ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بىرىمىز دەپ تەھدىت سالغانلىقىغا ئەپۇ سورىدى

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بىرىمىز دەپ تەھدىت سالغانلىقىغا ئەپۇ سورىدى

 ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بىرىمىز دەپ تەھدىت سالغانلىقىغا ئەپۇ سورىدى 

ئامىنە سەدەف

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى30-نويابىر

بۈگۈن (30- نويابىر) ئىستانبۇل سارى يەرگە جايلاشقان خىتاي كونسۇلى ئالدىدا 24-نويابىر ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە شېھىت بولغانلار  ئۈچۈن نامايىش قىلىۋاتقان يۈزلەرچە ئۇيغۇر  تۈرك ساقچىلىرىنىڭ قوپال مۇئامىلىسى ۋە ھاقارىتىگە ئۇچرىدى. نەق مەيداندىن تارقىتىلغان ۋىدىئودا، بىر تۈرك ئامانلىق خادىمىنىڭ نامايىشچى ئاممىنى ئەخلەتكە ئوخشىتىپ  «  قايتىپ كىتىڭلار، بولمىسا سىلەرنى بۇ يەردىن سۈپۈرىمىز،  تۇتقۇن قىلىپ، چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىمىز»  دېگەن  ھاقارەتلىرى  ۋە ئالدىدىكىلەرنى ئىتتىرگەنلىكىدەك قوپال ھەرىكەتلىرى تۈرك خەلقىنى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇر داۋاسىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەرنى  غەزەپلەندۈردى. 

نۇرغۇن تۈركلەر تىۋىتىردا تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى ۋە بۇ مەمۇرنىڭ قوپاللىقىنى ئەيىبلىدى.  
ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئۆزىنىڭ تېۋىتىر ھېسابىدا بايانات ئېلان قىلىپ،  ئامانلىق ساقلىغۇچى خادىملارنىڭ چەكتىن ئاشقان قوپاللىق قىلمىشى ئۈچۈن ئەپۇ سورىدى شۇنداقلا تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت ۋە  ۋەتەنداشلىق خىزمەتلىرى ئۈچۈن مەخسۇس ئىشخانا تەسىس قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.  

ئىستانبۇل جامائەت خەۋپسىزلىك مۈدىرلىكىمۇ ئۆزىنىڭ ئورگان ھېسابىدا ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا « نامايىشنىڭ رۇخسەتسىز ئېلىپ بېرىلغانلىقى، بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا نامايىشچىلارغا چەكتىن ئاشقان قوپاللىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگەنلىكى، ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنىڭ يېقىندىن كۆزىتىلىۋاتقانلىقىنى » ئىپادىلىدى. 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۇيغۇر يىگىتنىڭ خىتايچە ۋەتەن داۋاسىنى ئاڭلاتقان بۇ يىغىلىش خىتايدا ئەمەس بەلكى ئامېرىكا نيۇ-يوركتا يۈز بەرگەن

جۈ دېكابىر 2 , 2022
ئۇيغۇر يىگىتنىڭ خىتايچە ۋەتەن داۋاسىنى ئاڭلاتقان بۇ يىغىلىش خىتايدا ئەمەس بەلكى ئامېرىكا نيۇ-يوركتا يۈز بەرگەن

You May Like