ھەر تەرەپتە ئۇيغۇر ساداسى

ئىستانبۇل، قەيسەرى، تىبرىز، ئامىستىردام، دەنخاھ، بىرلىن، مالايسىيا، ھىندونوزىيە، مورىتانىيە، ماراكەش، غەززە قاتارلىق جايلاردا، مەشرىقتىن مەغرىپكىچە، ياۋروپادىن ئافرىقا، ئاسىياغا قەدەر ھەممە جايلاردا يۈزلىگەن، مىڭلىغان مۇسۇلمانلار ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركسىتاندىكى بىناۋا خەلقىمىز ئۈچۈن ھەر ياقتىن ياڭراق سادالار ياڭرىماقتا.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

سەدەف

 

2019-12-29

 

 

 

ئىستانبۇل، قەيسەرى، تىبرىز، ئامىستىردام، دەنخاھ، بىرلىن، مالايسىيا، ھىندونوزىيە، مورىتانىيە، ماراكەش، غەززە قاتارلىق جايلاردا، مەشرىقتىن مەغرىپكىچە، ياۋروپادىن ئافرىقا، ئاسىياغا قەدەر ھەممە جايلاردا يۈزلىگەن، مىڭلىغان مۇسۇلمانلار ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركسىتاندىكى بىناۋا خەلقىمىز ئۈچۈن ھەر ياقتىن ياڭراق سادالار ياڭرىماقتا. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەركۈنى دۇنيانىڭ ھەر يىرىدە، خىلمۇ خىل پائالىيەتلەر، نامايىشلار بىلەن كۈنتەرتىپكە كەلمەكتە. 12ئاينىڭ 28_كۈنى ئېران تەبرىز دىكى تەرەكتۆر پۇتبول كۇلۇبىدىكى جەنۇبىي ئەزەربەيجانلىق تۈرۈك قېرىنداشلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى نامايىش قىلدى. ئەلجەزىرە قانىلى بۇ توغرۇلۇق بىر نەچچە پارچە خەۋەر ئىشلىدى.

 

 

29- دىكابىر كۈنى، ئەزەربەيجانلىق قىرىنداشلار يەنە گوللاندىيە دەنخاھ شەھرى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نەچچە يۈزلىگەن كىشى بىرلىكتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىۋاتقانلىقىغا قارشى يۈكسەك سادالار بىلەن قارشلىلىق بىلدۈردى. ئامىستىردام شەھەر مەركىزى دام مەيدانىدا بولسا ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە تەشۋىقات مەركىزى ۋە ماراكەشلىك مۇسۇلمانلار، تۈرك جامائەتلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن نەچچە يۈزلىگەن ئەرەب، تۈرك ۋە باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن، ھەرخىل ئىرىق، ھەر خىل مىللەتلەردىن تەشكىللەنگەن مۇسۇلمان ئامما ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى دۇچ كىلىۋاتقان ئىچىنىشلىق ۋەزىيەت ۋە خىتاي زۇلۇمىغا قارشى قاتتىق نارازىلىقىنى نامايەن قىلدى. نامايىش بولغان شۇ كۈنىلا گوللاندىيەدىكى چوڭ تاراتقۇلاردىن نوس گىزىتى كەچقۇرۇنغا قالماستىن خەۋەر ئىلان قىلدى.

 

 

 

 

 

بۇ بىر ھەپتە ئىچىدە گىرمانىيە پايتەختى بىرلىن، ئىنگولستاد شەھرى، فىرانكىفورد ئايدرومى، خىتاي ئىشغالىدىكى خوڭكوڭ، گوللاندىيە ئامىستىردام ۋە دەنخاھ شەھرى، ھىندونوزىيە پايتەختى جاكارتا، مالايسىيا، ماراكەش، پەلەستىن غەززە رايونى، مورىتانىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردا ئۇيغۇرلارنى قوللاش، قوغداش شۇئارلىرى پەلەككە كۆتۈرۈلدى.

 

 

 

 

شۇنىڭدەك ئوخشاش بىر كۈندە ئىستانبول ۋە قەيسىرىيەدىمۇ خىتايغا قارشى چوڭ كۈلەملىك نامايىشلار بولدى. سائادەت پارتىيەسى ياشلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان قەيسىريىدىكى نامايىشقا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ھەمكارلىق دەرنىكىنىڭ يىتەكچىلىكىدە نەچچە مىڭلىغان تۈرۈك ۋە ئۇيغۇرلار قاتناشتى، ئىستانبۇل زەيتۇن بۇرۇندىكى تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان نامايىشىدا مىڭلىغان ئامما يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماي، خىتايغا بولغان غەزەپ _نەپرىتىنى شۇئارلار بىلەن ئىپادىلەپ يوللارنى بىر ئالدى.سائادەت پارتىيەسى ياشلار گۇرۇپپىسى ئوخشاش بىر كۈندە يەنە ئىستانبۇل ئەييۇپ سۇلتاندا نامايىش ۋە ئاخبارەت ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرغان بۇلۇپ، يېڭى نەسىل ھەركىتىدىكى ئۇيغۇر ياشلار ۋە ئۇيغۇر، تۈرك بۇلۇپ نەچچە يۈز خەلق يېغىۋاتقان يامغۇردا مەيدانلاردا خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.

 

 

 

ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن، قەۋىم – قىرىنداش ئۈممەت ئۈچۈن باسقان قەدەملەردىن گۈل ئۈنسۇن، بۇ ھەپتىلىك نامايىش ۋە پائالىيەتلەرنى بىر- بىرلەپ خەۋەر قىلىشتىن ئاجىز كەلدۇق، ئوقۇرمەنلەرنىڭ توغرا چۈشۈنۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

 

ئايىغىدا قەھرىمانىمىز ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ مۇنۇ مىسرالىرىنى مەيداندىكى باتۇرلارغا تەقدىم ئېتىمىز:

 

سەن ۋەتەن،مىللەت دېسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى، 
بول جەسۇر،ئالىي نىشان،كۆلچەك-بۇلاققا قانمىغىل. 

 

 

 

 

 

 

 

 

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

Untitled Reusable Block

سە دېكابىر 31 , 2019

You May Like