ئىستانبۇل سايلىمنىڭ نەتىجىسى نېمىدىن دىرەك بېرىدۇ ؟

مەزكۇر يازمىدا ئىستانبۇل سايلىمىنىڭ نەتجىسى ، سەۋەبى ، نەتىجىنىڭ نېمدىن دېرەك بېردىغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارغا بولغان تەسىرى مۇھاكىمە قىلنىدۇ.

 

كۆلتىگىن

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

2019-6-24

 

مەزكۇر يازمىدا ئىستانبۇل سايلىمىنىڭ نەتجىسى ، سەۋەبى ، نەتىجىنىڭ نېمدىن دېرەك بېردىغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارغا بولغان تەسىرى مۇھاكىمە قىلنىدۇ.

2019-يىلى 23-ئىيۇن (يەكشەنبە) ئىستانبۇلدا ئىككىنچى قېتىم بەلەدىيە باشكانلىق سايلىمى ئېلىپ بېرىلدى. سايلامغا قاتناشقان ئىككى نامزات جۇمھۇر ئىتپاقى ( ئاق پارتىيە، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيسى) نامزاتى، سابىق تۈركىيە جۇمھۇرىيتى باشباكانى بىنالى يىلدىرىم ۋە مىللەت ئىتتىپاقى ( جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيسى ، ئىيى پارتىيە، سائادەت پارتيىسى ) نامزاتى، سابىق بەيلىك دۈزۈ ئىلچە ( ناھىيەگە تەڭ) باشكانى ئەكرەم ئىمامئوغلى بولۇپ ، سايلام نەتجىسىدە ئەكرەم ئىمامئوغلى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن ، يەنى 45%كە قارشى 54% ، غەلبە قىلدى.

سايلامغا بىلەت تاشلاش چۈشتىن سائەت بەش بىلەن ئاخىرلاشقان بولۇپ چۈشتىن كېيىن سائەت يەتتە بىلەن سايلام ساندۇقلىرى ئېچلىشقا باشلىغان. سائەت سەككىزدىن ئاشقاندا جۇمھۇر ئىتپاقى رەئىسى بىنالى يىلدىرىم ، رەقىبى ئەكرەم ئىمامئوغلىنى تەبىرىكلەيدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى. دېمەك شۇ سائەتلەردە نەتىجە ئوچۇق بولۇپ بولغان. سائەت توققۇزلار ئەتراپىدا ئىستانبۇلنىڭ ھەممە يېرىدە غەلبىدىن خۇشاللانغان ج ھ پ ، ئىيى پارتىيە ۋە سائادەت پارتىيسى تەرەپدارلىرى سىرتقا چىقىپ تەنتەنە قىلشقا باشلىدى. بۇ تەنتەنە سەھەر سائەت ئىككىلەرگىچە داۋام قىلدى. قوللىرىدا تۈركىيە بايرىقى ۋە ئاتا تۈركنىڭ رەسمىنى كۆتىرۋالغان قېرى – ياش، ھىجاپلىق ۋە بېشى ئوچۇق كىشىلەر ھەريەردە بايرام ھاۋاسىغا چۈمگەن ئىدى.

كەچ سائەت ئون ئەتراپىدا ئاپتۇۋۇزغا چىقاي دەپ بىكەتكە باردىم. كىشىلەر تىقما تىقما بولۇپ كېتپۇ. چۈشدىغانلار چۈشەلمەيۋاتسا پەستىكى كىشىلەر چىقشقا باشلىدى. بىر ئەر جىلە بولۇپ ۋاقىراپ كەتتى،» يا ئاپتۇزغا ھايۋان كەبى چىقىسىلەر، ساقلاپ تۇرساڭلار بىز چۈشىۋالساق ئاندىن چىقساڭلار…». ئارىدىن بىر كىشى شۇنداق دېدى » ۋاقىرىما دوستۇم، ھەر شەي چوك گۈزەل ئولاجاك(ئەكرەم ئىمامئوغلىنىڭ سايلام شۇئارى) » بۇنى ئاڭلىغان ھېلقى كىشىمۇ ئۆزى كۈلۈپ كەتتى ۋە «ئىنشائاللاھ » دەپ قويۇپ كەتتى. مۇنداقچە ئېيتقاندا ، تۈنۈگۈن ئىستانبۇلدا ئۇزۇننىڭياقى كۆرۈلۈپ باقمىغان بايرام كەيپىياتى بار ئىدى، كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ يۈزىدە كۈلكە.

20 يىلغا يېقىن كۆپ سانلىق تۈركىيە خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئېرشكەن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتيىسى ۋە تۈركىيەدە غايەت زور ئاممىۋىي ئاساسقا ئىگە بولغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتيىسىنىڭ بۇ يىلقى سايلامدا بۇ قەدەر ئىچىنشلىق مەغلۇپ بولىشىنىڭ سەۋەبى نىمە ؟ تۈركىيەدىكى چوڭ ۋىلايەتلەردىن بۇرسا بىلەن كونيادىن باشقا ھەممە ۋىلايەتلەرنى رەقىبگە تارتتۇرۇپ قويدى، تۈركىيەنىڭ جان تومۇرى بولغان ئىستانبۇل، ئەنقەرە ، ئىزمىر ۋە ئانتالىيا ھەتتا ئادانادىمۇ جۇمھۇرىيەت خەلىق پارتىيسى ۋە ئىيى پارتىيە ئىتپاقى غەلبە قىلدى، نىمە ئۈچۈن؟ ئالدى بىلەن تۈركىيە خەلقى ھازىرقى ھاكىمىيەتتىن زېرىكىپ قالدى. سەۋەبى بولسا يولسىزلىق، تەرەپبازلىق ۋە خەلقنى قۇتۇپلاشتۇرۇش. ئاق پارتىيە دەسلەپكى ئىككى ھەتتا ئۈچ مۇددەت ناھايتى ياخشى خىزمەت قىلغان بولسىمۇ 2013 لەردىن باشلاپ خەلقنى نارازى قىلدىغان بەزى سىياسەتلەرنى يۈرگۈزدى. قارشى تەرەپنى توپلاڭچى،دىنسىز ھەتتا ۋەتەن خائىنى قاتارلىق گەپلەر بىلەن سۈپەتلەپ خەلىقتە «بىز» ۋە «ئولار» دەيدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى ياكى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتتى. بۇنىڭغا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر نارازى بولۇشقا باشلىغان ئىدى.

ئىككىنچىدىن ، ياشلارنىڭ ئاۋازىغا يىتەرلىك قۇلاق سالمىدى. ئىزچىل ئەركىنلىك ۋە دېمكراتىيە تەلەپ قىلىپ كېلۋاتقان ياشلارنى كۆرمەسكە سالدى. بۇ يەردە ئىتقاد بىلەن ئەركىنلىك مۇناسۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالمىدى. 2013-يىلدىكى Gezi Parkı ۋەقەسىدە ئەردوغان نامايىشچى ياشلارنى » توپلاڭچىلار» دەپ ئاتىدى. موشۇنىڭغا ئوخشاش چەتكە قېقىش ۋە قۇتۇپلاشتۇرۇشلار ياشلارنىڭ ھاكىمىيەتكە بولغان نارازلىقىنىڭ كۈچىيشىگە سەۋەپ بولدى.

ئۈچىنچى، ھاكىميەتنىڭ غەربتىن يىراقلىشىشپ ئوتترا شەرق ھەتتا خىتايغا يېقىنلىششى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى ھاڭ -تاڭ قالدۇردى. ئەملىيەتتە ھاكىميەتكە نىسبەتەن شەرق ۋە غەربكە ئېغىش ھادسىللىرى نۇرمال بولسىمۇ خەلىققە بىنۇرمال كېلشى مۇمكىن. تۈركىيەدە يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئوتترا شەرق تەرەپكە يېقىنلىشىش ئەۋج ئېلىپ كەتكەن بولۇپ خەلق ئىچىدە بۇنىڭغا قارتا ئاڭقىرالماسلىق ئېغىر. ئوتترا شەرق تۈركىيە سىياسەتچىلىرى تەرپىدىن كىرسە چىققىلى بولمايدىغان پاتقاقلىق دەپ قارلدىغان بولۇپ ھەر زامان ئۇزاق تۇرۇپ كەلگەن. لىكىن ھازىرقى ھۆكىمەتنىڭ ناھايتى كۈچەپ يېقىنلشىشىپ كىتشى، سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىپ ئولارغا باشقا كۆچمەن خەلقلەر ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەردىن يۇقىرى ئىمتىياز بېرىشى نۇرغۇنلىغان تۈرك مىللەتچىلىرىنى نارازى قىلغان. تۈركىيەدە ئەرەب تەسىرىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى خەلق ھاكىميەتتىن كۆرمەكتە ۋە بۇنىڭغا خېلىلا نارازى. ئەلۋەتتە مۇساپىرلارغا قۇچاق ئېچىش، ئىنسانلار ( مۇسۇلمانلارمۇ ئىچىدە) بىلەن يېقىنلىشىش ئىنسانغا ۋە مۇسۇلمانغا يارشدىغان ئەمەل ، لىكىن بۇلارغا پەرقلىق موئامىلىدە بولۇش ياخشى ئەمەس.

تۆتىنچى ، ھاكىمىيەت يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دىكتاتۇرلىققا قاراپ ماڭغان بولۇپ بۇنىڭ ئەڭ يارقىن مىسالى ئەردوغاننىڭ كۈيئوغلى بەرات ئالبايراقنى مالىيە ۋە خەزىنە باكانى قىلۋېلشىدۇر. بۇنىڭدىن باشقا فەتۇللاھ گۈلەن تېرۇر گوروھىنى باھانە قىلىپ نۇرغۇن بىگۇناھ كىشىلەرنى تۈرمىگە تاشلاش، مۇخبىرلارنى سولاپ قويۇش ، خالغانچە قانۇن ئۆزگەرتىش، ئۆزىنىڭ باش باكان بولۇش قېتىم سانى توشۇپ كەتكەندىن كىين قانۇن ئۆزگەرتىپ زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمگە ئۆتۈش قاتارلىق ئىشلار خەلقنىڭ تۈركىيەنىڭ دىكراتىيەسىنىڭ كىلەچىگى ھەققىدە تەشۋىشلىنشگە سەۋەب بولغان.

بەشىنچى ، ئىقتسادنىڭ چېكىنىشى. ئىقتساد دۇنيا خاراكتىرلىك چىكنۋاتقان بولسىمۇ تۈركىيەدە دوللارنىڭ بىنۇرمال بىر ھالدا ئۆسۈپ كېتىشى ئىمپورتقا تايانغان تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئىقتسادىغا غايەت زور زىيان سالدى. بازارلار تۇرغۇن ھالەتتە بولۇپ سودىگەرلەر تەشۋىش ئىچىدە. خەلق پۇللىرىنى ئىشلتىشكە جۇرئەت قىلالماغلىق. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كىشىلەر ھاكىميەتنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىدىن دەپ قارىماقتا.

ئالتىنچى، ھاكىمىيەتتىكى كىبىر. باشتا 75% خەلقنىڭ قوللىشى بىلەن كەلگەن ۋە ئارقىمۇ ئارقا غەلبە قىلىپ ھىچ مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ باقمىغان ئاق پارتىيەدە ئۆزىدىن مەغرۇرلىنش شەكللەنگەن. گەپ سۆزلەرگە دىققەت قىلماسلىق، تەھدىد ئارلاش گەپ قىلش ، قارشى تەرەپنى چۈشۈرۈش ۋە كۆزگە ئىلماسلىق خېلىلا ئومۇملىشىپ قالغان. سايلامغا ئىككى كۈن قالغاندا كوچىلاردا ئېلىپ بارغان زىيارەتتە نۇرغۇن كىشىلەر ئەكرەم ئىمامئوغلىغا بىلەت تاشلايدىغانلىقىنى سۆزلىگە ۋە ئارسىدىكى 65 ياشلىق بىر موماي » سەۋەبى بىز قارشى تەرەپنىڭ بارمىقنى شىلتىپ تۇرۇپ گەپ قىلدىغان ھاكاۋۇرلىقلىرىدىن ، ئەيپلەشلىرىدىن ۋە ئۆزىنى چوڭ تۇتۇشلىرىدىن زېرىكتۇق» دەپ جاۋاپ بەرگەن.

مانا بۇ كەمچىللىكلەرنىڭ ھەممىسى ئولارنىڭ رەقىبى ئەكرەم ئىمامئوغلىغا پايدىلىق بولغان. بۇنىڭدىن سىرت ئەكرەم ئىمامئوغلى سايلامدا ناھايتى ياخشى تاكتىكا قوللاندى. ئو باشتىن ئاخىر قۇتۇپلاشتۇرۇشقا قارشى ئىكەنلىكىنى ، ئۆزىگە ئاۋاز بەرگەن ۋە بەرمىگەن ھەممە كىشىنى ھۆرمەت قىلدىغانلىقى ۋە ئولار ئۈچۈن خىزمەت قىلدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن. » بىز » ۋە «ئولار» دېگەندەك گەپ -سۆزلەرنى قىلمىغان، قارشى تەرەپكە ھاقارەت قىلمىغان ۋە چۈشۈرمىگەن. بۇنىڭدىن باشقا ئىستانبۇلدىكى ئىسراپچىلىققا قارشى تۇردىغانلىقى، قاتناش، توك ، سۇ ۋە گاز ھەققىنى ئازلتىدىغانلىقى، يىشللىق كۆلىمنى ئاشۇردىغانلىقى، كۆچمەنلەرنى سېستملىق شەكىلدە تىزملاپ خىزمەت قىلدىغانلىقى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان پىلانلىرىنى ئوتترىغا قويغان. مانا موشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سايلامدا ئەكرەم ئىمامئوغلى بىنالى يىلدىرىمنى ئۇتتى. يەنى ج ھ پ ئاق پارتىينى ئۇتقان بولدى.

سايلام نەتىجىسى نېمدىن دېرەك بېرىدۇ؟

ئىستانبۇل سايلىمى ناھايتى موھىم سايلام چۈنكى ئىستانبۇل تۈركىيەنىڭ ئىقتساد ۋە مەدەنىيەت مەركىزى. ئىستانبۇل تۈركىيە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 31% نى ئىگەللەيدۇ. شۇڭا ھۆكۈمەت 31-مارتتىكى سايلامنى بىكار قىلۋەتكەن ئىدى. چۈنكى ئىستانبۇلدەك بىر شەھەر قولدىن كەتتى دېگەن گەپ نۇرغۇنلىغان ئىقتساد ۋە يۈز – ئابروي قولدىن كەتتى دېگەن گەپ. ئەڭ موھىمى بۇ سايلام تۈركىيەنىڭ كەلگۈسى سىياسىي ۋەزىيتىگمۇ تەسىر كۆرستدىغان سايلام.

چوڭ شەھەرلەرنىڭ ئاساسەن ھەممىسىنى ئىگەللەش ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ئىستانبۇلدا ئىككى قېتىم غەلبە قىلش ھاكىمىيەت بېشدىكى پارتينىڭ ھەيۋىسىنى راۋرۇس يەرگە ئۇردى. رەقىبى بولغان ج خ پ ۋە باشقا پارتىيلەرگە روھىي ئۈستۈنلۈك ئاتا قىلدى. ئاق پارتىيە تەرەپدارلىرىنىڭ ئۆزىگە ئىشەنچىنى سۇسلاشتۇردى. ج ھ پ ۋە ئىتپاقداشلىرىغا كىينكى قېتملىق سايلامغا بولغا ئىشەنچ ئاتا قىلدى. چۈنكى ئاساسەن چوڭ ۋىلايەتلەرنىڭ ھەممىنى قولىغا چۈشۈرگەن ج خ پ ئۈچۈن بۇ قېتىم خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئۇتسىلا كىينكى سايلامدا تۈركىيە دۆلتىنىڭ ھاكىميتىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە چوڭ بىر ئىشىك ئچىلغان بولىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە ئاق پارتىيە ئۆزىنى كۆرستەي دېسىمۇ ئىمكانىيەتلەر ئازلاپ كەتتى.

بۇنىڭدىن باشقا بۇ قېتىملىق سايلام تۈركىيەنىڭ قايتىدىن دىمكراتىيە يولىغا قاراپ ماڭدىغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نۇرغۇنلىغان تۇتۇلغان كىشىلەر قاماقتىن چىقىشى مۇمكىن. ھەتتا ئاق پارتىيەمۇ كىينكى قېتملىق سايلامدا غەلبە قىلش ئۈچۈن بۇرنقى قاتتىق ۋە ئۆز بېشمچى پوزىتسىيەسىدىن يېنشى مۇمكىن. چۈنكى بۇ سايلامدا بۇ ئۇسۇللار كارغا كەلمىدى، ھەتتا ئەردوغاننىڭ سۆلىتىمۇ پارتيسىنى مەغلۇبىيەتتىن قۇتۇلدىرالمىدى، كىم تېخىمۇ دىمكراتىك ۋە كىچىك پىئل بولسا شۇنىڭ كەلگۈسىدە غەلبە قىلدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. شۇڭا تۈركىيەنىڭ بۇنىڭدىن كىينكى يۈنلىشىنىڭ دىمكراتىيە بولىشىنىڭ ئىھتىماللىقى يۇقىرى. بۇنداق بولغاندا ھازىرچە بولمىسىمۇ يېقىن كەلگۈسىدە تۈركىيە يەنە غەرب بىلەن يېقىنلشىشى مۇمكىن.

تەبئىي ، شۇنداق بىر قاتمال ۋەزىيەت شەككللىنشىمۇ مۇمكىن، يەنى مىللەت ئىتپاقىي چوڭ شەھەرلەرنىڭ كۆپىنچسىنى ئىگەللىگەن بولسىمۇ ھاكىمىيەت ئاق پارتىيە باشچىلىقىدىكى جۇمھۇر ئىتپاقىنىڭ قولىدا بولغانلىقى ئۈچۈن ج ھ پ نىڭ قارارلىرىنى تەستىقلىماي ئاخستىپ قويۇشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا سىياسىي قاتماللىق مەيدانغا كېلشى تۇرغان گەپ.

ئۇنداقتا ، بۇ سايلام نەتىجسى ئۇيغۇرلارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ ؟

ھەممىدىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار بۇ سايلامدىن دەرس ئېلشىمىز كېرەك. ھاكىميەت باقىۋەندە بولمايدۇ، ئولار كېلىپ كىتىپ تۇرىدۇ. شۇڭا پەقەت ھاكمىيەت بېشدىكى پارتىيەلەرنىڭلا ئارقسىدىن مېڭىپ ئولارنىڭ سىياسىي رەقپلىرىنى ئاشكارا ئۇنى بۇنى دەپ تەنقىدلەيدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرشى كېرەك. مەسلەن ج خ پ دىنسىز ، ھ د پ كۈرتنىڭ دەيدىغاندەك. ج خ پ نىڭ دىنسىز ئىكەنلىكىگە ھىچقانداق ئىسپات يوق ھەم دىن بىلەن ھاكىمىيەت ياكى پارتىينىڭ جىق مۇناسۋىتى يوق. يەنى دىن مەلۇم ھاكىمىيەتنىڭ مەڭگۈلۈك ئىدولوگىيسى ئەمەس ، ئولار كۆپىنچە دىننى سۈيئىستىمال قىلىدۇ. خۇددى ئەردوغان «ئەي ئامېرىكا » دىيەلىگەن بىلەن «ئەي خىتاي » دىيەلمىگەندەك، لاگىر مەسلىسىنى شۇنچە كۆپ مىللەتچى ۋە دىنچى بار يەردە كۈرتلەرنىڭ پارتيسى بولغان گەرگەرئوغلى مەجلسكە كۆتۈرۈپ چىققاندەك… ھاكىميەت ھەر زامان ئىدولوگىيەنى سۈيئىستىمال قىلدۇ ۋە بۇنى بىلشىمىز لازىم. بىزنىڭ داۋايىمىز مەلۇم پارتىينىڭ قولىدىكى ئويۇنچۇق بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.

ئەگەر ئۇيغۇرلار يەنە ئوچۇق ئاشكارا ئاق پارتىينىڭ كەينىدىن مېڭىپ ج ھ پ نى تىللىشىپ بەرسە كىينكى سايلامدا بىزمۇ تەڭ پەشۋا يەپ قېلشىمىز مۇمكىن. شۇڭا ھاكىمىيەت بىلەنمۇ ، ج ھ پ بىلەنمۇ ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىش كېرەك ۋە كىلەر قېتملىق چوڭ سايلامغىچە ئۇيغۇرلار ئاق پارتيچى دېگەن قالپاقنى چۆرىۋىتىش كېرەك.

لىكىن ئەڭ ناچار ئەھۋالدىمۇ بەزىلەر ئويلىغاندەك چەتكە قېقىلىپ گېپىمىزنى قىلمايدىغان ئادەم قالمايدىغان ھالەتكە كېلىپ قالمايدۇ. چۈنكى تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار كۈچلۈك ئاممىۋىي ئاساسقا ۋە قوللاشقا ئىگە. بىرنچى بولۇپ مىللەتچىلەر، ئونىڭدىن كىين دىنچىلار ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىغلىق. مەيلى قايسى ھاكىمىيەت بولسۇن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن گەپ قىلدىغان كشىلەر چىقىپ تۇرىدۇ. ئاق پارتيىنىڭ يېنىدا مىللەتچى ھەركەت پارتيىسى بولغان بولسا ج خ پ نىڭ يېنىدا ئىيى پارتىيە بار. شۇڭا بىزگە نىسبەتەن ۋەزىيەت ھازىرقىدىن ناچار بولمايدۇ. ناۋادا كىلەر قېتملىق سايلامدا ج خ پ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالسا رۇسىيە ۋە خىتاينى ۋە ئوتترا شەرىقنى تاشلاپ ياۋرۇپاغا يېقىنلىشىش ئىھتىماللىقى يۇقىرى. بۇنداق بولغاندا تۈركىيەمۇ خىتايغا قارشى غەرب لاگىرىغا قېتلىدۇ ۋە ئۇيغۇر داۋاسى ھازىرقىدىن ياخشى ھالەتكە تەرەققىي قىلشى مۇمكىن. ج خ پ دىنسىز پارتىيە، ئولار كەلسە بىزنى خىتايىغا ساتىدۇ دەيدىغان پەرەز تولىمۇ خاتا. ئەڭ باشتا، ج خ پ نىڭ ھەممىسى دىنسىز ئەمەس، زاتەن دىن بىر پارتىيەنىڭ ئانا سىياسىتى ئەمەس. يەنە بىرى ج خ پ دە دىمكراتىك چۈشەنچىگە ساھىب كىشىلەر مۇتلەق كۆپ سانلىقىنى ئىگەللەيدىغان بولۇپ ، بۇ خىل قاراش دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلشنى ، خەلقنىڭ شىكايەتلىرىگە قۇلاق سېلشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. يەڭ ئىچىدە بولىدىغان ئىشلار ئازىيدۇ ۋە خىتاي ، رۇسىيە ۋە ئىراندەك دىكتاتۇرلۇق ئەنئەسىگە ئىگە دۆلەتلەر بىلەن ھىچبولمىغاندا ئىدولوگىيە جەھەتتىنمۇ بولسا ئاپاق – چاپاق بولۇپ كەتمەيدۇ.

يۇقارىدا مەۋجۇت ئەمەلىي ۋەقەلەرنى مىسال قىلىپ نەزەرىيە ۋە ئەقلىي يەكۈن چىقىرىش ئارقلىق ئىستانبۇل سايلىمىنىڭ تەسىرى ھەققىدىكى پەرىزىمىزنى ئوتترىغا قويدۇق. لىكىن چوقۇم شۇنداق بولىدۇ دىيەلمەيمىز ، چۈنكى توپلۇمنىڭ ۋە ئىنسان ئىرادىسىنىڭ ماتىماتىكىلىق فورمىلاسى بولمايدۇ ، شۇڭا كەلگۈسىنى ھىچكىم توپتوغرا پەرەز قىلالمايدۇ.

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ يالغانچىلىقىنى پاش قىلىش ئۈچۈن جەنۋەدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

دۈ ئىيۇن 24 , 2019
24- ئىيۇن بۈگۈن شىۋىسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالدىدا خىتاينىڭ يالغانچىلىقىنى پاش قىلىش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك بىر مەيدان نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

You May Like