گوللاندىيەدە شەرقىي تۈركىستانلىقلار قاققان ئالتۇن قوزۇق

2019- يىلى 5- ئاينىڭ 10 –كۈنى ئۇلۇغ جۈمە كۈنى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن مۇبارەك بىر كۈن بولدى. گوللاندىيەگە جايلاشقان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى 6 يىلدىن بىرى بوشاشماي تىرىشىش نەتىجىسىدە، ئاخىرى خىزمەت بىناسى سېتىۋالدى. بۇ ئىشخانا بىناسى ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلار تىگىدىن سىتىۋالغان تۇنجى ئىشخانا بىناسى بولسا كىرەك.

 

 

 

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

ئۆز مۇخبىرىمىز ئەردەم خەۋىرى

2019- 5- 14 

 

2019- يىلى 5- ئاينىڭ 10 –كۈنى ئۇلۇغ جۈمە كۈنى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن مۇبارەك بىر كۈن بولدى. گوللاندىيەگە جايلاشقان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى 6 يىلدىن بىرى بوشاشماي تىرىشىش نەتىجىسىدە، ئاخىرى خىزمەت بىناسى سېتىۋالدى. بۇ ئىشخانا بىناسى ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلار تىگىدىن سىتىۋالغان تۇنجى ئىشخانا بىناسى بولسا كىرەك.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆز مۇخبىرىمىز ئەردەم ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى رەئىسى ئابدۇراھمان قارىم بىلەن تىلىفۇن زىيارىتى ئۆتكۈزدى.

 

2009- يىلى 7- ئاينىڭ 5- كۈنىدىكى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى چەتئەلدىكى جۈملىدىن گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق چۆچۈتتى. ئۇلار بۇ قىرغىنچىلىقتىن كىيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ تىزلەشتۈرىدىغانلىقى، چەتئەلدە بولسا ئازغىنە ئۇيغۇرلار يەرلىك مىللەتلەرگە ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ كىتىش خەۋىپىدە ياشاۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر ھىس قىلغان. نەتىجىدە گوللاندىيەدىكى ۋەتەنداشلارنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن شۇ يىلى 9- ئايدا «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى» زەيىست شەھرىدە رەسمىي قۇرۇلغان.

 

يىڭىدىن قۇرۇلغان بۇ مائارىپ جەمىيىتىنىڭ دەسلەپتە ھىچقانداق ئىشخانا بىناسى يوق بولۇپ، ۋەتەنداشلار بىلەن ھەر ئايدا سۆھبەتلىشىش، مەنپەئەتلىك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تۈركلەر، ماراكەشلىكلەر ياكى سۇرىناملىقلارنىڭ مەركەزلىرىنى ئارىيەت ئىلىپ ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولغان.

 

شۇ تەرىقىدە تۆت يىلغا يىقىن داۋاملىشىپ، كۆپ جاپالارنى تارتتى. 2013- يىلىدىن باشلاپ مائارىپ جەمىيىتى زەيىست شەھرىدىن بىر ئىشخانا بىناسىنى يىللىق ئىجارىگە ئىلىپ ئىشلەتكەن. 2018- يىلى يەنە بىر بىناغا كۆچۈپ ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرغان. شۇنداقتىمۇ، كىرالىق يەرنىڭ ئىجارە ھەققى ئۈستۈن، رىمونت قىلىش، بىزەش، مەبلەغ سىلىشتا چەكلىمە بولغاچ،  قول تۇتۇپ بىر ئىش قىلماق تەسكە توختىغان.

 

2013- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى جۇمھۇرىيەت خاتىرە كۈنىمىزدە، مائارىپ جەمىيىتى گوللاندىيەدىكى ۋەتەنداشلارنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن كۈچلۈك قوللاپ- قۇۋۋەتلىشى بىلەن جامائەت بىلەن بىرلىكتە ئىشخانا بىناسى سېتىۋىلىشقا قارار قىلغان. شۇ سورۇننىڭ ئۆزىدىلا ۋەتەنداشلار 1000 ياۋرودىن  ياردەم قىلىدىغان بولغان. يىنىدا بارلار نەق پۇل بەرگەن، يىنىدا يوقلار بىرىشكە ھۆججەت يازغان. مائارىپ جەمىيىتىگە ئايلىق بەدەل پۇلى تۆلەيدىغان رەسمىي ئەزالار توپلىنىپ، ئاز- ئازدىن پۇل جەملەشكە باشلىغان.

 

     بىراق بۇ پۇللار گوللاندىيەدەك دۆلەت كىچىك، ئىشخانا قىس، يەر سېتىۋىلىشقا شەرتلەر كۆپ دۆلەتتە مۇۋاپىق ئىشخانا بىناسى تىپىش ئاسانغا توختىمىغان.  باھا پەرقى، بىنا ئورنى، ئىشخانا قۇرۇلۇشى مۇۋاپىق كەلمەسلىك، ساتقۇچى ۋەدىسىدە تۇرماسلىق، مەبلەغ يىتىشمەسلىك قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن 10 نەچچە قىتىملىق تىرىشچانلىق سۇغا چىلاشقان.

 

    ئاللاھنىڭ ئىنايىتى، مەسئۇللارنىڭ كىچە- كۈندۈز تىرىشچانلىقى، خەلقنىڭ قۇۋۋەتلىشى نەتىجىسىدە، 10-ماي زەيىست شەھرى بازار مەركىزىگە يىقىن يەردىن مۇۋاپىق بىر ئىشخانا بىناسىنى سېتىۋىلىشقا توختام تۈزۈلگەن. بىنا 683 كىۋادىرات مىتىر بولۇپ، سېتىۋىلىشقا كەتكەن ئومومىي چىقىم 601 مىڭ 800 ياۋرو، باشقىلاردىن 400 مىڭ ياۋرو قەرىز ئىلىنغان. قۇپقۇرۇق بىنادا دەرسخانا، كۈتۈپخانا، نامازخانا، لىكسىيە زالى، بالىلار ئ‍ۆيى قاتارلىقنى ئۇنىۋىرسال بىزەشكە يەنە 100-150 مىڭ ياۋروغا قەدەر چىقىم كىتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

 ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى رەئىسى ئابدۇراھمان قارىم بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ :«2013- يىلى جۇمھۇرىيەت كۈنىدە يەر سىتىۋىلىشقا قارار بەرگەن ۋەتەنداشلار بىزنى ماددى ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ئىزچىل قوللاپ كەلمەكتە.   ھەيئەتلەر، ئەزالار، قىرىنداشلار ھىچ ۋاقىت بىزنى يولدا قويۇپ باقمىدى. بىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، خالىس خىزمەت قىلىپ كەلدى، ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللىدى.

 

شۇڭا ھىلىھەم بولسا بىز مۇشۇ يەردە مەۋجۇتلۇقنى ساقلايمىز دىسەك، خەلقىمىزنىڭ ئىزچىل كۈچىشى ۋە قوللىشىغا مۇھتاجمىز. خەلققە خىزمەت قىلىشتا بىز پەقەت ۋاستىچى، ھەقىقىي ئىش ئەمدى باشلىنىدۇ. مائارىپ جەمىيىتى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ جەمىيىتى، ھەركىمنىڭ ئۆز ئىقتىدارى ۋە ھىممىتىگە قاراپ  مادىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن يىقىندىن ياردەمدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز»دىدى.

 

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتىنىڭ مەڭگۈلۈك ئىگىلىك ھوقۇقى بىلەن قوشۇپ ئىشخانا بىناسى سېتىۋىلىشى تولىمۇ مۇبارەك خۇش خەۋەر بولۇپ، بۇ ئورۇن شەرقىي تۈركىستانلىقلار گوللاندىيەگە قاققان ئالتۇن قوزۇق كەبى ۋەتەنداشلارغا ئۈمىد، ئىشەنچ، ئىناۋەت ۋە رىغبەت بىغىشلايدۇ! ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان جەمىيىتىنى يەنە بىر قىتىم تەبرىكلەش، كۆرسەتكەن مىھنەتلىرىگە تەشەككۈر ئىيتىش بىلەن بىرگە چەتئەلدىكى بارلىق تەشكىلات ۋە ئورگانلارنىڭ خىزمىتىگە بەرىكەت تىلەيمىز!

 

 

2019- 5- 14

 

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

نورۋىگىيەدە خىتايغا قارشى كەسكىن نامايىش

چا ماي 15 , 2019
15-ماي نورۋىگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلودا شۇجاي ۋاقتى سائەت ئىككىدە باشلانغان خىتايغا قارشى نامايىش ناھايىتى كەسكىن ئېلىپ بېرىلغان. بىز بۇ ھەقتە نورۋىگىيەدە تۇرۇشلۇق سەمەت ئابلا ئەپەندى بىلەن تېلېفۇن زىيارىتى ئۆتكۈزدۇق.

You May Like