ئىستانبۇلدا «ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ۋە شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدىكى سۆھبەت پروگراممىسى ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇلدا «ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ۋە شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدىكى سۆھبەت پروگراممىسى ئۆتكۈزۈلدى

 ئىستانبۇلدا «ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ۋە شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدىكى سۆھبەت پروگراممىسى ئۆتكۈزۈلدى 

ئامىنە سەدەف

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى23-ئۆكتەبىر

شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى تەرىپىدىن قەرەللىك ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «سۆھبەت كۈنلىرى» پروگراممىسىنىڭ بۇ قېتىمقى سانى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر  ئەدەبىياتىنىڭ پېشىۋالىرىدىن بىرى، شائىر ۋە يازغۇچى ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ئەپەندى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلدى.

22_ ئۆكتەبىر ئىستانبۇل ۋەزنىچىلەرگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ يىغىن زالى بىر قىسىم پروفېسسور، دوكتور، ئاكادېمىك ئۇستازلار، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى بىلەن لىققىدە تولدى. 

تۈرك پروفېسسور، دوكتور ھۈليا كاساپ ئوغلۇ چەنگەل خانىم ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ھاياتى، ئەسەرلىرى ۋە دۇنيا قارشى ھەققىدە ناھايىتى جانلىق ۋە تەسىرلىك سۆزلەپ بەردى. ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ شېئىرلىرىغا يۇغۇرۇلغان ۋەتەنپەرۋەرلىك ، مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىيەسىنىڭ بىر تۈرك پروفېسسور تەرىپىدىن يورۇتۇلۇپ بېرىلىشى زالىدىكى ھەممەيلەننى ھاياجانلاندۇردى. ئاخىردا بىر قىسىم ئۇستازلار ۋە ياشلار سۆھبەتتىن ئالغان تەسىراتلىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 

شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ كاتىپى، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى سەما خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ خىلدىكى پروگراممىلارنىڭ مىللىي ئاڭ ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.  

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

پارتلاتقۇچ: ئامېرىكا تاراتقۇلىرى شى قانخورنىڭ ئۈچىنچى نۆۋەتلىك خىتاي كومپارتىيەسىگە باش سېكرېتار بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى

يە ئۆكتەبىر 23 , 2022
پارتلاتقۇچ: ئامېرىكا تاراتقۇلىرى شى قانخورنىڭ ئۈچىنچى نۆۋەتلىك خىتاي كومپارتىيەسىگە باش سېكرېتار بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى

You May Like