گۈلشەن ئابباسنىڭ قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئاخبارات يىغىنى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى مەمۇرىي كومىتېتى 30- دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر زىيالىسى دوكتۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي كومىتېتى دوكتۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ 20 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، ئ‍ۇيغۇرىئان
30- دېكابىر، ۋاشنگىتون

 

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى مەمۇرىي كومىتېتى 30- دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر زىيالىسى دوكتۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

 

        مەزكۇر يىغىننى دۆلەت مەجلىسى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى بىللە پىلانلىغان بولۇپ، يىغىنغا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى، دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى كىرىس ماككاۋىرىن رىياسەتچىلىك قىلدى. دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى كىستوف سمىس، ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سابىق باش ئەلچىسى كەللى كاررى خانىم، دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى توم سۇئازى، ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى كومسسارى، ئادۋۇكات نۇرى تۇركەل ئەپەندىم، ئۇيغۇرلار ھەرىكىتى تەشكىلاتى قۇرغۇچىسى ۋە دىرېكتورى، دوكتۇر گۈلشەن ئابباس خانىمنىڭ سىڭلىسى روشەن ئابباس خانىم، قىزى زىبا قاتارلىقلار مۇھىم سۆز قىلدى.

 

        سۆزلىگۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقانداق گۇناھى بولمىغان، ئالىي مەلۇماتلىق ئۇيغۇر زىيالىسى دوكتۇر گۈلشەن ئابباسنى 20 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى چۆرىدىگەن ھالدا، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلدى. گۈلشەن ئابباسنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرى، خاراكتېرى، قىلغان خىزمەتلىرى تونۇشتۇرۇلۇپ، خىتاينىڭ ھېچقانداق گۇناھى يوق مىڭلىغان زىيالىيلار ۋە مىلىيونلىغان ئۇيغۇر خەلقىنى ئەركىنلىك ۋە ئەقەللىي ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلغانلىقىنى پاش قىلدى.

 

        خىتاي كومپارتىيسنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېزرەك ۋە كەسكىن تەدبىر قوللىنىشى لازىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

 

        روشەن ئابباس خانىم ۋە زىبا گۈلشەن ئابباس خانىمنىڭ ھۆرلۈككە ئېرىشىشى ئۈچۈن قەتئىي ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى، بۇ كۆرەشلەرگە ھەمدەمدە بولغان بارلىق زاتلارغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقنى بىلدۈردى.

 

        يىغىن ئاخىرىدىكى سوئال-جاۋاب باسقۇچىغا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئالاقە مەسئۇلى جۇلى مىسلاپ رىياسەتچىلىك قىلدى. قاتناشقۇچى ئەمەلدارلار مۇخبىرلار ۋە ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە نۇرغۇن قىممەتلىك سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

 

        نۇرى تۇركەل ئەپەندى كۆچمەنلىك مەسىلىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىدىيالارغا سۆزلىشىنىڭ ئەھمىيتى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

 

        دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى توم سۇئازى كىشىلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە داۋاملىق خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈردى.

 

        كىرستوف سمس ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش قانۇنى ھەققىدە سۆزلىدى.

 

        كەللى خانىم ب د ت دىكى ئۇيغۇر مەسلىسى ھەققىدىكى سۈكۈتنى ئەيىبلىدى ۋە ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن خەلقئارالىق ھەمكارلىق شەكىللەندۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە سۆز قىلدى.

 

        كۆپچىلىك ھازىرقى ھۆكۈمەت ۋە كەلگۈسى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا تۇتقان پوزىتسىيىسنىمۇ مۇزاكىرە قىلدى.

 

         يىغىندا سۆزلىگۈچىلەر ئۇيغۇرلار ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرىقى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

 

       بۇ يېقىندا ئىنتېرنېتتا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى يىغىنلار ئىچىدە قاتناشقۇچىلار ۋە مەزمۇن جەھەتتىن يۇقىرى دەرىجىلىك يىغىن بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسدىكى ھەر قايسى پارتىيە ۋەكىللىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسلىسگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يىغىن ئىككى سائەتكە يېقىن داۋام قىلدى، 100 گە يېقىن تاراتقۇ ۋەكىللىرى ۋە ئاڭلىغۇچى نەق مەيداندىن سۆھبەتكە قاتناشتى.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كونسۇلى ئالدىدىكى نامايىشى، ساقچىلارنىڭ توسقۇنلۇقى

چا دېكابىر 30 , 2020
22- دېكابىر تۈركىيەدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خىتاي لاگېر ۋە تۈرمىلىرىگە بىگۇناھ سولانغان نەچچە ئون ئۇيغۇر ياش خىتاينىڭ ئىستانبۇل كونسۇلى ئالدىغا توپلىشپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تۇتۇپ تۇرۇلغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ خەۋىرىنى بىلىشكە ئۇرۇنغان. ئېلان قىلىنغان ۋىدېئولاردىن قارىغاندا، تۈركىيە ساقچىلىرى كونسۇل جايلاشقان كوچا ئوتتۇرىسىغا توساق توسۇپ، بۇ ياشلارنىڭ خىتاي كونسۇلى ئالدىغا بېرىشىغا رۇخسەت قىلمىغان. ياشلار قوللىرىدا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆتۈرۋالغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان.

You May Like