ياۋروپا زىيارەت ئۆمىكى تەيۋەنگە يېتىپ كەلدى

ياۋروپا زىيارەت ئۆمىكى تەيۋەنگە يېتىپ كەلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 3-نويابىر

تەييارلىغۇچى: ئارمان

ياۋروپادىن يولغا چىققان 13 كىشىلىك بىر ئۆمەك 3-نويابىر چارشەنبە كۈنى تەيۋەنگە يېتىپ كېلىپ شۇ يەردىكى ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى. بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق رەسمىي ئۆمەك تەشكىللەپ تەيۋەنگە زىيارەتكە كېلىشى ئىكەن. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا بۇ ئۆمەكنىڭ تەيۋەنگە زىيارەتكە كېلىشىدىكى ئاساسلىق مەقسىتى تەيۋەن دائىرىلىرىگە خىتاينىڭ «ساختا ئۇچۇر ئارقىلىق دېموكراتىيەگە ھۇجۇم قىلىش دوكلاتى» نى سۇنۇشنى پىلانلىغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن شۇ جاي ۋاقتى 4-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن بۇ ئۆمەكنى كۈتۈۋالماقچى ئىكەن.

تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ قېتىملىق زىيارىتىدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن، ئەدلىيە مەھكىمىسى رەئىسى سۇ جېنچاڭ، قانۇن تۇرغۇزۇش مەھكىمىسى رەئىسى يوۋ شىكۇن، ئىجرائىيە مەھكىمىسى سىياسىي ۋەكىلى ۋە باياناتچىسى لو بىڭچېڭ، ئىجرائىيە مەھكىمىسى سىياسىي كومىسسارى تاڭ فېڭ، شۇنداقلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر قانچە ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئېلىپ بارىدىكەن.

تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ياۋروپا ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە تەيۋەندىكى مەخسۇس ساختا ئۇچۇرلارنى تەتقىق قىلىدىغان ئاقىللار ئامبىرىنىڭ ۋەكىللىرى، تاراتقۇلار شۇنداقلا بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن كۆرۈشۈشلەرنى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە تور ھۇجۇمى، ساختا ئۇچۇر تورى قاتارلىق  تور تەھدىتلىرى توغرىسىدا مۇنازىرىلەرنى ئېلىپ بارماقچى ئىكەن. تەيۋەن دىپلوماتلىرىنىڭ سۆزلىرىگە قارىغاندا، ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ قېتىملىق زىيارىتىدە ئاساسلىقى تەيۋەننىڭ قانداق قىلىپ پىكىر، ئاخبارات ئەركىنلىكىنى يولغا قويغان ئاساستا خىتايدىن كېلىۋاتقان ساختا ئۇچۇر تەشۋىقاتلىرىغا قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەسى ۋە تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىش ۋە ئۆز -ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. 

قانداقلا بولمىسۇن، بۇ قېتىمقى زىيارەت جەريانىدىكى سۆھبەت تېمىلىرى ئىنتايىن سەزگۈر ۋە كونكرېت دۆلەتلەرگە چېتىلىدىغانلىقى سەۋەبلىك، ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ قېتىملىق زىيارەت توغرىسىدا كۆپ ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلمىغان. مەزكۇر ئۆمەكنىڭ رەئىسى رافائېل گلۇكىسمەننىڭ ئىشخانىسى بولسۇن ياكى كومىتېت ئورگان تەرەپ تەيۋەنگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ھېچقانداق بايانات بەرمىگەن. 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

كانادا تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق «پەمىدۇر» مەسىلىسى كۈنتەرتىپتە

چا نويابىر 3 , 2021
كانادا تاراتقۇسى CBC News قانىلىنىڭ بازار(MARKETPLACE) پروگراممىسى 29-ئۆكتەبىر مەخسۇس ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ كانادا بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان پەمىدۇر قىيامىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتى بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى پاش قىلغان.