ئىستانبۇلدا كوللىكتىپ گۇۋاھلىق پائالىيىتى ئالاھىدە دىققەت تارتتى

بۈگۈن ئىستانبۇل بەيازىت مەيدانىدا ئۈستىللىرىگە خىتاي جازا لاگىردىكى مەھبۇسلارنىڭ كىيىملىرىنى كىيىپ، قول – پۇتلىرىغا زەنجىر كىشەنلەرنى تاقىغان ئۇيغۇرلار يوقاپ كەتكەن ياكى جازا لاگىرى ۋە تۈرمىلەردىكى ئۇرۇق -تۇققانلىرىنىڭ رەسىملەرنى ئېلىپ، تۈركچە، خىتايچە، ئىنگىلىزجە، ئەرەپچە تىللاردا ئاشكارە گۇۋاھلىق ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

سەدەف

 

2020-7-28

 

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

بۈگۈن ئىستانبۇل بەيازىت مەيدانىدا ئۈستىللىرىگە خىتاي جازا لاگىردىكى مەھبۇسلارنىڭ كىيىملىرىنى كىيىپ، قول – پۇتلىرىغا زەنجىر كىشەنلەرنى تاقىغان ئۇيغۇرلار يوقاپ كەتكەن ياكى جازا لاگىرى ۋە تۈرمىلەردىكى ئۇرۇق -تۇققانلىرىنىڭ رەسىملەرنى ئېلىپ، تۈركچە، خىتايچە، ئىنگىلىزجە، ئەرەپچە تىللاردا ئاشكارە گۇۋاھلىق ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

 

 


بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ھىچبىر تەشكىلات ياكى پارتىيە، گۇرۇپلار تەشكىللىمىگەن بۇلۇپ ، پەقەتلا خەۋەر ئالالمايۋاتقان ئائىلىسىنىڭ ئىزدىرىكىنى قىلىۋاتقان پىدايى ياشلار ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىپ ئېلىپ بارغان. پائالىيەت ناھايىتى جانلىق ۋە نەچچە خىل تىلدا، يۇقىرى سەۋىيەدە ئېلىپ بېرىلغان بۇلۇپ، پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلار ناھايىتى ئىلمىي ۋە پاكىتلىق نۇتۇقلىرى بىلەن خىتاينىڭ ئاتالمىش » تەربىيەلەش مەكتىپى» دەپ ئاتىۋالغان لاگىرلارنىڭ، ئەمەلىيەتتە گېتلىرنىڭ جازا لاگىرلىردىن پەرىق ئەتمەيدىغانلىقى ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى، لاگىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسەن ھۈنەر كەسىپلىك ۋە ئۇقۇغان، بىلىملىك كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ھەتتا لاگىردا ئادۋۇكات، يازغۇچى ،سەنئەتچى ۋە دوكتۇر، پىروفېسسور قاتارلىق ئىلغار كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ لاگىرلارنى قۇرۇشتىكى مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى دىنىي ئىتىقادى ۋە مىللىي كۈلتۈرىدىن ئايرىلىپ خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى، لاگىردىكى نەچچە مىليون ئۇيغۇرنىڭ ھاياتىنىڭ خەۋپ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئورگان تىجارىتىنى لاگىردىكى ئۇيغۇرلار ئارقىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى پاكىتلىق ئاڭلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا تۈرك ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۈگۈنكى سۈكۈتى ئەتىكى ئۆز تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، بىزنىڭ بۈگۈنىمىزنىڭ ئۇلارنىڭ ئەتىسى بۇلۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشى ۋە ئۇيغۇرلارغا ساھىپ چىقىشى كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىقلار قىلىندى.

 


بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە پىدايى ياشلاردىن سىرت دېڭىزى denkrom شىركىتىنىڭ لىدىرى، خىتاي ماللىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش پائالىيتىنىڭ باشلامچىسى kadır akıncı، ئەنقەرە ھاجى تەپە ئۇنىۋىرسىتىنىڭ پىروفېسسور دوكتورى، ئادۋۇكات İlyas Doğan، دوكتور بورھان ئۇلۇغيول، لاگىر شاھىدى گۈلباھار جېلىلىۋا، ئۇستاز ھەبىبۇللاھ كۈسەنى قاتارلىقلار قاتناشتى.
بىر سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان بۇ پائالىيەت ناھايىتى جانلىق ۋە تەرتىپلىك داۋاملاشقان بولۇپ، تۈرك مېدىيالىرىنى زىلزىلىگە سالدى.

 


Euro خەبەر ئاگىنىتلىقى، 100 يىل خەۋەر قانىلى، ئانادولۇ ئاگىنىتلىقى، son dakika،
6 خەبەر ، Dünya Bülent, Akit، ئىستانبول گېزىتى، T 24, خەبەر تېلېۋىزىيىسى، Dik گېزىتى، Düşünce Mektebi، قۇياش گېزىتى، خەبەر 365، Türkgün، Bursamiz. Com، TGRT
قاتارلىق گېزىت ۋە خەۋەر قاناللارنىڭ باش سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالدى.

 

 

 

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

بەش مىنۇتلۇق خەۋەرگە باغلانغان بەش ئادەمنىڭ جېنى

چا ئاۋغۇست 5 , 2020
مەردان غاپپارنىڭ خەۋەرلىرى ب ب س دا ئىلان قىلىنىشى بىلەن بىللە پۈتكۈل مىدىيانى دىگۈدەك ئۇنىڭ رەسىمى قاپلىدى.

You May Like