ئىستانبۇلدا 5.ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامىنىڭ 11.يىلى خاتىرىلەندى

ھەر يىلى 5.ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامى خاتىرە كۈنىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى يەرلەردىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ خىلمۇ خىل پائالىيەتلەر بىلەن شېھىتلارنى ئەسلەيدۇ ۋە خىتايغا بولغان غەزەپ – نەپرىتىنى بىلدۈرىدۇ.

سەدەف

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

2020-07-06

 

ھەر يىلى 5.ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامى خاتىرە كۈنىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى يەرلەردىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ خىلمۇ خىل پائالىيەتلەر بىلەن شېھىتلارنى ئەسلەيدۇ ۋە خىتايغا بولغان غەزەپ – نەپرىتىنى بىلدۈرىدۇ.
بۇ يىل خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبىدىن نامايىش ۋە شېھىتلار كېچىسىگە ئوخشاش توپلىشىپ پائالىيەت قىلىش چەكلەنگەن بولسىمۇ لېكىن 5.ئىيۇل ئىستانبۇل فاتىھ ساراچخانا مەيدانىدا، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ۋە رەسىم كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرۇلدى.
تەخمىنەن 500-700 گىچە كىشى قاتناشقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلار رەئىسى، مائارىپ ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، ئېيسا يۈسۈپ ئالپ تېكىن ۋەخپى رەئىسى دوكتور ئۆمەر قۇل، شەپەق ئىنىستۇتى رەئىسى مۇستافا شاتىر ئوغلۇ، شەپەق ئىنىستوتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دوكتور بەكىر ئاتاجان، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى مۇدىرىيەت ھەيئىتى رەئىسى، پىروفېسسور دوكتۇر جەلال ئەرباي، جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان قاتارلىقلار 5.ئىيۇل كۈنىدىكى ئۈرۈمچى قەتلىئامى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ۋە نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە ئايرىم ئايرىم سۆز قىلدى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا يەنە قۇسۋا ۋېلىسىپىت كۇلۇبى ئەزالىرى ئۈسكۈداردىن فاتىھقىچە 11 كىلومېتىر يولنى ۋېلىسپىتلىك بېسىپ كېلىپ قاتناشتى ۋە كۇلۇب ۋەكىلى قۇبۇلاي ئەپەندى سۆز قىلدى. مەيداندا ئېچىلغان رەسىم كۆرگەزمىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ- ئادەت، تۇرمۇش ئۇسۇلى، كىيىم – كېچىكى ۋە شۇنداقلا 5. ئىيۇل كۈنىگە ئالاقىدار رەسىملەر، شۇنداقلا يەنە نۆۋەتتىكى ئەھۋالىمىز ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەر تىزىلدى.
فاتىھ ساراچخانا مەيدانى ئاسمىنىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق لەپىلدىگەچ مەيداننىڭ ھۆسنىگە ھۆسۈن قوشتى.
5.ئىيۇل كۈنى كەچتە يەنە تۈركىيەنىڭ تېلۋىزىيە قاناللىرىدىن بىرى بولغان Akit TV دە ئىككى سائەتكە يېقىن 5.ئىيۇل كۈنىدىكى ئۈرۈمچى قەتلىئامى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ماۋزۇ قىلىنغان نەق مەيدان سۆھبەت پىروگراممىسى ئۆتكۈزۈلدى.
پروگراممىغا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، ئەيسا يۈسۈپ ئالپ تېكىن ۋەخپى رەئىسى دوكتور ئۆمەر قۇل، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى رەئىسى دوكتور مۇھىددىن جان ئۇيغۇر، ئەركىن پائالىيەتچى ئامىنە ۋايىت ۋە ”ب د ت“ غا ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئاچقان » قانۇن ۋە چۈشەنچە» بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئادۋوكات فارۇق كىلەش تېمۇر قاتارلىقلار قاتناشتى.
شۇ كۈنى يەنە قەيسەرى جۇمھۇرىيەت مەيدانىدىمۇ ئوخشاشلا نەچچە يۈز ئۇيغۇرنىڭ بىر يەرگە يىغىلىشى بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى. يىغىنغا قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ھەر قايسى تۈرك تاراتقۇ گۇرۇپپىلىرى قاتناشتى. شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ھەققىدە بايانات بەردى.
قەيسەرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەت قەيسەرىدىكى ھەرقايسى گېزىت ۋە توربەتلەرنىڭ باش بېتىدىن ئورۇن ئالدى.

 

 

UT-Uyghur Reporter 13

Next Post

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن قىلىنغان ئەرزنامە سۇنۇلدى

سە ئىيۇل 7 , 2020
غولام ئوسمان ئەپەندى پىرىزدىنتلىكىدىكى شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى ۋە سالىھ خۇدايار باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئويغىنىش ھەرىكىتى گوللاندىيەد دەنھاخ شەھرىدىكى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىقا خىتاي ئۈستىدىن قىلىنغان ئەرزنامە سۇنۇلدى. مەزكۇر خەۋەر ۋال كوچىسى، نىيويورك ۋاقتى قاتارلىق داڭلىق گىزىتلەردە ئىلان قىلىندى!

You May Like