ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسى بىرلىك-باراۋەرلىك يىغىنى ئېچىلدى

1- ئۆكتەبىر ئىستانبۇل كۈچۈك چەكمەجە رايونى فىلورىيا كاشى بېياز (Kaşi beyaz) رېستۇرانىدا شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىس رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سىيىت تۇمتۈرك ئەپەندىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى ۋە بىرقىسىم جەمئىيەت، ۋەخپە باشلىقلىرى، دوكتۇر، پروفېسسورلار، بىر قىسىم دەۋا ئاكتىۋىستلىرى ۋە جامائەت چوڭلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن بىرلىك-باراۋەرلىك، ھەمكارلىق يىغىنى ئېچىلدى.

ئامىنە ۋايىت سەدەف
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020-10-02

 

1- ئۆكتەبىر ئىستانبۇل كۈچۈك چەكمەجە رايونى فىلورىيا كاشى بېياز (Kaşi beyaz) رېستۇرانىدا شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىس رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سىيىت تۇمتۈرك ئەپەندىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى  ۋە بىرقىسىم جەمئىيەت، ۋەخپە باشلىقلىرى، دوكتۇر، پروفېسسورلار، بىر قىسىم دەۋا ئاكتىۋىستلىرى ۋە جامائەت چوڭلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن بىرلىك-باراۋەرلىك، ھەمكارلىق يىغىنى ئېچىلدى.

 

يىغىن  ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلاندى. سىيىت تۇمتۈرك ئەپەندىم باشلىنىش سۆزى قىلدى ۋە ئارقىدىن ھەرقايسى جەمئىيەت، ۋەخپە باشلىقلىرى، يۇرت چوڭلىرى، دوكتور، پروفېسسورلار بىرلىك-باراۋەرلىك، ھەمكارلىق تېمىسىدا ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار ھەققىدىكى مۇلاھىزىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىندا «ئۈستى بىرلىك» تەشەببۇسچىلىرىدىن پروفېسسور، دوكتۇر ئابدۇجېلىل قارلۇق، دوكتۇر ئالىمجان ئىنايەت، ۋارىس قاچان قاتارلىقلار ئايرىم -ئايرىم ھالدا سۆز قىلىپ: «بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان داۋاسى خەلقئارالاشتى، بۇ مىليونلىغان خەلقىمىزنىڭ قان-يېشى بەدىلىگە كەلدى. دەۋانىڭ ھەرقايسى قاتلىمىدىكىلەرمۇ خەلقئارالىشىشى، ئەسلىدىكى ئىپتىدائىي ئەمەس، دېموكراتلاشقان يۇقىرى سەۋىيەدە دەۋا خىزمەتلىرىنى تەرتىپكە سېلىشى، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتچىلار مەلۇم بىر پارتىيەنىڭ قۇيرۇقىغا كىرۋالماستىن، شۇ دۆلەتتىكى مەۋجۇت پارتىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ دۈشمىنىمىز بىز بىلەن پىكىرى ئوخشىمايدىغان ئۇيغۇر تەشكىلاتچىلار ئەمەس، بەلكى خىتاي بولۇشى كېرەك…» دېدى ۋە ئۈستى بىرلىك ھەققىدە يىغىن ئەھلىگە چۈشەنچە بەردى.

 

يىغىنغا قاتناشقانلاردىن يۇرتلار بىرلىكى مەسئۇللىرىدىن ھەبىبۇللاھ كۈسەن ۋە مەھمۇتجان داموللام بىرلىك ھەققىدە سۆز قىلىپ: «بىزدىكى بىرلىشەلمەسلىك مەسىلىسىنىڭ قانداقتۇر خىتاينىڭ پۇل خەجلەپ ئارىغا زىددىيەت سېلىش تاكتىكىسى بولماستىن، بىزدىكى ئۆزىدىن باشقىسىنى ئىتراپ قىلماسلىق ھەم شۇنداقلا ئۆزىگە زىيادە ئىشىنىش ۋە كىبىرلىكتىن بولىۋاتىدۇ، بۈگۈنكى كۈندە ھەر-بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتى ۋە نام-ئەمەلىدىن، مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى ئۈستۈن كۆرۈشى كېرەك!» دەپ تەكىتلىدى.

 

يىغىن قاتناشقۇچىلىرىدىن دوكتۇر بورھان ئۇلۇغ يول بولسا: «بىز سايلاش، سايلىنىش ھۇقۇقىغا ئىگە، مىللەتنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلدىغان دېموكراتلاشقان بىر سىستېما بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.» دېدى.

 

شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىس رەئىسى سىيىت تۇمتۈرك ئەپەندىم بۇ قېتىمقى يىغىن ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «بىز خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلغان بۇ كۈندە 20 گە يېقىن تەشكىلات ۋە جەمئىيەت مەسئۇللىرى، دوكتۇر، پروفېسسور ۋە يۇرت چوڭلىرى بىلەن نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ۋە تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى ئىچكى زىددىيەتنى ھەل قىلىپ، ئۆزئارا بىرلىك ۋە باراۋەرلىك بىلەن خەلقىمىزگە خىزمەت قىلىشنى مۇزاكىرە قىلدۇق. ئىچكى زىددىيەتنى تۈگىتىش، تەشكىلاتلار ئارا بىرلىكنى ھاسىل قىلىش نۆۋەتتىكى مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىمىز ئۆزئارا ھەمكارلىق ئاساسىدا بولىدۇ.»

 

ئاخىرىدا يىغىن ئىشتىراكچىلىرى سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاب بېرىلدى.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى «ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئەھۋالىنى ئاشكارىلاش قانۇنى» نى ماقۇللىدى

جۈ ئۆكتەبىر 2 , 2020
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 30-سىنتەبىر بېلەت تاشلاپ، 253 بېلەتنىڭ قوللىشى، 163 بېلەتنىڭ قارشى تۇرۇشى، 15 بېلەتنىڭ ۋاز كېچىشى بىلەن «2020- يىلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئەھۋالىنى ئاشكارىلاش قانۇنى» (Uyghur Forced Labor Disclosure Act of 2020) نى ماقۇللىدى.

You May Like