ئىسلاندىيەنىڭ رېكيانىس يېرىم ئارىلىدا يەنە بىر قېتىم يانار تاغ پارتلىدى

 ئىسلاندىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى رېيكيانېس يېرىم ئارىلى گرېنداۋىك بازىرى ئەتراپىدا 14-يانۋار يانار تاغ پارتلىدى. بۇ 2023-يىل 12-ئايدىن بۇيان بۇ رايوندىكى ئىككىنچى قېتىملىق يانار تاغ پارتلاش ھېسابلىنىدۇ.

ئىسلاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: يانار تاغ 14-چېسلا ئەتىگەندە پارتلىدى. بۇ قېتىمقى پارتلاش يانار تاغ يېرىقنىڭ پارتلىشى، ئادەتتە چوڭ يانار تاغ كۈلىنىڭ ستراتوسفېراغا تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، گرىنداۋىك بازىرىدا شۇ كۈنى سەھەردە تارقاقلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلدى. قۇتقۇزۇش خادىملىرى ۋە ئالىملار ئەھۋالنى باھالاۋاتىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، پارتلاش باشقا ئادەم ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن. ئىسلاندىيەنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرى تەسىرگە ئۇچرىمىدى.ئۇنىڭدىن باشقا، ئىسلاندىيە مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى شۇ كۈنى خەۋەر ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: گرىنداۋىك بازىرىنىڭ شىمالىدا ئىككى جايدا ماگما ئېتىلىپ چىقتى. بىرقەدەر چوڭ يېرىقنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 900 مېتىر، كىچىك يېرىقنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 100 مېتىر كېلىدۇ. ماگما، شەھەر-بازارلارغا ئېقىپ كىرپ بىرقەدەر چوڭ زىيان كەلتۈرۈپ چىقاردى.

  ئىسلاندىيە مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى يەنە مۇنداق دېدى: گرىنداۋىك بازىرى يەر يۈزىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ، كىچىكلەپ كېتىۋاتىدۇ بۇ ماگما بېسىمىنىڭ تەڭپۇڭلۇققا يەتكەنلىكىنىڭ ئالامىتى، دەپ قارىلىدۇ، لېكىن يەنە بىر قېتىم پارتلاش ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ.

  ئىسلاندىيە ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى يانار تاغ ھەرىكەتچان بەلبېغىغا جايلاشقان، يانار تاغ كۆپ، گىئولوگىيەلىك ھەرىكەت كۆپ كۆرۈلىدۇ .

ختاي خەلق تورىدىن ئىلىندى.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئۇلۇغۋار غايىلىك ئىنسان- ساۋاقدىشىم دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلىق

دۈ يانۋار 22 , 2024
نەبىجان تۇرسۇن مىلادىيە 2023-يىلى 8-دېكابىر ئىستانبۇل ماتەمگە چۆمدى! ئەلۋەتتە، ماتەمگە چۆمگەنلەر تۈركىيەدە مۇھاجىرەت ھاياتىنى باشتىن كەچۈرۈپ، كېچە-كۈندۈز ئانا ۋەتىنىگە تەلپۈنۈۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىدى. ئۇيغۇر مۇھاجىرەت دۇنياسى ئۆزىنىڭ يەنە بىر سەر خىل پەرزەنتى بىلەن خوشلىشىپ، ئۇيغۇر مۇھاجىرەت تارىخىغا يېڭى بىر قۇر قوشۇلدى. تارىخنىڭ مانا بۇ قۇرلىرىغا يېزىلغان ئوغلان دوكتور پەرھات قۇربان ئىدى. […]
ئۇلۇغۋار غايىلىك ئىنسان- ساۋاقدىشىم دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلىق

You May Like