گۇمانخور ئادەملەرگە ئۆزىڭىزنى قانچە چۈشەندۈرسىڭىزمۇ بىكار

گۇمانخور ئادەملەرگە ئۆزىڭىزنى قانچە چۈشەندۈرسىڭىزمۇ بىكار

بىر ئادەمنىڭ باشقىلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ئەمەلىيەتتە شۇ كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ پىسخىك ھالىتىنى چىنلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرگەن بولىدۇ. مەسىلەن، باشقىلارغا ئاسانلا ئىشىنىپ كېتىدىغان ئادەملەر ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ قارىشىچە بەلكىم ئەخمەق دەپ قارىلىشى مۇمكىن، لېكىن ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتىدىن ئايان بولۇشىچە، ئەقىللىق ئادەملەر باشقىلارغا تېخىمۇ ئاسان ئىشىنىدىكەن. چۈنكى ئەقىللىك ئادەملەر پىكىر يۈرگۈزۈشكە، باشقىلارنى كۆزىتىشكە ماھىر بولۇپ، ھەرىكەت مۇددىئاسى، تەقى-تۇرقى، پوزىتسىيەسى ۋە چىرايىدا ئەكس ئەتكەن شۇنچىكى ئۆزگىرىشلەرنىمۇ ئىنچىكە كۆزىتىپ، بۇ ئوبيېكت ئۈستىدە توغرا ھۆكۈم چىقىرالايدىكەن. شۇڭلاشقا باشقىلار ئىشىنىشكە جۈرئەت قىلىش بولسا ئەمەلىيەتتە ئۆزىگە بولغان بىر خىل ئىشەنچ ئىكەن. مەن سىزگە پۇل بېرىمەن، ماڭا نەرسە بېرىسىز، بۇ ماددىي جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، مەن سىزگە ئىشىنىمەن، سىز ماڭا ئىشىنىسىز، بۇ ھېسسىيات جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش. كېيىنكىسىنىڭ دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى. ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى كەمچىل ئادەم قارشى تەرەپنىڭ ھېسسىياتىنى ئانچە قەدىرلەپ كەتمەيدۇ، شۇڭا باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمەيدۇ، ئەمما مەسىلىنىڭ ئۆزىدە ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيدۇ. ئىشەنچ بىر خىل ئىقتىدار، شۇنداقلا ئۆز-ئۆزىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، خۇددى سودىگەرلەرنىڭ ئۆزىنىڭ تاۋارىغا بولغان تولۇپ تاشقان ئىشەنچىسى بىلەن ئوخشاش. باشقىلارغا ئىشىنىش ئەقىلنىڭ نەتىجىسى، كۆپ ھاللاردا بىر ئادەمنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى ئۆلچەشنىڭ ئۆلچىمى. ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتنى مۇقىم ساقلاپ قېلىش تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا ئۆز ئارا ئىشىنىشكە باغلىق. لېكىن ئىشەنچ دېگەنلىك ئاسانلا ئىشىنىپ كېتىش دېگەنلىك ئەمەس، ئىشەنچ مەلۇم دائىرە شۇنداقلا مۇناسىپ ئاساسقا ئىگە بولىدۇ، بولمىسا مەسئۇلىيەتسىزلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىشەنچ بولسا دوستىغا بېرىلگەن ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك سوۋغات، باشقىلارغا قىلىنغان ئەڭ ئالىي ئىززەت-ئېكرام بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىشەنچسىز ئادەملەر دائىم باشقىلارنىڭ ئىشەنچ دەرىجىسىنى ئۆزىنىڭ تەجرىبىسى ئارقىلىق ئۆلچەيدۇ، نەتىجىدە باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمەيدۇ، يەككە-يېگانە قالىدۇ، ئۇنداقلار تېخى ئۆزىنى ئەقىللىق دەپ قارايدۇ. سىزگە ئىشەنمەيدىغان ئادەملەرگە ئۆزىڭىزنى بەك كۆپ چۈشەندۈرۈپ كەتمەڭ، گۇمانخور ئادەملەرگە نىسبەتەن مەيلى سىز ئۆزىڭىزنى قانچىلىك سەمىمىي چۈشەندۈرۈپ ئۆتسىڭىزمۇ ئاساسىي جەھەتتىن پايدىسى يوق. بەلكىم سىز يەنە باشقىلارنىڭ گۇمانىنى قوزغىشىڭىز مۇمكىن، لېكىن بۇ خىلدىكى كىشىلەر بىزنىڭ ئىشەنچلىك ئادەم بولۇشىمىزغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئاياللار 35 ياشتىن ئاشقاندا بۇ بەش خىل ئادەتنى تاشلاش كېرەك

پە ئاپرېل 26 , 2018
1. پىخسىقلىقنى تاشلاش: پىخسىقلىقنى تاشلىغاندىلا ئاياللار ئاندىن قەلبىدىكى باياشاتلىققا ئېرىشەلەيدۇ. 35 ياشقا كىرگەندە سىز مەيلى ئېرىڭىز ياكى بالىڭىزغا نىسبەتەن بىر سالاپەتلىك ئايالنىڭ لازىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز، بۇ سالاپەت سىزنىڭ مىجەز خۇلقىڭىز ۋە قىياپىتىڭىزدە ئىپادىلىنىدۇ، چىرايلىق بولۇشىڭىز شەرت ئەمەس، لېكىن چوقۇم تەربىيە كۆرگەن بولۇشىڭىز كېرەك، بۇ سىزنى ھۆرمەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. پىخسىقلىقنى تاشلاش […]

You May Like