ئىشلىگەن داڭلىق ب ب س مۇخبىرى جون ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسى، ئىستانبۇلنىڭ ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا پەرزەنتلىرى ۋەتەندە قېلىپ جەم بولالمىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ دەرتلىرىگە قۇلاق سالدى.

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ب ب س قانىلىغا گۇۋاھلىق بەردى.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

ئۆز مۇخبىرىمىز ئازات خەۋىرى

 

18- ئاپرىل، دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئاخبارات قانىلى بولغاننىڭ ۋەتىنىمىزگە بېرىپ، لاگىرلار ھەققىدە خەۋەر ئىشلىگەن داڭلىق ب ب س مۇخبىرى جون ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسى، ئىستانبۇلنىڭ ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا پەرزەنتلىرى ۋەتەندە قېلىپ جەم بولالمىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ دەرتلىرىگە قۇلاق سالدى.

گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتىگە تەخمىنەن يۈز ئەتراپىدا كىشى كەلگەن بولۇپ، پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلغان ئاتا-ئاتا ئانىلاردىن سىرت، ئائىلە ئەزالىرى ۋە باشقا ئۇرۇق- تۇغقانلىرى لاگىرغا ياكى تۈرمىلەرگە سولانغان كىشىلەرمۇ ئاكتىپلىق بىلەن گۇۋاھلىق بەردى.

 

گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى ئالتە سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان بولۇپ، گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر ۋەتەندە زۇلۇم چېكىۋاتقان ئۇرۇق -تۇغقانلىرىنىڭ ۋەقەلىكلىرىنى بايان قىلىپ كۆز يېشى قىلىشتى. مۇخبىرلارمۇ قاتتىق تەسىرلەندى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دەرتلىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە خىتاي زۇلۇمىنى توختۇتۇش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە ئەڭ ياخشى خەۋەر ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

خىتاي ياۋروپا ئىتتپاقىنىڭ زىيارەت ئۆمىكىنى ئالداشقا ئۇرۇنماقتا

جۈ ئاپرېل 19 , 2019
  ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى خەۋەر يەتكۈزگۈچى ئۇچۇرى      ۋەتەندىن ئېرىشكەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ۋەكىللىرىنى ئەۋەتىش ھارپىسىدا، مەككار خىتاي ئاۋالقىدەك ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان نەق مەيدانلارغا ساھىپخانلىق قىلغان.خىتاي ھۆكۈمىتى  ئۈرۈمچى شەھرىدىكى بارلىق كامىرالارنى ئېلىۋەتكەن، لىكىن ئېلىپ تاشلانغان كامىلارنىڭ ئىزلىرى قالغان. مەسچىتلەرگە كىرىشتىن چەكلەنگەن خەلق ئاممىسىنى قايتىدىن […]

You May Like