ئىستانبۇلدا خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

2- نويابىر ئىستانبۇل پاتىھ ساراچخانە باغچىىسدا ئىيى پارتىيە قارتال رايۇنلۇق باشقارمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، باشقا پارتىيە ۋە ئىجتىمائى جەمىيەتلەرنىڭمۇ ئاۋاز قوشۇشى بىلەن شەرقى تۈركىستاندىكى زۇلۇم ۋە جازا لاگىرلىرىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشقا كۆپ ساندا ئىيى پارتىيە ئەزالىرى ۋە باشقا ئىجتىمائى جەمىيەت رەھبەرلىرى، شۇنداقلا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر قاتناشتى·

تەييارلىغۇچى: ئ‍ىقبال

كوررىكتور: مەنزىل

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2018-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

   

2- نويابىر ئىستانبۇل پاتىھ ساراچخانە باغچىىسدا ئىيى پارتىيە قارتال رايۇنلۇق باشقارمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، باشقا پارتىيە ۋە ئىجتىمائى جەمىيەتلەرنىڭمۇ ئاۋاز قوشۇشى بىلەن  شەرقى تۈركىستاندىكى زۇلۇم ۋە جازا لاگىرلىرىغا قارشى نامايىش  ئۆتكۈزۈلدى.  نامايىشقا كۆپ ساندا  ئىيى پارتىيە ئەزالىرى ۋە   باشقا ئىجتىمائى جەمىيەت رەھبەرلىرى، شۇنداقلا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر قاتناشتى·

نامايىشقا ئاۋاز قوشقان پارتىيە ۋە جەمىيەتلەر  تۆۋەندىكىچە:

ئىيى پارتىيە ئىستانبۇل قارتال باشقارمىسى، تۇزلالى تۈركچىلەر گۇرۇبى، كادىكۆي تۈرۈك ئوجاقلىرى، ئۆتۈكەن پارتىسى، كۇۋا مىللىيە، يالۇۋا يىڭىدىن ئويغىنىش جەمىيىتى، بۈيۈك تۈركىستانلىقلار تەتقىقات جەمىيتى، ئەلازىغ ياشلىق ۋە فولىكلۇر جەمىيتى … قاتارلىقلار.

نامايىشقا شەرقى تۈركىستان رەھبەرلىرىدىن شەرقى تۈركىستان مىللى مەجلىسى رەئىسى سىيېت تۈمتۈرۈك، شەرقى تۈركىستان يىڭى نەسىل ھەركىتى رەئىسى دوكتۇر ئابدۇسالام تەكلىماكان، شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى، مۇھتەرەم ئۇستاز نىياز قارىھاجىم  قاتارلىقلارمۇ ئىشتىراك قىلدى.

نامايىشنىڭ بېشىدا ئىيى پارتىيە پاتىھ رايۇنى باشلىقى سۆزگە چىقىپ نامايىشقا كەلگەن تۈرك ۋە ئۇيغۇر ئىشتىراكچىلارغا خىتابەن مۇنداق دىدى:

ئەزىز قىرىنداشلار، بىز بۈگۈن مۇسۇلمان ۋە تۈرك بولغانلىقى تۈپەيلىدىن خىتاي زۇلمىدا ئىڭراۋاتقان شەرقى تۈركىستانلىق قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىزتىرابىنى ئورتاقلىشىش ئۈچۈن يىغىلىپ تۇرۇپتىمىز. شەرقى تۈركىستان تۈرۈك يۇرتىدۇر، ئاتىلىرىمىزنىڭ يۇرتىدۇر. يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقىرى قاتارلىق قىممەتلىك ئالىملىرىمىزنى يىتىشتۈرگەن تۇپراقلاردۇر. بىز بۈگۈن تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئىيى پارتىيە بولۇش سۈپىتمىز بىلەن بۇ تىراگىدىيەگە ئىنكاسسىز قالالمايمىز. ئۇيغۇرلار تۈركتۈر، ئۇيغۇرلار مۇسۇلماندۇر، ئۇلار مەڭگۈ تۈرك بولۇپ ياشايدۇ.

ئۇ يەنە «ئىيى پارتىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقى تۈركىستان داۋاسىنى ئۆز داۋايىمىز دەپ بىلىمىز، قولىمىزدىن كەلگىنىچە كۆرىشىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دىگەنلەرنى ئىلاۋە قىلدى. نامايىشقا كەلگەنلەردىن  قىزغىن ئالقىش ۋە شۇئار سادالىرى ئۈزۈلمىدى.

تەكلىپ بىلەن سۆزگە چىققان شەرقى تۈركىستان مىللى مەجلىسى رەئىسى سىيىت تۈمتۈرۈك ئەپەندى مۇنداق دىدى:

ئەزىز قىرىنداشلار، 35 مىليۇندىن ئارتۇق شەرقى تۈركىستانلىق قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاھۇ- زارى بىزنى ئىچ ئىچىمىزدىن ئازاپلايدۇ. بۈگۈن دۇنيا خەلقى شەرقى تۈركىستاندا يۈز بىرىۋاتقان ئىنسانلىق دىراممىسىغا تاماشىبىن بولۇۋاتىدۇ. نە ئىسلام دۇنياسى، نە تۈرك دۇنياسى خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئىلىپ بىرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقى ۋە ئاسمىلاتسىيە سىياسىتىگە ئاۋازىنى چىقارمىدى. بىز بۈگۈن تۈركىيەدە قايسى پارتىيە، قايسى تەشكىلات شەرقى تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن ھەركەتكە ئۆتسە، ئۇلارنىڭ پائالىيتىگە ئاكتىپ قاتنىشىمىز، ئۇلارغا تەشەككۈر ئىيتىمىز. بىزنىڭ داۋامىز بىر پاتىيەنىڭ، ياكى بىر تەشكىلاتنىڭ داۋاسى ئەمەس.

ئۇ يەنە شەرقى تۈركىستاندىكى لاگىر مەسلىسى ۋە يۈز بىرىۋاتقان ئىرقى، كۈلتۈر قىرغىنچىلىقلىرىنى تىلغا ئالدى. سۆز ئاخىرىدا سىيىت تۈمتۈرۈك ئەپەندى بۇ نامايىشنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىيى پارتىيە رەھبەرلىرىگە ۋە نامايىشقا كەلگەن بارلىق قىرىنداشلارغا رەھمىتىنى بىلدۈردى.

نامايىشنىڭ ئاخىرىدا سىيىت تۈمتۈرۈك ئەپەندىنىڭ تەكلىپى بىلەن ، شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى، مۇھتىرەم ئۇستاز نىياز قارىھاجىم پۈتۈن شەرقى تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن دۇئا قىلدى. نامايىىش قىزغىن ۋە رەتلىك ئېلىپ بىرىلدى.

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتەلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارىلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

 

UT-Uyghur Reporter 11

Next Post

نۇرى تۈركەل: بېيجىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۇيغۇرلارنى «دۆلەتنىڭ ئومۇمىي دۈشمىنى» دەپ تەسۋىرلەپ چىقتى

يە دېكابىر 2 , 2018
سىگال سامۇئېل ئامېرىكا «ئاتلانتىك ئوكيان ئايلىق ژۇرنىلى»نىڭ دىنىي ئىشلارغا ئالاقىدار خەۋەر بېرىدىغان تەھرىرى. نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا ئۇ خىتاينىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى قاماققا ئېلىش ۋەقەسىنىڭ بۇ يىللىق دىنىي ساھەدىكى ئەڭ چوڭ تېما ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ.

You May Like