ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى ۋە تەكلىماكان نەشرىياتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان قۇتادغۇبىلىك يېزىلغانلىقىنىڭ 950 يىللىقى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.

2019 – يىلى 21 – دېكابىر كۈنى، ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى ۋە تەكلىماكان نەشرىياتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان قۇتادغۇبىلىك يېزىلغانلىقىنىڭ 950 يىللىقى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئىستانبۇلدا ئېلىپ بېرىلدى.

2019 – يىلى 21 – دېكابىر كۈنى، ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى ۋە تەكلىماكان نەشرىياتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان قۇتادغۇبىلىك يېزىلغانلىقىنىڭ 950 يىللىقى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئىستانبۇلدا ئېلىپ بېرىلدى. يىغىن ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى رەئىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سۆز قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس كىتابىدىكى تۇنجى خىتابنىڭ «ئوقۇ» ئىكەنلىكى، بۇ سەۋەپتىن ئىلىمنىڭ مۇسۇلمانلار تارىخىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئىسلامنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن بۇ ئەنئەنىگە ماسلىشىپ، ئىلىم مەركەزلىرىنى بەرپا قىلىپ، شاھ ئەسەرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا شارائىت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى، بىلىمنىڭ شەخسنى، مىللەتنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى، ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ بۇ مىسسيۇن بىلەن قۇرۇلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. تەكلىماكان نەشرىياتى خوجايىنى ئابدۇجېلىل ئەپەندىم قۇتادغۇبىلىكنى چەتئەلدە قايتا نەشىر قىلىش جەريانىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

 

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ھەر تەرەپتىن شەرقى تۈركىستاننى قوللاش ساداسى

يە دېكابىر 22 , 2019
ئامېرىكىدا چىققان ئۇيغۇر قانۇن لاھىيىسى تەستىقلانغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكىمىتى ھەرخىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، تۆھمەت چاپلاپ شەرقى تۈركىستان خەلقىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنى تېرورىست قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولدى

You May Like