گوللاندىيەدە تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر كۈن 

9-ئىيۇن يەكشەنبە، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلار ئۇزاقتىن بۇيان تەييارلىق كۆرۈلگەن «ئەھمىيەتلىك بىر كۈن» پائالىيىتىنى تولىمۇ كۆڭۈللۈك ھالدا تاماملىدى.

 

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

تەييارلىغۇچى: ئەردەم 

2019–6-10

 

9-ئىيۇن يەكشەنبە، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلار ئۇزاقتىن بۇيان تەييارلىق  كۆرۈلگەن  «ئەھمىيەتلىك بىر كۈن» پائالىيىتىنى تولىمۇ كۆڭۈللۈك ھالدا تاماملىدى. 

«ئەھمىيەتلىك بىر كۈن» پائالىيىتى چوڭ تىپتىكى كۆڭۈل ئىچىش پائالىيەتلىرى بىلەن بالىلار ۋە ياشلارغا ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ سىھرى كۈچىنى ھىس قىلدۇرۇش مەقسەت قىلىنغان پائالىيەتتۇر.  پائالىيىتىگە 3-ئايدىن باشلاپ تەييارلىق خىزمەت باشلانغان بولۇپ، 3 ئايدىن بىرى ئاۋازغا قويۇش، تىزىملاش، ئىئانە يىغىش، مەيدان ھازىرلاش، تەشۋىقات، ئويۇن تەييارلاش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى  گوللاندىيەدىكى ئاۋانگارت ياشلاردىن تەشكىللەنگەن «ياشا ئۇيغۇر تەشكىلاتى» بىر قوللۇق تاماملىغان. پائالىيەت زەيىست شەھرىدىكى بىر تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 150 ئەتراپىدا جامائەت كەلدى. چوڭ زال ئىچىگە كىرىش بىلەنلا ھەممەيلەن ئۆزلىكىدىن ئۆزى ياقتۇرغان ئويۇنلارنى ئويناشقا كىرىشىپ كەتتى. پۇتبۇل، ۋالىبول، ۋاسكىتبول، پەيتوپ، تىك-تاك توپ، شاھمات، رەسىم سىزىش، قەغەز قاتلاش ئويۇنلىرى ھەر تەرەپتە قىززىپ كەتتى. بالىلار كۆندۈرۈلگەن ئاق شاتۇت بىلەن نەس-بەستە رەسىمگە چۈشۈپ، شاتۇتقا چۈچۈك بالىلار تىلىدا ئۇيغۇرچە سۆز ئۈگەتتى. 

 

چۈش سائەت 12 دە پائالىيەت رەسمىي  باشلاندى. ياشلار ۋەكىلى ئىلشات ئەڭ ئاۋال قىسقىچە مۇقەددىمە سۆز قىلغاندىن كىيىن، ئايرىم-ئايرىم گۇرۇپپىلار بويىچە قوشۇقتا شاكال توپ توشۇش، ئارقان تارتىش، كاھوت زىھىن سىناش، پەيتوپ، پۇتبۇل مۇسابىقىلىرى ئۇيۇشتۇرۇلدى. ھەممەيلەن شۇقەدەر شاد-خۇراملىققا چۆمگەن ئىدىكى، ئۇزاق مەزگىل غايىپ بولغان بايرام كەيپىياتى ئۇلارنىڭ چىرايىدا قايتا ئەكىس ئەتمەكتە ئىدى. پائالىيەت ئاخىرىدا تەشكىللىگۈچى ئورۇن «ياشا ئۇيغۇر تەشكىلاتى» يۈزلىگەن جامائەت ئالدىدا يىڭىدىن قۇرۇلغانلىقىنى رەسمىي ھالدا ئىلان قىلدى، ھەممەيلەن قىزغىن تەبرىكلىدى. 

  ئۇيغۇر ئاگىنتلىقىمىزدىن ئەردەم نەقمەيداندا «ئەھمىيەتلىك بىر كۈن» پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرغان «ياشا ئۇيغۇر تەشكىلاتى» ۋەكىلى ئىلشات ئىسلامنى زىيارەت قىلدى. 

ئىلشات:« ۋەتەن دەۋاسىدا ھەر ساھە، ھەر تەرەپتىن ئورتاق خىزمەت قىلىدىغان ئادەم بولمىسا بولمايدۇ. بىزگە سىياسىيونلارمۇ، پەننى – دىنىي زىيالىيلارمۇ، سەنئەتچىلەرمۇ، مائارىپ، ئاخبارات، تەتقىقات، تەشۋىقات خىزمەتلىرى قاتارلىق ھەر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قىلىدىغان ئادەملەر لازىم. شۇنىڭدەك، دىئاسپورادىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ قىرىنداشلىق مۇھەببىتىنى، مىللىي روھى، ۋەتەن سۆيگۈسىنى كۈچەيتىدىغان بىر بۆلۈك ياشلارمۇ لازىم. بىز گوللاندىيەدە ئىزچىل بۇ مەقسەتتە كۈچەپ كەلگەن، بۇ ئارزۇيىمىزنى سىجىل قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرۇش، يالغۇز گوللاندىيەدىلا ئەمەس، پۈتۈن ياۋروپا ھەتتا پۈتۈن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياش- ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا دوستلۇق، قىرىنداشلىق، ۋەتەنداشلىق رىشتىسىنى كۈچەيتىش، ۋەتەننىڭ كەلگۈسى پىدائىيلىرىنى ئويغۇتۇش بىزنىڭ ئاداققى نىشانىمىزدۇر» دىدى.

 

ئىگەللىنىشچە،  «ياشا ئۇيغۇر تەشكىلاتى» گوللاندىيەدە ئىزچىل پائال ھەرىكەت قىلىۋاتقان غوللۇق ياشلار يىڭىدىن قۇرغان تەشكىلات بولسىمۇ، ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھەم تۈرلۈك نامايىش، تەشۋىقات خىزمەتلىرى ۋە پۇتبۇل مۇسابىقىلىرىنى تەشكىللەپ، ياشلارنى ئۇيۇشتۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك خىزمەت قىلغان. «ئەھمىيەتلىك بىر كۈن» پائالىيىتىمۇ گوللاندىيەگە يىڭىدىن مۇساپىر بولۇپ كەلگەن ياشلار، يىتىلىۋاتقان ياش ئۆسمۈرلەرنى ياشلارغا خاس جۇشقۇنلۇق، بالىلارغا ماس ئويۇنلار بىلەن  كۆڭلىنى ئۇتۇپ، ئۇلارنىڭ مىھرىنى ئۇيغۇر جامائىتىگە باغلاشتۇر. «ياشا ئۇيغۇر تەشكىلاتى» ئۇيغۇرلارنىڭ گۈللەپ ياشنىشى ئۈچۈن بەرىكەتلىك خىزمەتلەردە بولۇشىغا تىلەكداشمىز! 

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ئۇيغۇر مەسلىسى 2020-يىللىق ئامېرىكا پىرزدىنتلىق سايلىمىدا ھەل قىلغۇچى تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى

دۈ ئىيۇن 10 , 2019
ئۇيغۇر مەسلىسى ئامېرىكىنىڭ 2020-يىللىق پىرىزدىنىتلىق سايلىمىدا دىموكراتلار پارتىيەسنىڭ كۇچلۇك نامزاتى، سابىق مۇئاۋىن پىرزدنىت جوۋ بايدىن بىلەن ھازىرقى پىرزدىنت، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتسينىڭ نامزاتى دونالد تىرامپنىڭ كىمنىڭ سايلىنىشغا تەسر كۆرستىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرىغا ئايلاندى.

You May Like