ئىلھام توختى قولغا ئىلىنغانلىقىنىڭ بەشنچى يىللىقىنى قايغۇ ئىچىدە خاتىرىلەيمىز!

بۇگۇن ئۇيغۇر زىيالىسى، ئەركىنلىك جەڭچىسى پىراففىسور ئىلھام توختىنىڭ ختتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئىلىنغانلىقىنىڭ بەش يىللىق خاتىرە كۈنى.

2019-يىلى 15- يانۋار

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

 

بۇگۇن ئۇيغۇر زىيالىسى، ئەركىنلىك جەڭچىسى پىراففىسور ئىلھام توختىنىڭ ختتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئىلىنغانلىقىنىڭ بەش يىللىق خاتىرە كۈنى.

ئىلھام توختى ئەپەندى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئنسانى ۋە قانۇنى ھەق-ھوقۇقى يولىدا كۆرەش قىلغۇچى ئەركىنلىك جەڭچىسى. ئىلھام توختى ئەپەندى دەرس مۇنبىرىدە ئىلىم-پەن ۋە ھەقىقەت روھىنى ئورتاق سۆزلىگەن بولسا، قەلەم ئارقىلىق بىر مىللەتنىڭ ئەڭ جىددى مەۋجۇتلۇق ۋە تەرەققىيات مەسلىسنى يورۇتۇپ، خەلقئارا جامائەتچىلىك ۋە ختتايدىكى ھەر مىللەتكە ئۇيغۇرلار دۇچ كىلىۋاتقان مەسللەرنى ئاڭلاتقان.

شەخسى كىشلىك ھاياتىدا ياخشى ئاتا، ياخشى دوست، ياخشى ئنسان روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئنسانى مېھىر-مۇھەببەتنى تاراتقان. قەيسەرلىكى، ئۇيغۇرلارغا خاس مىجەزى بىلەن مەردانىلىك خسلىتنى نامايەن قىلغان.

 ئىلھام توختى ئەپەندى ئەركىنلىكى بەدىلىگە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئاۋازى بولغان قەھرىماندۇر.

مەن بۇگۇن دوستۇم، ئاكام ۋە ئۇستازىم بولغان ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئەركىنلىكىنى ئۇمىد قىلىش، ئۇنىڭغا نوبىل مۇكاپاتى بىرىلىشنى ئارزۇ قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭغا ئوخشاش زۇلۇمغا ئۇچرىغان مىڭلىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ياد ئېتىمەن ۋە دۇئا قىلىمەن، بىگۇناھ قاماقلاردا يېتىۋاتقان، يۇقاپ كەتكەن بەش مىلىيوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن قايغۇرىمەن.

ئاخىرىدا قوشۇپ قويىمەنكى، ئۇيغۇر ئاگىېنىتلىقىدىكى بارلىق پىداكار زىيالىيلار پۇتۇن كۇچى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۆرەش قىلىش ئىرادىسنى بىلدۇرىدۇ.

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

مەشئەل گۇرۇپپىسى : دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە NPOتەشكىلاتلارنى كۆپەيتىپ قۇرۇش ھەققىدە تەكلىپ

سە يانۋار 15 , 2019
جازا لاگېرلىرىنىڭ خەلقئاراغا ئاشكارىلىنىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ماھىيىتىنى تونۇپ داۋا سېپىغا قېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە.

You May Like