ئىلھام توختى مۇئەللىم ياۋروپا پارلامىنتى تارقاتقان ساخاروف كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئىرىشتى

24-ئۆكتەبىر، ئىلھام توختى ئەپەندى ياۋروپا پارلامىنتى ساخاروف پىكىر ئەركىنلىكى مۇكاپاتىغا ئىرىشتى. ئىلھام توختى مۇئەللىم تېخى يىقىندا ۋاكلاۋ خاۋىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن ئىدى. ئىلھام توختىغا ساخاروف مۇكاپاتىنى ئىلان قىلغان ياۋروپا پارلامىنتى پىرىزدىنتى داۋىد ساسسولى « بىز بۇ مۇكاپاتنى ئىلھام توختىغا بەرگىنىمىزدىن ناھايىتى ئىپتىخارلىنىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتايدىن ئىلھام توختىنى قويۇپ بىرىشىنى ۋە ئاز سانلىقلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېدى.

ئۇيغۇر ئاگىنتىلىقى

 

2019-10-24

 

تەييارلىغۇچى: ئەردەم

 

24-ئۆكتەبىر، ئىلھام توختى ئەپەندى ياۋروپا پارلامىنتى ساخاروف پىكىر ئەركىنلىكى مۇكاپاتىغا ئىرىشتى. ئىلھام توختى مۇئەللىم تېخى يىقىندا ۋاكلاۋ خاۋىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن ئىدى. ئىلھام توختىغا ساخاروف مۇكاپاتىنى ئىلان قىلغان ياۋروپا پارلامىنتى پىرىزدىنتى داۋىد ساسسولى « بىز بۇ مۇكاپاتنى ئىلھام توختىغا بەرگىنىمىزدىن ناھايىتى ئىپتىخارلىنىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتايدىن ئىلھام توختىنى قويۇپ بىرىشىنى ۋە ئاز سانلىقلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېدى.

 

بۇ يىل 18- دىكابىر، ساخاروف مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى ياۋروپا پارلامىنتىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

 

ساخاروف كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى ياۋروپا پارلامىنتى تەرىپىدىن تارقىتىلىدىغان دۇنيا خاراكتىرلىك مۇكاپات بولۇپ، 1988-يىلى تەسىس قىلىنغان. ئۇ ئاساسلىقى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك پىرىنسىپلىرىنى قوغداش يولىدا كاتتا خىزمەت كۆرسەتكەن شەخىس ياكى ئورگانلارغا بىرىلىدۇ. مۇكاپات سوممىسى 50 مىڭ ياۋرونىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 

بۇ مۇكاپاتقا تۇنجى بولۇپ ئىرىشكۈچى جەنۇبىي ئافرىقا دۆلەت ئاتىسى ماندىلا ئىدى. ب د ت سابىق باش كاتىبىمۇ بۇ مۇكاپاتقا ئىرىشكەن. بۇ مۇكاپاتقا ئىرىشكەنلەردىن ھازىرغىچە 5 كىشى كىيىن نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.

 

 

 

مەنبە:

 

https://www.europarl.europa.eu/news/en/press-room/20191018IPR64639/ilham-tohti-awarded-the-2019-sakharov-prize

 

 

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرچە يېزىش ۋە كىتاب نەشىر قىلىش بىز ئۈچۈن تۇزدەك مۇھىم؟

دۈ ئۆكتەبىر 28 , 2019
بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئىستانبۇلدا «دېڭىزنىڭ ئېيتقانلىرى» ناملىق بىر شېئىرلار توپلىمى نەشىردىن چىقتى. بۇ توپلام شائىر مۇتەللىپ سەيدۇللانىڭ چەتئەلدە ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنغان تۇنجى كىتابى بولۇپ، كىتابتىكى شېئىرلارنىڭ ئىستىتك گۈزەللىكى

You May Like