ئىستانبۇلدا لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان چوڭ تىپتىكى ئىمزا توپلاش ،ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇلدا لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان چوڭ تىپتىكى ئىمزا توپلاش ،ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 10- دېكابىر

ئامىنە سەدەف

تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا 12-ئاينىڭ 9- كۈنى ئىستانبۇل زەيتۇن بۇرنۇ كازىلى چەشمە مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئاق دېڭىز نىكاھ زالىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئىمزا توپلاش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى . 

پائالىيەتكە تۈركىيەدىكى ھەرقايسى سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرى، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى، ئادۋوكاتلار، ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى ياردەم جەمئىيىتى ، ئالپەرەن ئوجاكلىرى ۋە نەچچە ئونلىغان يەرلىك تۈرك دەرنەك -تەشكىلاتلار، ژۇرنالىست ، مۇخبىرلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلاردىن ئىلى مەشرىپى ۋەخپى، يۇرتلار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى، ئۆلىمالار جەمئىيىتى ۋەكىلى، مائارىپ جەمئىيىتى ۋەكىلى، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتى ۋە يۈزلىگەن لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى قاتناشتى.

پائالىيەتتە ئېچىلىش سۆزى قىلغان ئەنقەرە ھاجى بايرام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئابدۇرېشىت جېلىل قارلۇق ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە يېقىن تارىختىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئاسسىمىلياتسىيەگە ئۇچراش ئەھۋالىنى، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ جىددىيلىكىنى ئاڭلاتتى. دوكتور ئابدۇرېشىت جېلىل قارلۇق ئەپەندى سۆزىدە يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ پارتىيەلەر ئارا بىر مەسىلە بولماستىن بىر ئىنسانلىق مەسىلىسى ئىكەنلىكى شۇڭا بارلىق پارتىيەلەرنىڭ بۇنىڭغا جىددىي قارىشى كېرەكلىكىنى ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ مەلۇم بىر پارتىيەگە بېقىنىپ قالماستىن پۈتۈن پارتىيەلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. قارلۇق سۆزىدە يەنە  تۈرك ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە چاقىرىق قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كەلگۈسىدە ئېندىلۇسقا ئايلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، پۈتۈن تۈرك ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئارقىدىن لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ باياناتچىسى مىرزەخمەت ئىلياس ئوغلى بىر قىسىم گۇۋاھچىلارنى سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ، ۋەتىنىمىزدە بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقان لاگېرلار ، مەجبۇرىي ئەمگەك ئورۇنلىرى ، بالىلار لاگېرى ۋە چېقىۋېتىلگەن مەسچىتلەر ، يەرلىك خەلقنىڭ ئۆيلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. 

پائالىيەت جەريانىدا يەنە بىر قىسىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ، ئاكادېمىكلار ، تۈركىيەگە ساياھەت ۋە تىجارەت ئۈچۈن كېلىپ قايتالماي قالغانلار، كىچىك ئۆسمۈرلەر ئۆزلىرىنىڭ ھېكايىسى ئارقىلىق جانلىق بىر شەكىلدە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلايتتى . ھەرقايسى سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرى ئايرىم -ئايرىم سۆز قىلىپ ، ئۇيغۇر دەۋاسىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئادۋوكاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ھېچبىر قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى، پۈتۈن دۇنيانىڭ بىرلىككە كېلىپ خىتايغا ھەر تۈرلۈك بېسىم ۋە قانۇنىي يوللار ئارقىلىق بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا ھەرىكەتكە ئۆتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزلىرىنىڭمۇ ھەر تۈرلۈك قانۇنىي يوللار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. 

پائالىيەت باشتىن -ئاخىر ناھايىتى تەرتىپلىك، جانلىق ۋە يۇقىرى سەۋىيەدە ئېلىپ بېرىلدى. پائالىيەتكە قاتناشقان نەچچە يۈز كىشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا سۇنۇلماقچى بولغان ھۆججەتكە ئىمزالىرىنى قويدى.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تۇنجى قارارلىق تۈركچىنى توغرا تەلەپپۇز قىلىش ۋە نۇتۇق ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش كۇرسى ئېچىلدى

جۈ دېكابىر 10 , 2021
ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تۇنجى قارارلىق تۈركچىنى توغرا تەلەپپۇز قىلىش ۋە نۇتۇق ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش كۇرسى ئېچىلدى

You May Like