ئاپتۇرى : ئابدۇرېھىم غېنى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018- يىلى 26- ئىيۇل
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
2019-01-02
[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]
ئۆزۈڭ يېمسەڭ غېمىڭنى، قاغا چوقۇر تېنىڭنى.
ھەركىم ئۆز ئاغرىقىنى سۆزلەيدۇ.
ئۇيغۇر خەلىق ماقال – تەمسىللىرىدىن
شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنىڭ كۈندىن- كۈنگە كۈچىيپ كېتىشى، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا- ئانسى ۋە ئۇرۇق- تۇققانلىرى بىلەن بولغان ئالاقسنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى قاتارلىق ئامىللار چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىغا سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە. مەنمۇ ئاشۇ يۈرىكى پۇچۇلانغان غەمكىنلەردىن بىرى. بۇلتۇر 5-ئايدىن باشلاپ ئاتا-ئانام ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرىمنىڭ ئىز- دېرىكىنى قىلىش ئۈچۈن ھەر خىل ئاماللارنى قىلىشقا تىرىشقان بولساممۇ، لېكىن باشقا نۇرغۇن ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا ئائىلەمدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىشقا ھىچقانداق ئىمكانىيەت تاپالمىدىم. بارلىق خۇشاللىقىمنى يوقىتىپ، بىر كۈنمۇ ئىچىمدىن چىقىرىپ كۈلۈپ باقمىدىم. تاماقنىمۇ كۆڭۈل خۇشلۇقى بىلەن ئەمەس، پەقەتلا ئاچ قېلىپ يىقىلىپ چۈشمەسلىك ئۈچۈن يەيدىغان بىر ھالەتكە كېلىپ قالدىم. بۇ پەقەت مەندىكى ئەھۋاللا ئەمەس، بارلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ ئوخشاش ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرىدۇ.
گوللاندىيەلىك تۇنۇشلىرىم ۋە خىزمەتداشلىرىمدىن ئاتا-ئانامنىڭ ئىزدىركىنى قىلىشنىڭ قانۇنلۇق يوللىرىنى سۈرۈشتۈرۈشكە باشلىدىم. ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، گوللاندىيە ھۈكۈمىتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىكىگە بۇ ھەقتە خەت يېزىش ئىدى. بىر ئەر كىشى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ مېنىڭ ۋەتىنىم ۋە ئائىلەم ئۈچۈن قىلغان كۈرىشىمنىڭ تۇنجى قەدىمى بولدى.
ئەمما خەت يېزىپ قويۇش بىلەنلا ھېچ ئىشنىڭ ھەل بولمايدىغانلىقى كۆڭلۈمگە ئايان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىز- دېرەكسىز بولغىنى يالغۇز مېنىڭلا ئاتا- ئانام ئەمەس ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمنىڭ ئاتا –ئانسىنىڭ مەسلىسىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا سېلىپ كېلىۋاتقان زۇلمىنى ئاشكارىلاش قارارىغا كەلدىم. بارلىق غەزىپىم ۋە ئازابىمنى مەنىۋى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئىزدىنىش ئارقىلىق تەپسىلىي پىلان ۋە لاھىيەلەرنى تۈزدۈم.
ئېنتېرنېتتىن مۇناسىۋەتلىك قائىدە- مىزانلار ھەققىدە ئىزدىنىش جەريانىدا، 6-ئاينىڭ28 ،27 ،26-كۈنلىرى ۋە 7-ئاينىڭ 5-كۈنى گوللاندىيە پارلامنىت بىناسىدا مىنىستېرلار ۋە پارلامنت ئەزالىرىنىڭ يىغىنى بارلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. بۇ توغرا كەلگەن پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىك ئۈچۈن دەرھال يالغۇز كىشىلىك نامايىش رۇخسىتى ئېلىشقا ئىلتىماس سۇندۇم. ئىلتىماس تەستىقلانغۇچە نامايىشقا تەييارلىق خىزمىتىمنى بىر ياندىن ئېلىپ باردىم. جەمئىي بىر ئايغا يەتمىگەن ئىزدىنىش، پلان ۋە تەييارلىق ئىشلىرىدىن كېيىن، ئاخىرى گوللاندىيە پارلامنت بىناسىنىڭ كىرىش ئېغزىدا تۆت كۈنلۈك قانۇنلۇق نامايىشىمنى باشلىۋەتتىم.
گوللاندىيە پارلامىنىت بىناسى ئالدىدا يۇقىرىدا دېيىلگەن تۆت كۈندە، « ئاتا- ئانام قەيەردە؟ ئۆلدىمۇ؟ ھاياتمۇ؟ تۈرمىدىمۇ؟ يا جازا لاگىردىمۇ؟» دىگەندەك خەتلەر يېزىلغان، گوللاندىيەچە ۋە ئېنگىلىزچە قوش تىللىق ۋېۋىسكا بىلەن خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ بېرۋاتقان ئېتنىك قىرغىنچىلىقىغا بولغان قارشىلىقىمنى ئىپادىلىدىم. خىتايلارنىڭ قىرغىنچىلىقىنى تېخىمۇ جانلىق،ئوبرازلىق كۆرسىتش ئۈچۈن جازا لاگېرىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى ۋە دۇنيانىڭ داڭلىق ئاخبارات ۋاستىللىرىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرنى كۆرگەزمە قىلدىم. ئەمما نامايىشنى يۇقۇرى ئاۋازدا ۋاقىراش،غەزەبلىنىش،ئاچچىقلىنىش ئارقىلىق ئەمەس، تىنىچ يول، يەنى كۆرگەزمە ۋە دېئالوگ شەكلىى بىلەن قىلدىم.
نامايىش جەرياندا بەزى مىنىستېر، سىياسىي پارتىينىڭ باشلىقى ۋە پارلامنىت ئەزالىرى بىلەن كۈرۈشتۇم ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك تەشۋىق ۋاراقلىرىنى تارقاتتىم. نامايىشنىڭ 2- كۈنى ئويلىمىغان يەردىن مەلۇم بىر سىياسىي پارتىينىڭ باشلىقلىرى بىلەن تەپسىلى پاراڭلىشىش ئىمكانىيتىگە ئىگە بولدۇم. ئۇلاردىن بىرى « مەن ئەتىگەن،سەن بەرگەن ئۇيغۇرلارغا ئائىت تەشۋىقات ۋارىقىنى ئوقۇپ چىقتىم. ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەقىقەتەن كىشى چۈچۈگىدەك ئەھۋالدا ئىكەن»، دەپ ئۆز تەسىراتىنى سۆزلىگەندىن كېيىن، مەندىن گوللاندىيەدە قانچىلىك ئۇيغۇر بارلىقىنى سورىدى.
توغرىسىنى ئېيتقاندا گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى مەنمۇ ئېنىق بىلىپ كەتمەيتتىم. شۇڭا ئۇنىڭغا تەخمىنەن 2000 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشايدىغانلىقىنى ئېيتتىم. شۇنىڭ بىلەنلا سۆھبىتىمىز داۋاملىشىپ كەتتى.
– ھەمىمىسى ساڭا ئوخشاش ئاتا ئانسى بىلەن كۈرشەلمەيۋاتامدۇ؟- دەپ سورىدى ئۇ مەندىن.
– شۇنداق. چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىمىز ئوخشاش.
– ئەمىسە ئۇلار نېمىشقا ئاتا-ئانسىنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلىپ ساڭا ئوخشاش پىداكارلىق بىلەن ئوتتۇرغا چىقمايدۇ؟
– مەن يالغۇز كىشلىك نامايىش قىلىشنىڭ ئەۋزەلىگى ھەققىدە خېلى كۆپ ئىزدىنىپ يالغۇز كىشلىك نامايىش قىلىش ئۇسۇلىنى تاللىغان ئىدىم ، -دىدىم كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ. -كوللىكتىپ نامايىش قىلغاندا دۆلەتنىڭ مۇھىم سىياسى مەركىزى بولغان پارلامېنت بىناسىنىڭ كىرىش ئېغزىدا توپلىشىپ نامايىش قىلغىلى بولمايدۇ، پەقەت پارلامېنت بىناسىنىڭ ئارقا ،ياكى ئالدى تەرپىنىڭ سەل چەترەك يېرىدە2- 3 سائەت ئەتراپىدانامايىش قىلالايمىز. يالغۇز كىشلىك ،كۆرگەزمە شەكىللىك نامايىش قىلسام، بىرىنجىدىن پارلامنىت بىناسىنىڭ ئالدىدا، يەنى كىرىش ئېغزىدا تۇرۇپ تەشۋىق ۋاراقلىرىنى تارقىتىپ، مېنىستېرلارنىڭ ھەم پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ دېققىتىنى تارتالايدىكەنمەن . ئىككىنچىدىن، پۈتۈن كۈن تۇرالايدىكەنمەن. ئۇندىن باشقا سىلەردەك سىياسى ئەربابلار بىلەن مانا مۇشۇنىڭدەك كەڭ-كۇشادە پاراڭلىشىش ئىمكانىيتىمۇ چىقىپ قالدىكەن،- دىدىم كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ.
– سەن نىمە خىزمەت قىلسەن؟ -دەپ سوراپ قالدى يەنە بىر گالاستۈك تاقىغان ، قۇلدا سومكا تۇتۋالغان ياشتا سەل چوڭراق كەلگەن بىرئەرباب قىزقىش ئىلكىدە.
– مەن تۇپراق تەتىققات مەركىزنىڭ تۇپراق ئانالىزچىسى، دەپ جاۋاب بىرشىمگە،ھەر ئىككىسى تەڭلا كۈلشىپ كەتتى-دە سىنىڭ بۇ قەدەر ئىنىچكە ھەم ئەتراپلىق ئىش ئورۇنلاشتۇرشىڭ ئەسلىدە سىنىڭ كەسپى خىزمىتىڭ بىلەن باغلىنىشلىقكەن – دە. ئىشلىرىڭغا ئوتۇق تىلەيمەن يىگىت، ھەرگىز مەيۈسلەنمە،ئۈمىدۋار بول، -دەپ ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈردى. غەرىپ دۇنياسىدىكى كىشىلەر كىچىك ئىشلارنىمۇ ئەستايىدىل ۋە مەسئۇليەتچان بولغاچقا، ئۇلارغا بىرەر ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن سەمىمىيەت ۋە ئەستايىدىللىق كېرەك. شۇڭا بۇ قېتىم مەن ئۆزۈمنى خېلى ئەستايىدىل بولدۇم، دەپ ئويلايتتىم. ئويلمغان يەردىن، پاراڭلىشىش جەريانىدا، بۇ ئەرباپنىڭ ماڭا قىلغان بىر سۆزى ماڭا تېخىمۇ ئەستايىدىل بولۇشنى ئۆگەتتى. ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: « يىگىت، يارايسەن. لېكىن مۇنداق بىر ئىشنى چالا ئويلاپ قالغاندەك قىلىسەن. ئاتا-ئانام نەدە؟ دىگەن بۇ لوزىنكىغا ئەڭ ياخشىسى ئاتا-ئاناڭنىڭ ۋە ئورۇق تۇققانلىرىڭنىڭ رەسمىنى چاپلاپ كوتۈرۈپ تۇرساڭ تېخمۇ كۆپ كىشلەرنىڭ، ئاخبارات ۋاستىلرىنىڭ دېققىتىنى تارتىسەن. تەشۋىقاتنى قانداق قىلىش، باشقىلارنىڭ دېققىتىنى تارتىشتا پاكىت ھەممىدىن مۇھىم.»
ئۇنىڭ سەمىمى تەكلىپىگە قايىللىقىمدىن مەن تېخىمۇ ئىچكىرلەپ سوئال سوراشقا باشلىدىم.
– سىزچە قىلۋاتقان ئىشلىرىمنىڭ قانچىلىك ئۈنۈمى بولار؟ قانۇنىي يوللار ئارقىلىق ئاتا-ئانامنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشنىڭ يەنە قانداق يوللىرى بار؟
– سەن ئۆزۈڭنىڭ نامىدا گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مېنىستىرلىقىغا ئاتا-ئاناڭنىڭ، ئۇرۇغ- تۇققانلىرىڭنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلساڭ، ئالتە ھەپتە ئىچىدە ساڭا جاۋاب بېرىدۇ.- دېدى جاۋابەن.
مەن ئاران كەلگەن پۇرسەتتە كاللامغا ئۇلىنىپلا كەلگەن بىر سوئالنى سورىدىم:
– چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قۇرغان جازا لاگىرىنى تاقىتىش ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلشىمىز كېرەك؟
بۇ ئىككەيلەن تەڭلا ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ، كەسكىن قىياپەتتە مۇنداق دىدى: – دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى ئۇيغۇرلار ساڭا ئوخشاش ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىدا، خەلق مەيدانلىرىدا تىنىچ شەكىلدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن رەسىملەرنى، خەۋەرلەرنى كۆرگەزمە قىلسا ھەم بۇنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرسا يەرلىك خەلىقلەرنىڭ ھسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ خىتايغا بولغان غەزپىنى قوزغىيالايسىلە. دېمكۇراتىك دۆلەتلەردە خەلىق رايى بەك مۇھىم. ئەتگەن قۇلۇڭدىكى ئاتا-ئانام قەيەردە؟ دىگەن لوزىنكا مېنىڭ دىققىتىمنى تارتتى، بۈگۈنكىدەك ئىنتېرىنېت دەۋرىدىمۇ ئۈزنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن نورمال ئالاقە قىلالماسلىق بىر ئىنساننىڭ ئەقلى قۇبۇل قىلالمايدىغان ئىش. سىنىڭ قۇلۇڭدىكى تەشۋىق ۋاراقلىرىنى ئۇقۇپ ساڭا بولغان ھىسداشلىقىم قوزغالدى. تەشۋىقاتىڭدىكى پاكىتلىق ئىسپاتلار بىلەن مېنىڭ ھېسداشلىقىمنى قولغا كەلتۈرگەندەك يەنە نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ ھىسداشلىقىنى قوزغايسىلەر،ھەتتا خەلىقلەرنىڭ غەزەپ –نەپىرتى بىلەن خىتاي ماللىرىنى سېتىۋالماسلىقتەك ئەملىي ھەركەتكىمۇ كەلتۈرگىلى ،ھەتتا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ ۋە بارا-بارا مۇشۇ دۆلەتتكى قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بۇ مەسلە پارلامېنتتا كۈنتەرتىپكە قويۇلىدۇ. رەسمىي مەسىلە سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىپ، پارلامېنت ئەزالىرى جىددى قارايدىغان مەسىلىگە ئايلىنىدۇ. پارلامېنىتتىن شۇ دۆلەت ھۈكۈمىتىگە بۇ ئىشقا قارىتا بىرەر تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلىپ يازما دوكىلات سۇنۇلىدۇ. شۇڭا دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى ئويغۇرلار ساڭا ئوخشاش قىلسا ھەم ئۇنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرالىسا، خىتاي سىرتقى دۇنيانىڭ بېسىمىدىن قورقۇپ بولسىمۇ جازا لاگىرلىرىنى تاقاشقا مەجبۇر بولدۇ. ئەمما بۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنىڭ كونكېرت ۋاقتى ھەققىدە بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ. بۇ ئىزچىللىق، پىداكارلىق ۋە ئەستايىدىللىق تەلەپ قىلىدىغان ئىش دەپ مېنى خېلى كۆپ سىياسىي ساۋاتلارغا ئىگە قىلىپ قويدى.
ئۇنىڭ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشلىرىدىن، يۈرىكىم خۇددى شەرقى تۈركىستاندىكى جازا لاگىرلىرىنى تاقىتىپ، بۇ لاگىرلاردا بىگۇناھ يېتىۋاتقان خەلقىمىزنى قۇتۇلدۇرۇشنىڭ رېتىسپىنى تېپىۋالغاندەك خۇشلۇققا تولدى. گەرچە باشقا ئىرق، باشقا دىندىن بولساقمۇ، مەندەك بىر پۇقراغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىنسانىي ساپ نىيەت بىلەن يول كۆرسەتكىنى ئۈچۈن،بۇ خەلق ۋەكىللىرگە قاراپ كۆزلىرىمگە ئىختىيارسىز ياش كەلدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىپ خوشلاشتىم.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيتىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ناچارلىشىپ كېتۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا ئاشكارىلىنىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزنىڭ ئاتا-ئانسى ۋە ئورۇق-تۇققانلىرى ھەققىدىكى ئەندىشسىنى كۈنسېرى كۈچەيتمەكتە. ئەپسۇس، ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پۇت- قولى چەمبەرچاس باغلانغان بۈگۈنكىدەك شارائىت ئاستىدا، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى ھازىر:« دېققىتىمنى قانداق قىلسام ۋەتەندىكى قان- قىرىنداشلىرىمنى خىتايلارنىڭ جازا لاگېردىن بالدۇرراق قۇتقۇزۇشقا مەركەزلەشتۈرەلەيمەن» دېيىشنىڭ ئورنىغا شەخسىي ئاداۋەتلىرىنى ئوپچە سورۇنغا سۆرەپ چىقىپ، گۇرۇپ توپلاپ، بىر- بىرى بىلەن تالىشىپ يۈرمەكتە. بۇ توغرىدا ھىچ توختالغۇم يوق. مېنىڭ قېرىنداشلىرىمغا ئېيتماقچى بولغان يۈرەك سۆزۈم شۇكى، ھەممىمىز ئۆز ئىمكانىيتىمىزنىڭ يېتىشچە، ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە ھەر خىل شەكىلدىكى تىنىچلىق نامايىشلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىساق ، ھەمدە ئۈزىمىزنىڭ قىسمىتىگە مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللار بىلەن ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنى پاكىت بىلەن تەمىنلىسەك ، ئۆز ئارا قىلىشقان جەڭگى- جېدىلىمىزدىن پايدىسى كۆپ بولۇدۇ. ئەپسۇس مۇھاجىرەتىكىلەرنىڭ ھېچ ئىش يۈز بەرمىگەندەك تۇرۇۋېلىشى، ئۆز كۈلپەتلىرىنى مىللەتنىڭ قىسمىتى بىلەن باغلاپ، ئۆز- ئارا ھەمكارلىشىپ بىر ئىش قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلەپ چىقماسلىقى ھازىرقى ۋەزىيىتىمىزنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۇۋەتمەكتە.
ئاتا – ئانىمىزنى، ئورۇق – تۇققانلىرىمىزنى جازا لاگىرلىرىغا، تۈرمىلەرگە سولاپ، ئاچا-سىڭىللىرىمىزنىڭ نۇمۇسىغا تېگىپ، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قېنىنى ئىچىۋاتسا، ئاشكارا ئورگان سودىسى قىلىپ، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى سېتىۋاتسا، ئاتا ئانىلىرىمىزنى ئۆلتۈرۈپ جەسەتلىرىنى تارىخىمىزدا كۆرۈلمىگەن ۋەھشىيانە ئۇسۇلدا كۆيدۈرۈۋاتسا، ھەتتا ئاللاھ ياراتقان ئانا تىلىمىزدا سۆزلىگەنلەرنى سوتسىز سولاققا قاماۋاتسا، بۇ ئىشلارنى ئاچچىقىمىزدا تورلاردىلا يېزىپ، ئۆزىمىزگە ئوخشاش يۈرىكى زېدە بۇلغان ئۇيغۇرلارغىلا ئاڭلىتىش بىلەن چەكلىنىپ قېلىۋاتىمىز. ھەممىلا كىشى دەرت، ھەسرەت، ئازاپ كۈلپەتتە تولغىنىپ، يۈرىكى قان بولۇپ كەتتى. ئەمما بۇ ئەھۋالغا خاتىمە بېرىش، خاتىمە بېرەلمىسىمۇ قولىدىن كېلىدىغىنىنى قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈدىغانلارنىڭ سانى بەكلا ئاز.
بىز نېمە ئۈچۈن ئۆز ئاتا-ئانىمىزنىڭ، ئۇرۇق-تۇققانلىرىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇمنى ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ ھەق سۆيەر خەلقلىرىگە، مېنىستىرلارغا، پارلامېنت ئەزالىرىغا، ئاۋام پۇقرالىرىغا ئاڭلىتىپ ئۇلارنىڭ ھېچ بولمىسا بىزنى ھەقىقىي تونۇش پۇرسىتگە ئىگە قىلمايمىز؟ ئۇلار ئاۋال بىزنى بىلسە، ئاندىن بېشىمىزدىكى بۇ قەدەر ئېغىر قىسمەتلەرگە ھېسداشلىق قىلماسمۇ؟! ھەم، بۇ ئىشنى قىلىشقا بىزگە ئەركىن دۇنيادا ھېچقانداق توسالغۇ يوققۇ؟بىزنى توسۇۋاتقىنى زادى قانداق كۈچ؟ بۇ سوئالغا بەلكى نۇرغۇن قېرىنداشلار:« ئەگەر بىز پاكىت بىلەن تەمىنلىسەك ياكى ئوچۇق- ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقساق، ئائىلىمىزدىن ھېچكىشى قالمايدۇ، ئۇرۇغ- تۇققانلىرىمىزنى پۈتۈنلەي سولىۋېتىدۇ»، دېيىشى مۇمكىن.
ۋەتەندە تۇرمىلارغا،جازا لاگىرىغا سۇلانمىغان يەنە قانچىلىك ئۇيغۇر قالدى؟ بۇرۇنغۇ:« مېنىڭ بېشىمغا كەلمىگەن ئىدى»، دەپ پەرۋا قىلماي يۈرەتتۇق، ئەمما ھازىرچۇ؟ خىتاي ئۈزىگە سادىق ئىشلەۋاتقانلىرىنىمۇ ئىككى يۈزلۈمچى، ئىدىيسىدە مەسلە بار،پۇزىتسىيەسى ئېنىق بولمىدى ،دىگەندەك ھەرخىل بەتناملەر بىلەن تۇتۇپ سۇلاۋاتدۇ. يەنە بېشىمىزنى ئىچىمىزگە تىقۋېلىپ قورقۇپ ياشساق، نۆۋەت بىزگىمۇ كىلدۇ، چۈنكى خىتاي ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ بىر تەرەپ قىلمىز دەپ شەپە چىقىرۋاتدۇ. بىز ھەركەتكە كەلسەك خىتاي بىزدىن قورقىدۇ، ھە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ھەركەتكە كەلدى، ئۈزى ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ قانۇنى ئارقىلىق ئۈزىنى ۋە ۋەتەندىكى ئورۇق- تۇققانلىرىنى قوغداشنى بىلۋالدى، ئەگەر چەتئەل ھۈكۈمتى بىزگە ئۆز دۆلىتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورۇق-تۇققانلىرىنىڭ ئىزدىركىنى قىلىپ، ئالاقە قىلسا،بىز ئۇلارغا چۇقۇم جاۋاب بىرشىمىز كېرەك، شۇنچە كۆپ ئۇيغۇرنىڭ ئورۇق-تۇققانلىرىنىڭ ئىزدىركىنى بىز قانداق بىرىمىز؟ ناۋادا بۇنىڭغا ئېنىق جاۋاب بەرمىسەك خەلىقئاراغا نىمە دەيمىز،دەپ نۇرغۇن ئىشلارنى داۋاملىق قىلىشتىن توختاپ قالدۇ. داۋاگەر مۇتھەم بولسا قازى سۇس كەپتۇ دىگەندەك. ۋەتەننىڭ ئىچىدە ياشاش بىلەن تېشىدا ياشاشنىڭ پەرقى نىمە؟ بۇ خىل قورقۇمسىراش قاچانغىچە داۋاملىشىدۇ؟ ئەجدادلىرىمىز قورققاچقا بىزنىڭ بېشىمىزغا مۇشۇ كۈنلەر كەلمىدىمۇ؟ ئەركىن دۆلەتلەردە ياشاپمۇ جان كەتمەيدىغان، پەقەت پىداكارلىق تەلەپ قىلدىغان بەدەل تۆلەشكە نىمىشقا جۈرئەت قىلالمايمىز؟ بۇ زۇلۇم مۇشۇنداق داۋاملىشىۋېرەمدۇ؟بىز مۇشۇنداق ھەممىنى باشقىلاردىن كۈتۈپ ياشاۋېرەمدۇق؟ بىزنىڭ كۈرىشىمىز جان بېقىش، قورساق تويغۇزۇش كۈرىشىمۇ؟ بىز ئەركىنلىكنىڭ بىر ئىنساننىڭ ھەقىقىي كۈرىشى ئىكەنلىكىنى زادى قاچان تونۇپ، زادى قاچان ئوپچە ھەرىكەتكە ئۆتىمىز؟
بۇ سوئاللارنى گەرچە ھەر ئويلانغىنىمدا ئۈزەممۇ ئېنىق جاۋاپ بېرەلمىسەممۇ، مەن يەنىلا دۇنيانىڭ ھەر بۇلۇڭ پۇشقىقىدا مەندەك ئويلايدىغان يەنە نەچچە يۈزلگەن،ھەتتا نەچچە ئونمىڭلىغان كىشى بارلىقىغا چەكسىز ئىسنىمەن. بىزنىڭ ئەڭ چوڭ قورالىمىز، بىزنىڭ قىلىۋاتقىنىمىزنىڭ ھەققانىيەت،ئادالەت ئىكەنلىكىدە. ئەگەر بىزدە تۇلۇپ-تاشقان مىللىي غۇرۇر،پۈتمەس-تۈگمەس روھىي جاسارەت ،ئەركىنلىككە ھۆرلۈككە بولغان ئىشەنچ، تىز پۈكمەس مىللىي ئىرادە ۋە بەدەل تۈلەش روھى بولسا، ھەققانىيەت ئادالەت ھەرقاچان مەزلۇملار تەرەپتە بولۇدۇ. ھەي ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىپ، ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان جايلارنىڭ قانۇنلىرىدىن پايدىلىنىپ، شۇلارنىڭ قانۇنىغا ئەمەل قىلغان ئاساستا ئۆز ھوقۇقىمىزنى ئىزدەشنى داۋام قىلساق، ھامان غەلبە قىلىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن. مەن بىر ئىنساننىڭ ئۆزىنى ئۆزگەرتكىنىدە، شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق داۋاسىنىڭمۇ ئۆزگىرىدىغىنىغا ئىشىنىمەن. بولۇپمۇ مۇسۇلمان بىر كىشى ئۈچۈن ئۆز ھالىنى ئۆزگەرتىش، ياخشىلاش پەرز. تاماخورلۇق بولسا ئاللاھ ياخشى كۆرمەيدىغان، پەيغەمبىرىمىزمۇ توسقان بىر ئىش. بىز ئەمدى باشقىلاردىن تاما كۈتۈپ ئولتۇرۇشنى تاشلاپ، ئۆزىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىز كۈرەش قىلىدىغان باسقۇچقا كېلىدىغان يەردە. بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى ئەشەددى كاپىر، دىنسىز دوۋزاخ ئەھلىي ،دەپ تەرىپلىندىغان فالۇنگوڭچىلار جېنىدا پىژ-پىژ ئاپتاپتا تىزىلنىپ ئولتۇرۇپ، ئەتگەندىن-كەچكىچە تۈرمىدىكى قېرىنداشلىرى ئۈچۈن ئەركىنلىك داۋاسى قىلماقتا. ئۇلارنىڭ ھەركىتى بىر كۈنمۇ توختاپ قالغىنى يوق. ئەمما بىز ئۈزىمىزنى تەقۋا مۇسۇلمان چاغلاپ، ئاللاھتىن باشسىقىسدىن قورقۇش مۇقەددەس دىنىمىزدىكى شىرىكلىككە ئاپىردۇ،ئاللاھ دىللاردىكى سىرلارنى بىلىپ تۇردۇ ،دەپ ۋەز- نەسھەت قىلمىز-يۇ، لىكىن ئۈزىمىزنىڭ كىمدىن قورقۇپ ھەققانىيەت، ئادالەت ئۈچۈن،تۇرمىدىكى بىگۇناھ يېتىۋاتقان ئورۇق-تۇققانلىرىمىز، ئىپپىتى دەپسەندە قىلنىۋاتقان ئاچا-سىڭىللىرىمىز ئۈچۈن ھەركەتكە ئۆتەلمەيۋاتقانلىقىمىزنى ھىس قىلمايۋاتمىز، بىز ھىس قىلالمىغاننى ئاللاھ بىلمەسما؟ قورقۇشقا تىگىشلىك ئاللاھتىن قورۇقماي، روھىيتىمىزدىكى مەغلۇبىيەتچىلىكتىن قورقساق، بۇ شىرىكچىلىككە ئېلىپ بارماسما؟
ئۇرۇغ- تۇققانلىرىنىڭ تۇتۇلۇشىدىن ئەنسىرەۋاتقان قېرىنداشلار شۇنى بىلىشى كېرەككى، ئاللاھ پەرز قىلغان بۇ ھەق يولدا، زۇلۇمغا قارشى ھەرىكەتتە، ئەگەر قېرىنداشلىرىمىز زىيانغا ئۇچرىسا ئاللاھ ئۇلارنى چەكسىز مۇكاپاتلار بىلەن تولۇقلايدۇ. ئۇلارنىڭ چەككەن جاپايى ھەرگىزمۇ بېكارغا كەتمەيدۇ. لىكىن بىز قۇرقۇپ بېشىمىزنى ئىچىمىزگە تىقۋالساقچۇ؟ ئۇ چاغدا….؟؟؟
مەن ھېچقاچان ئۈمىدسىزلەنمىدىم. ئازاپلىرىم چېكىگە يەتكەن پەيتلەردىمۇ دۇنيانىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدا مەن بىلەن بىر نىيەتتىكى قېرىنداشلىرىم بار، ۋاقتى كەلگەندە ۋەتىنى ئۈچۈن تەڭ ئوتتۇرىغا چۈشەلەيدىغان ئەزىمەتلەر ۋە ئۇلارنى قوللايدىغان ئاي يۈزلۈك قىز ئاياللىرىمىز بار ،دەپ كۆڭلۈم توق ياشاۋاتىمەن. مانا بۇ مېنىڭ بىردىنبىر روھىي تەسەللىلىرىم.
شۇ سەۋەبتىن مەن باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئىشنى ئۆزىدىن باشلاپ ،ئاتا-ئانىسىنىڭ، ئۇرۇغ- تۇققانلىرىنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلىپ، ئۈزنىڭ قىسمىتىنى مىللەتنىڭ قىسمىتى بىلەن باغلاپ، ئۆزىنىڭ داۋاسىنى مىللىي مۇستەقىللىق داۋاسى بىلەن بىرلەشتۈرسىكەن ، دېگەن ئۈمىدتىمەن. كېلىڭلار قېرىنداشلىرىم، بىرلىكتە ئۆز ئانا- ئانىمىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلايلى. ئايىغىدا جەننەتنىڭ سۇلىرى ئاقىدىغان ئانىلىرىمىز كاپىرلارنىڭ ئاياغ ئاستىدا قىينىلىپ، خانىۋەيرانلىق ئىچىدە ياشاۋەرمىسۇن. بىز ئۇلارغا قولىمىزدىن كېلىدىغاننى قىلايلى. مەن بۇ جەرياندا ئىگىلىگەن تەجرىبىلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشقا، نامايىش جەريانىدا سىلەرگە قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىشكە ھەرزامان تەييارمەن. سىلەرنى ئۆز نامىمدىن تىنچ شەكىلدە، ئاتا- ئاناڭلارنىڭ سورىقىنى ۋە ئىز- دېرىكىنى قىلىشقا چاقىرىمەن.
يازمامنىڭ ئاخىرىدا، بىزگە نەچچە يىللار بۇرۇن يېزىپ قالدۇرۇلغان، ئەمما ھېلىغىچە مەنىۋە ئويغىتىش كۈچىنى يوقاتمىغان مىللەتپەرۋەر شائىرىمىز ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ <<ئۇيغان>> ناملىق شىئېرىنىڭ تۈۋەندىكى مىسرالىرىنى سوغا قىلىمەن . بۇ شېئىر قەلبنى ھاياجانغا سېلىپ، كۆزلىرىمنى ئىسسىق ياشلارغا تولدۇردى.
ئويغان
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
ھەي پېقىر ئۇيغۇر ئويغان، ئۇيقۇڭ يېتەر،
سەندە مال يوق، ئەمدى كەتسە جان كېتەر،
بۇ ئۆلۈمدىن ئۆزۈڭنى قۇتقازمىساڭ،
ئاھ سېنىڭ ھالىڭ خەتەر، ھالىڭ خەتەر.
ھېلىمۇ جانسىزغا ئوخشايدۇ تېنىڭ،
شۇڭا يوقمۇ ئانچە ئۆلۈمدىن غېمىڭ؟
چاقىرسام قىمىرلىمايلا ياتسەن،
ئويغانماي ئۆلمەكچىمۇ سەن شۇ پېتىڭ؟
2018.07.26
گوللاندېيە