ئىستانبۇل كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئالدىدا زىننەتگۈل تۇرسۇن ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيىنىڭ ئىزمىر شەھىرى كۆچمەنلەر ئىدارىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىككى نارىسىدە بالىنىڭ ئانىسى زىننەتگۈل تۇرسۇن تاجىكىستان ئارقىلىق خىتايغا قايتۇرۇلغان خەۋىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغاندىن كېيىن بۇ خەۋەر پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق قايغۇغا سالدى.

تەييارلىغۇچى: ھىدايەتۇللا

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-07-30

 

تۈركىيىنىڭ ئىزمىر شەھىرى كۆچمەنلەر ئىدارىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىككى نارىسىدە بالىنىڭ ئانىسى زىننەتگۈل تۇرسۇن تاجىكىستان ئارقىلىق خىتايغا قايتۇرۇلغان خەۋىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغاندىن كېيىن بۇ خەۋەر پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق قايغۇغا سالدى.

 29-ئىيۇن ئىستانبولدىكى ۋەتەنپەرلەر زاتلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبولدىكى كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ئالدىدا زىننەتگۈل تۇرسۇن ئىزدېرىكىنى قىلىپ تىنىچ شەكىلدە نامايىش ئېلىپ بېرىلغان. نامايىشقا 200دىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار قاتناشقا بولۇپ، نامايىشچى ئامما تەرتىپ ساقلىغۇچى ساقچىلارنىڭ ھىمايىسىدە تىچ نامايىش قىلغان ۋە جامائەت ۋەكىللىرىدىن بەش نەپەر كىشى كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ياردەمچىسىنىڭ قۇبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن.

 

تېلېفون زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلغان نامايىشىنى تەشكىللىگۈچى يۈسۈپ پالتىھاجى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئىدارە باشلىقى ياردەمچىسى مۇستاپا : بۇ ئىشتىن ئۆزىنىڭ خەۋېرى يوقلىقىنى، ئەمما بۇ ئىشنى قەتئىي سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى، بۇندىن كېيىن  بۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى، زىننەتگۈل ۋەقەسىنى بارلىق ئىمكانلار بىلەن سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيتىنىڭ ئۇيغۇر كۆچمەنلەر سياستى ھەققىدىكى تۇنجى باياناتى

سە ئىيۇل 30 , 2019
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيتىنىڭ ئۇيغۇر كۆچمەنلەر سياستى ھەققىدىكى تۇنجى باياناتى ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2019-07-30   تۈركىيە -پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنى، ئۇيغۇرلار -ئۆزى تۈرك ،تۈرككە ئۆچمەنلىك قىلىش -ئۆزىگە ئۆچمەنلىك قىلىشتۇر ؛ ئۇيغۇرلار تۈرك خەلقنىڭ جانىجان بىر قېرىندىشى بولۇش سۇپىتى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن بارلىق ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولۇشى ئۇچۇن […]

You May Like