«دىپلومات» (The Diplomat) ژۇرنىلىنىڭ 2022-يىلى 17- فېۋرالدىكى شۇ تېمىلىق ماقالىسىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى. ئەسلى ئاپتورى: Barbara Kelemen
تەرجىمىدە: يۈسۈپجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 18-فېۋرال
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى يېقىندىن بىرى خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلارنى قايتىدىن تېررورچى دەپ قارىلاپ يېزىلىۋاتقان ئوبزور ۋە ماقالىلەرگە دىققەت قىلماقتا، بۇ ئۇيغۇر مىللىتى ۋە ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن پايدىسىز بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ بۇلارنى چۈشىنىشى، بۇلارغا تاقابىل تۇرۇشى، ئوبزور ماقالە ئېلان قىلىشى، سىياسىي ھەرىكەتلىرىدە ئىستراتېگىيە ۋە تەدبىر بەلگىلىشى ئۈچۈن، پايدىلىنىشى ئۈچۈن مەزكۇر ماقالىنى ئالايىتەن ۋاقىت ئاجرىتىپ تەرجىمە قىلدۇق. خەلقىمىزنىڭ ماقالىنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىشنى ۋە ئۇنىڭدىن توغرا پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى تەرجىمە بۆلۈمى
تالىبانلار ئافغانىستان ھاكىمىيىتىنى قولغا ئالغاندىن كېيىنكى 6 ئاي بولغان بۇ كۈنلەردە، ئىسلام قوراللىق كۈچلىرىگە بەزىبىر قۇلايلىق شارائىتلار ھازىرلىنىۋاتىدۇ. تېخى مۇشۇ فېۋرالنىڭ بېشىدا « بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى» ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكىدىن كېيىنكى تېررورلۇققا دائىر تۇنجى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشى بىلەن بەزىبىر يېڭى ۋەزىيەتلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ئافغانىستان يەنە بىر نۆۋەت دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تېررور كۈچلىرىنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىغا ئايلانغان ئىدى.
گەرچە تالىبان ھاكىمىيىتى تاشقى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئافغانىستاندا ھەرىكەت قىلىشىنى چەكلەيدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدىلەرنى بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما « بازا» تەشكىلاتى، «ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى»، «شام ئىسلام خۇراسان تارمىقى» ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان باشقا تەشكىلاتلار بۇ يەردە پەيدا بولۇشقا باشلىدى. تالىباننىڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرى ئىزچىل ھالدا بايانات بېرىپ ئافغانىستاندا «بازا» تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى» نىڭ ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان تەكشۈرۈش دوكلاتلىرىنىڭ نەتىجىسىگە قارىغاندا مەزكۇر تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى 15 كە يېقىن ئۆلكىلىرىدە ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «شام ئىسلام خۇراسان تارمىقى» نىڭ ئىزچىل ھالدا قايتىدىن تەشكىللىنىپ ئىلگىرىكىدىنمۇ كۆپرەك ھۇجۇم ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارمۇ كۆپلەپ ئۇچراپ تۇردى. «ب د ت» نىڭ 8-ئايدىكى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەزا سانى ئىلگىرىكىدىن بىر ھەسسىدىن ئارتۇق كۆپەيگەن بولۇپ، سۈرىيەدىكى شام ئىسلام ھەرىكىتى باش تەشكىلاتىدىن ئىقتىسادى ياردەملەرگە ئېرىشىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.
«شام ئىسلام خۇراسان تارمىقى» نىڭ ئافغانىستاندا كۈندىن كۈنگە زورىيىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ شۇنى يەكۈنلەشكە بولۇدىكى، ئافغانىستاننىڭ قانلىق تارىخى يەنە بىر قېتىم قايتا تەكرارلىنىشى مۇمكىن. نۆۋەتتىكى تالىبان ھاكىمىيىتىنىڭ قۇرۇلما، تۈزۈملىرىنىڭ ئىنتايىن ئاجىز بولۇشىغا قارىماي، بۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تېخىمۇ ناچار ھالەتتە. بۇ مەسىلىلەرگە قوشۇلۇپ كۈنسېرى ناچارلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسلىرى، كىشىلەرنىڭ تۈركۈملەپ چەتئەللەرگە قېچىپ كېتىشلىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ ئوخشىمىغان ئىسلام گۇرۇپپىلىرى ئارىسىدا ئىچكى زىددىيەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ مىللىي ياكى تېررىتورىيەلىك پەرقلىرى ۋە ياكى ئوخشىمىغان ئىدىلوگىيەلىرى قاتارلىق پەرقلەر سەۋەبلىك ئۆز ئارا دۈشمەنلىشىشى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ئافغانىستاندا ھازىر ھەممىمىز ئەندىشە قىلىۋاتقان شەرت-شارائىتلار پىشىپ يېتىلدى. بۇ يەر ھازىر تېررورچىلارنىڭ بىخەتەر ۋە مۇنبەت ماكانىغا ئايلاندى.
تالىبان ھاكىمىيىتى نۆۋەتتە ئامېرىكىنى رازى قىلىش قىلىش ئۈچۈن كۆپ كۈچىمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما خىتايغا كەلگەندە ئەھۋال باشقىچە. چۈنكى بېيجىڭ، تالىباننىڭ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىشى شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپلىگەن ئىقتىسادىي ياردەملەرگە ئېرىشىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا بولۇپ قالماقتا. بۇ ئىككى ھاكىمىيەت ئوتتۇرىسىدىكى يېقىندىن بۇيانقى مۇناسىۋەت تارىخىغا قارىغاندا ئۇلارنىڭ ناھايىتى ياخشى بولغان مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايقاش قېيىن ئەمەس. گەرچە بېيجىڭ تەرەپ تا ھازىرغىچە تالىبان ھاكىمىيىتىنى تولۇق ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تاراتقۇلىرىدا تالىبان يېڭى ھاكىمىيىتىنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا يېڭى پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى تەشۋىقاتلار كۆپلەپ چىقماقتا. بولۇپمۇ ئافغانىستاندىكى زاپاس مىقدارى مول بولغان لېتىيۇم كانلىرىنى ئېچىپ قېزىش جەھەتتىكى ھەمكارلىق ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يېقىن بولۇشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. بېيجىڭ تەرەپ ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى بىخەتەر بولغان پايدا-مەنپەئەتنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن، تالىبانمۇ بۇنىڭغا قوشۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۆز خاھىشلىرىنى ئىپادىلىگەن.
« بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى» نىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىندىن بۇيان تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقانداق ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ چەتئەل تېررورلۇق كۈچلىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەرىكەتلىرىنى چەكلىمىگەنلىكى ئاشكارا بولغان. ئەمما مەزكۇر دوكلاتتىكى بىر نۇقتا كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، يەنى تالىبان ھۆكۈمىتى خىتاي تەرەپ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان «شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى»نىڭ ھەرىكەتلىرىگە چەكلىمىلەرنى قويۇپ كەلگەن. دوكلاتتا يېزىلىشىچە، مەزكۇر تەشكىلات ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى قورغىنى بولغان خىتاي چېگراسىغا يېقىن بەدەخشان ئۆلكىسىدىن ئافغانىستاننىڭ باشقا جايلىرىغا، يەنى باغلان، تاخار قاتارلىق ئۆلكىلەرگە كۆچۈرۈلگەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا تالىبان مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ « بىخەتەرلىكى»نى كۆزدە تۇتقان ئاساستا، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىگە چەكلىمە قويۇشنى مەقسەت قىلغان ئاساستا باشقا جايلارغا يۆتكىگەنلىكى مەلۇم بولغان. گەرچە بۇ خىلدىكى كۆچۈرۈشنىڭ قانداقتۇر ئۇلارنىڭ «بىخەتەرلىكى»نى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلگىلى بولمىسىمۇ، ئەمما شۇ نەرسە ئېنىقكى: تالىبان ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى رەنجىتىپ قويۇشنى خالىمىغانلىقى سەۋەبلىك مەزكۇر تەشكىلاتنى خىتاي چېگراسىدىن يىراقلارغا يۆتكىگەن.
تالىبان ھەقىقىي تۈردە «شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى»نىڭ شۇنداقلا بارلىق ئۇيغۇر قوراللىقلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى تولۇق چەكلەپ، خىتايغا بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالامدۇ-يوق؟ بۇ جەھەتتە يەنىلا نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇت. ئالدى بىلەن مەزكۇر تەشكىلات ھېلىھەم ھەربىي مەشىقلىرىنى توختاتقىنى يوق، ئۇلار داۋاملىق ھالدا خىتاي مەنپەئەتىگە قارشى قوراللىق ھۇجۇملارنى پىلانلاۋاتىدۇ. بىر قىسىم «ب د ت »غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ شىكايەتلىرىگە قارىغاندا مەزكۇر تەشكىلات «بازا» تەشكىلاتى، پاكىستان تالىبانلىرى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە پاكىستاندا قوراللىق ھۇجۇم ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. يەنە بەزى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا بىر قىسىم تەشكىلات ئەزالىرى خىتايغا قايتىپ «غازات» ئۇرۇشى قوزغاشنى ئويلىشىۋاتقان. يۇقىرىدا دېيىلگەندەك سەۋەبلەر، خىتاي بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ راۋان تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن نۇرغۇن توسالغۇلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان يەنە بىر نۇقتا شۇكى، «شام ئىسلام خۇراسان تارمىقى»نىڭ كۆتۈرۈلۈشى بىلەن تالىباننىڭ ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىنى كونترول قىلىشى تېخىمۇ تەسكە توختىشى مۇمكىن. «شام ئىسلام خۇراسان تارمىقى» تالىباننى يېتەرلىك رادىكال ئەمەس دەپ قارايدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئۇلار تالىباننىڭ قانۇنىيلىقى ۋە ھاكىمىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ كەلدى. دەرۋەقە، ئۇلار ئافغانىستاندىكى ناچار بولغان شارائىتتىن پايدىلىنىپ تالىبان بىلەن تىركىشىپ كېلىۋاتىدۇ. 2021-يىلى ئۆكتەبىردە قۇندۇس شەھىرىدە يۈز بەرگەن شىئە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ مەسچىتىگە قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قاتناشقانلىقى مەلۇم بولغان. مەزكۇر ئۆزىنى پارتلىتىش ۋەقەسىدە نەچچە ئون كىشى ئۆلگەن بولۇپ، ئەمما ھازىرغا قەدەر ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ «شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى» بىلەن ئالاقىسى بار يوقلۇقى تېخى ئېنىقلانمىغان.
بۇ ئەھۋاللار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، «شام ئىسلام خۇراسان تارمىقى» ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. چۈنكى 2017-يىللىرىدىن بۇيان ئۇلار خىتاينىڭ «شىنجاڭ»(شەرقى تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان.ت) دىكى سىياسەتلىرىگە قارشى تەشۋىقاتلارنى قىلىپ كەلگەن، بۇنىڭدىن سىرت ئۇلارنىڭ ھېس قىلىشىچە، ئافغانىستاندا خىتاي كۈچلىرىگە ھۇجۇم قوزغىسا تالىبانلار كۈچلۈك بولغان ئىتتىپاقدىشىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى تالىبانلارنىڭ ئافغانىستاندىكى قانۇنلۇق ھوقۇق ئىگىلىكى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىشى مۇمكىن. نۆۋەتتە «شام ئىسلام خۇراسان تارمىقى» ئۆزلىرىنىڭ نىشانلىرىغا يېتىشى ئۈچۈن كۈچەپ تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. بۇ يەردىكى نېگىزلىك مەسىلە، ئۇلار ئۇيغۇر قوراللىقلىرىنى تولۇق قوللاش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالامدۇ-يوق.
تارىخقا نەزەر سالغاندا، بۇ خىل ئېھتىماللىقنى يوق دېگىلىمۇ بولمايدۇ. تالىبان بىلەن بېيجىڭنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان دوستلۇق مۇناسىۋىتى بىر قىسىم ئۇيغۇر جەڭچىلىرىنى بىئارام قىلىشى مۇقەررەر. ئۇلار ھەر ۋاقىت تالىبانلارنىڭ ئاساسلىق رەقىبى بولغان «شام ئىسلام خۇراسان تارمىقى» تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن. قانداقلا بولمىسۇن، بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا زىيانغا ئۇچرىغۇچى پەقەتلا خىتاي بولۇپ قالماستىن بەلكى تارىختا بولۇپ ئۆتكىنىدەك، ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن ئىشلار شۇ يەردىلا چەكلىنىپ قالماي پۈتۈن دۇنيادىكى جىھادى كۈچلىرىگىچە تەسىر قىلىشى ئېھتىماللىققا ناھايىتى يېقىندۇر.
ماقالە ئاپتورى ھەققىدە: Barbara Kelemen خانىم «ئوتتۇرا ياۋروپا ئىنستىتۇتى» نىڭ ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولۇپ، «لوندون ئىقتىساد ئىنستىتۇتى» ۋە «بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» خەلقئارا ئىشلار كەسپىنىڭ قوش ماگىستىرلىق دىپلومىغا ئىگە. نۆۋەتتە ئۇ لوندوندىكى يەرلىك سىياسەت ۋە ئىستىخپارات ئورگىنىدا ياردەمچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
ئەسلى مەنبە:
https://thediplomat.com/2022/02/how-the-rise-of-islamic-state-khorasan-in-afghanistan-feeds-uyghur-militancy/