ماراكەشتە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىدرىس ھەسەن ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئۇچۇر

ماراكەشتە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىدرىس ھەسەن ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئۇچۇر

 ماراكەشتە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىدرىس ھەسەن ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئۇچۇر

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 24- نويابىر

«ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى» مۇدىرى دىلنۇر رەيھان خانىمنىڭ فەيسبۇك بېتىدە بەرگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ماراكەشتە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر ياش ئىدرىس ھەسەن توغرىسىدا يەرلىك دائىرىلەر بۈگۈن يەنە بىر قېتىم سوت ئاچقان بولۇپ، سوتتا ئىدرىس ھەسەننىڭ ئادۋوكاتلىرى ئۇنى خىتايغا ئەۋەتسە دۇچ كېلىدىغان ئاقىۋەتلەر توغرىسىدا بىر سائەتتىن ئارتۇق ئاقلاش نۇتقى بەرگەن. ئەمما سوتنىڭ ئاخىرقى قارارى چىقىرىلمىغان شۇنداقلا قاچان ھۆكۈم ئېلان قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدىمۇ ئۇچۇر بەرمىگەن. 

دىلنۇر رەيھان خانىم بۇ ھەقتە فەيسبۇك بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇرلىرىمىزنى بۇ سوتنىڭ ئورگان ئېلخەت ئادرېسلىرىغا شۇنداقلا سوتچى ۋە سوت كوللېگىيەسىدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ ئېلخەت ئادرېسلىرىغا «ئىدرىس ھەسەنگە ئەركىنلىك» تېمىسىدا خەت ئەۋەتىشكە چاقىرغان، ھەمدە ئەرەبچە ياكى فىرانسۇزچە بىلىدىغان قېرىنداشلىرىمىزنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بىۋاسىتە تېلېفون ئۇرۇپ ئىدرىس ھەسەن ئۈچۈن ئەركىنلىك تەلەپ قىلىشقا چاقىرغان. 

مۇناسىۋەتلىك ئېلخەت ئادرېسلىرى ۋە تېلېفون نومۇرلىرى تۆۋەندىكى رەسىملەردە كۆرسىتىلگەن

 

مەنبە: دىلنۇر رەيھان خانىمنىڭ فەيسبۇك بېتى

تەييارلىغۇچى: ئارمان

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئىنتېرپول ئىجرائىيە ھەيئەتلىكىگە سايلاندى

پە نويابىر 25 , 2021
خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئىنتېرپول ئىجرائىيە ھەيئەتلىكىگە سايلاندى

You May Like