ھەرقايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر ئاكتىپ پائالىيەت قىلماقتا

نۆۋەتتە تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەر جانلانماقتا.
1_ئاينىڭ 17 _ كۈنى ئىستانبولدىكى خەلىق ھەرىكىتى پىدائىيلىردىن 25 كىشى ئۇستاز ھېبۇللا كۈسەننىڭ يىتەكچىلىكىدە لىمون فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئەسكى شەھەردە سۈرەتكە ئېلىنىۋاتقان «جەڭچى» فىلىمىنىڭ سۈرەتكە ئېلىش مەيدانىغا بېرىپ فىلىم خىزمەتچىلىرى ۋە ئارتىسلارنى يوقلاپ ۋە ئۇلارنىڭ فىلىمدە باشتىن ئاخىر شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۈلۈپ، فىلىمدە يەر بىرىپ كىلۋاتقىنغا رەھمىتىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

سەدەف

 

2020- 1-21

 


نۆۋەتتە تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەر جانلانماقتا.
1_ئاينىڭ 17 _ كۈنى ئىستانبولدىكى خەلىق ھەرىكىتى پىدائىيلىردىن 25 كىشى ئۇستاز ھېبۇللا كۈسەننىڭ يىتەكچىلىكىدە لىمون فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئەسكى شەھەردە سۈرەتكە ئېلىنىۋاتقان «جەڭچى» فىلىمىنىڭ سۈرەتكە ئېلىش مەيدانىغا بېرىپ فىلىم خىزمەتچىلىرى ۋە ئارتىسلارنى يوقلاپ ۋە ئۇلارنىڭ فىلىمدە باشتىن ئاخىر شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۈلۈپ، فىلىمدە يەر بىرىپ كىلۋاتقىنغا رەھمىتىنى بىلدۈردى.

 

 


بۇ ھەقتە ئۇستاز ھېبىبۇللا كۈسەنى » جەڭچى فىلىمى باشتىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۈلۈپ، فىلىمدە بىر قانچە سەھنىدە ئورۇن بەردى. بۇلۇپمۇ 86_بۈلۈمدىكى، شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى ۋە دىئالوگلار بىزنى بەك خۇرسەن قىلدى. شۇڭا بىز ئۇلارغا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنى يوقلاپ كەلدۇق » دىدى.

 


1_18 _ كۈنى قەھرىمان ماراشتا، ھەرقايسى تۈرۈك تەشكىلات، دەرنەك ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن چوڭ كۈلەمدىكى» خىتاي ئىشغالىيتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك » شۇئارى ئاستىدا نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى. يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىس رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندىمۇ قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى.

 

 

 


1_18 كۈنى يەنە ئىستانبولدا، خىتاي تەتقىقاتى ئىنىستوتى ،تۈرك ئوجاكلىرى ،ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدا «تۈرۈك دۇنياسى جىئوسىياسى نوقتىسىدىن خىتاينىڭ بىر يول بىر بەلۋاغ تۈرىگە نەزەر» تىمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىننىڭ 2_قېتىملىقى مۇۋەپىقىيەتلىك ئېچىلدى.

 

 


يىغىنغا تۈركىيەدىكى تەتقىقاتچى ۋە يازغۇچىلاردىن تۇرغاي تۈفەكچى ئوغلى، مەرۋە شەبنەم ئۇرۇچ خانىم، پىروفېسسور دوكتۇر ۋارىس چاقان ئەپەندى ۋە دوكتۇر پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندىلەر قاتناشتى ۋە دوكلات سۇندى.
شۇنداقلا يەنە 1_18_19_كۈنلىرى 2_نۆۋەتلىك خەلىقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى بۇيىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئىستانبولدا ئېچىلدى.

 

 


نۆۋەتتىكى خەلىقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتلىرى ۋە مىللىي مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرگەن يەھۇدى، ھىندى، بوسنىيە ۋە كۇسۇۋا قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كۈرەش يوللىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە ۋە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىپ، تەجىربە ئۈگۈنۈش مەخسىتىدە ئېچىلغان بۇ قېتىمقى ئۈگۈنۈشكە ،ئالدىنقى قېتىملىق «مىللىي مەپكۈرە ۋە تەشكىلاتچىلىق» كۇرسىغا قاتناشقان ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچىلار دىن 15 ئوقۇغۇچى قاتناشتى.

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ئاتۇشلۇق نۇرى قارىھاجى ئۈچۈن ۋەتەندىن مۇراجەتنامە

جۈ يانۋار 24 , 2020
شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاتۇش شەھىرىدىن چىقىپ ئوتتۇرا ئاسىيادا تىجارەت قىلۋاتقان مەلۇم بىر ئۇيغۇر، ئۇستاز ھەبىبۇللا كۈسەنىگە، ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئەڭ داڭلىق دىنى ئالىملىرىدىن بىرى بولغان نۇر قارى ھاجىنىڭ، ھىچ سەۋەپسىزلا 20 يىللىق كىسىلىپ، خىتاينىڭ تۈرمىسىدە ئېغىر جىسمانىي ۋە روھى ئازاپ تارتىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنى مۇناسىۋەتلىك ئىنسان ھەقلىرى كومتىتى ۋە مۇخپىرلارغا يەتكۈزۈپ قۇيىشىنى ئېيتقان.

You May Like