گو ۋېنگۈيگە 539 مىليون دوللار جەرىمانە قويۇلدى

گو ۋېنگۈيگە 539 مىليون دوللار جەرىمانە قويۇلدى

تەرجىمە قىلغۇچى: ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 14-سېنتەبىر

ۋال كوچىسى گېزىتى( The wall street journal) نىڭ 14-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدا پاناھلىنىۋاتقان خىتاي سودىگەر گو ۋېنگۈيگە مۇناسىۋەتلىك ئۈچ مېدىئا شىركىتى دۈشەنبە كۈنى «ئامېرىكا ئاكسىيە سودا كومىتېتى» (SEC) تەرىپىدىن 539 مىليون دوللارلىق جەرىمانە قويۇلغان. مەزكۇر ئورگاننىڭ چۈشەندۈرۈشىچە بۇ ئۈچ شىركەت 5مىڭدىن ئارتۇق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پۇللىرىنى يىغىش جەريانىدا ئامېرىكىنىڭ «مەبلەغ سالغۇچىلارنى قوغداش قانۇنى» غا خىلاپلىق قىلغان.

گوۋېنگۈيگە مۇناسىۋەتلىك بۇ ئۈچ شىركەت ئايرىم-ئايرىم ھالدا:GTV Media Group,Saraca Media Group ۋە  Voici of Guo بولۇپ، «ئامېرىكا ئاكسىيە سودا كومىتېتى»نىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇلار 5مىڭ نەپەر مەبلەغ سالغۇچىلاردىن 487 مىليون دوللار مەبلەغ يىغقان، ئەمما يىغىلغان ئاكسىيەلەرنى مەزكۇر كومىتېتقا تىزىملاتمىغان. كومىتېت قارا چىقىرىپ: ئەگەر بۇ شېركەتلەر يىغىلغان 487 مىليون دوللارنى مەبلەغ سالغۇچىلارغا قايتۇرۇپ 35مىليون قىممىتىدىكى جەرىمانىنى تۆلىسە بۇلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما بۇلار قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنى ئېتىراپ قىلماي ياكى رەت قىلمايلا ئامېرىكا ئاكسىيە سودا كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشىنى ئاخىرلاشتۇرغان. بۇ ئۈچ شىركەتنىڭ ئادۋوكاتى كومىتېتنىڭ تەلىپىگە دەرھال جاۋاب قايتۇرمىغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسى(RFI)نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە: ئانالىز شىركىتى Graphika نىڭ 2021-يىلى 5-ئايدىكى دوكلاتىدىن قارىغاندا، گو ۋېنگۈي ئىنتېرنېتتا ساختا ئۇچۇر ئالاقە تورىنى قۇرغان بولۇپ بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ تونۇشلۇق بولغىنى گو نىڭ ئىگىدارلىقىدىكى GTV مېدىئا گۇرۇھى ۋە ئۇنىڭ ئاستىدىكى GTV تور قانىلى ئىكەن. ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر تور قانىلى ئىزچىل ھالدا ئامېرىكىدىكى خىتايلار ئارىسىدا زىددىيەتلەرنى پەيدا قىلىپ قالايمىقانچىلىق چىقىرىپ كېلىۋاتقان ئىكەن. گو بۇ تور قانىلى ئارقىلىق ئۆزىگە قارشى پىكىردىكىلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى «كوممۇنىستلارنىڭ غالچىسى» دېگەندەك بەتناملار بىلەن قارىلاپ كەلگەن، ھەتتا بەزىدە گو نىڭ قوللىغۇچىلىرى بۇ كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئالدىغىچە كېلىپ قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرغان ئىكەن. 

گو ۋېنگۈي مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ تونۇشلۇق بولۇپ، ئىلگىرى تور دۇنياسىدا ئىنتىزار قاتارلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى «تېررورچى، ئاشقۇن رادىكال » دەپ قارىلىغان.

 

پايدىلانغان مەنبەلەر: فرانسىيە خەلقئارا رادىئوسى، ۋال كوچىسى تور ژۇرنىلى

 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

خىتاي ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى تۇغقانلىرى بىلەن نازارەت ئاستىدا كۆرۈشتۈرۈش قەدىمىنى كۈچەيتمەكتە

سە سېنتەبىر 14 , 2021
خىتاي ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى تۇغقانلىرى بىلەن نازارەت ئاستىدا كۆرۈشتۈرۈش قەدىمىنى كۈچەيتمەكتە

You May Like