ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تۇنجى قارارلىق تۈركچىنى توغرا تەلەپپۇز قىلىش ۋە نۇتۇق ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش كۇرسى ئېچىلدى

ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تۇنجى قارارلىق تۈركچىنى توغرا تەلەپپۇز قىلىش ۋە نۇتۇق ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش كۇرسى ئېچىلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 10-دېكابىر

ئامىنە سەدەف

تۈركىيە يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ قوللىشى، ئۇيغۇر پار فوندىنىڭ ئىقتىسادى ياردىمى ۋە ياش شائىر ئىمران سادائىنىڭ  پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تۇنجى قارارلىق تۈركچىنى توغرا تەلەپپۇز قىلىش ۋە نۇتۇق ماھارىتىنى يېتىشتۈرۈش كۇرسى، تۈركىيە يازغۇچىلار بىرلىكى ئىستانبۇل شۆبىسىدە دەرس باشلىدى. 

بۇ قېتىمقى كۇرسقا ئىستانبۇلدىكى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ، ئۇيغۇر ئاكتىۋىتىسلەر قاتناشتى. 
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كۇرسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغۇچىسى ياش شائىر ئىمران سادائى، كۇرسىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ: « تۈركىيەدە ئۇقۇۋاتقان ياكى خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار گەرچە تۈركچىنى ئۇقۇپ چۈشىنىش ۋە يېزىشتا قىينالمىسىمۇ لېكىن تۈركچە سۆزلەشتىكى تەلەپپۇزىنىڭ توغرا بولماسلىقى، سۆزلەش ئۇسۇلى ۋە  ئەدەپ -قائىدىلىرىنى ياخشى بىلمەسلىكى سەۋەبىدىن كىشىلىك مۇناسىۋەت قۇرۇش ۋە نۆۋەتتىكى ئەھۋالىمىزنى سەھنىلەردە ياكى مۇخبىرلارغا ئاڭلىتىشتا قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. ۋە ئۆلچەملىك تەلەپپۇزدا سۆزلەش، نۇتۇق ۋە سەھنە قائىدىلىرىنى بىلىشنىڭ نۆۋەتتە ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ بىلىشكە تېگىشلىك بىلىم ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ مەيلى خىزمەتتە ياكى داۋادا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ مەزكۇر كۇرسىنى تەشكىل قىلدى » دېدى. 

جەمئىي 10 ھەپتە داۋام‌ قىلىدىغان بۇ قېتىمقى كۇرستا تۈركچىنى توغرا تەلەپپۇزدا سۆزلەش ، سۆز قىلىش قائىدە _ يوسۇنلىرى ، سەھنە قائىدىلىرى ، مىكروفوننى توغرا ئۇسۇلدا ئىشلىتىش قاتارلىق كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى سۆزلەش قائىدىسى ئۆگىتىلىدۇ.  

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئامېرىكا يېڭى جازالاش تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

جۈ دېكابىر 10 , 2021
ئامېرىكا ئېلان قىلغان جازالاش تىزىملىكىدە ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرقى رەئىسى ئالدىنقى قاتارغا تىزىلدى

You May Like