گوللاندىيەدە غۇلجا قىرغىنچىلقىنىڭ 27 يىللىقىنى خاتىرلەش نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

(مەنبەسى ئابدۇرېھىم غېنى فايىس بۇك ھېساۋاتى)

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

5-فېۋرال ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدە جاراھەتلىك ۋەھىمە پەيدا قىلغان «غۇلجا قىرغىنچىلىقى» بولغان كۈن. بۇنىڭدىن 27 يىل مۇقەدەم، يەنى 1997-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇرياش ئابدۇخېلىل ئابدۇمىجىتنىڭ رەھبەرلىكىدە، مەشرەپ ۋە پۇتبۇل ھەركىتىنىڭ چەكلىنىشى، باللار ۋە ئاياللارنىڭ خىتاي شەھەرلىرىگە ئالداپ ئېلىپ كىتىلىشى، زەھەرلىك چىكىملىكنىڭ يامراپ كېتىشىگە يول قويۇلىشى قاتارلىق ئادالەتسىزلىكلەرگە قارشى تىنىچ شەكىللىك نامايىش قىلغان. خىتاي ھۈكۈمىتى بۇ نامايىشتىن قاتتىق ئەندىشە قىلىپ، ساقچى، قوراللىق ئەسكەرلەر، ساقچى ئىتلىرى ۋە كۆيدۈرگۈچ قوراللارنى ئىشلىتىپ نامايىشنى قانلىق باستۇرغان. ئىككى ھەپتىگىچە ھەربى ھالەت يۈرگۈزۈپ، ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ نەچچە مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرنى تۇتۇپ تۇتقان. 2-ئاينىڭ 5-كۈنى تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنى ئۈستى ئۇچۇق بىر مەيدانغا توپلاپ، قېلىن قارنىڭ ئۈستىدە يالاڭئاياق مېڭىشقا مەجبۇرلىغان ۋە يۇقىرى بېسىملىق شىلانكىدا سۇ چېچىپ پۇت-قوللىرىنى توڭلىتىۋەتكەن. پۇت-قوللىرى ئۈششۈپ كەتكەنلەرنىڭ پۇت-قوللىرى كىسۋېتىلگەن. نامايىش يىتەكچىللىرىگە ئۇمۇمىيۈزلۈك ئۈلۈم جازاسى بىرىلگەن. نامايىشقا قاتناشقۇچىلار تا ھازىرۈىچە تۈرمىلەردە قىيىن-قىستاق ئاستىدا ياشماقتا.

ھەريىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى دىياسپۇرادىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە غۇلجا قىرغىنچىلقىنى خاتىرلەپ ھەرخىل شەكىلدە خىتاي تاجاۋۇزچى ھۈكۈمىتىگە قارشى نارازىلقىنى ئىپادىلەيدۇ. گوللاندىيەدكى ئۇيغۇرلار شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلار ئىتىپاقى ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللاش تەشكىلاتنىڭ ئورۇنلاشتۇرشىدا ئامىستېردام دام مەيدانىدا خىتاي تاجاۋۇزچى ھۈكۈمىتىنىڭ بۈگۈنگە قەدەر ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى ۋە ئىرقى قىرغىچىلىقىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئارقىلىق بۇ قاباھەتلىك كۈننى ئەسلەپ نامايىش ئېلىپ باردى. بۇ قېتىملىق نامايىشقا ئۇيغۇرلاردىن باشقا تىبەتلەر، كانتونىيلىكلەر، خاڭكۇڭلىقلارمۇ قاتنىشىپ خىتاي ھۈكۈمىتنىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلقىغا قارشى كۈچلۈك نارازىلقىنى ئىپادىلەپ سۆز قىلدى. نامايىش جەريانىدا فاشىست خىتاي، تېرۇرىست خىتاي، تىرورىست شى جىنپىڭ، خىتاي شەرقى تۈركىستاندىن چىقىپ كەت، شەرقى تۈركىستانغا مۇستەقىللىق، تىبەتكە مۇستەقىللىق، كانتونىيەگە مۇستەقىللىق، خاڭكۇڭغا مۇستەقىللىق، خىتاي ھۈكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرۋاتقان قىرغىنچىلىقنى توختات، بىزگە ئەركىنلىك كېرەك، بىزگە ئادالەت كېرەك دەپ شۇئار توۋلاندى. نامايىش چۈشتىن كىيىن سائەت 14:00 دىن 16:00 گىچە داۋاملاشتى.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

زۇمرەت داۋۇتنىڭ ھېكايىسى سۆزلەنگەن«مەن ختاينىڭ لاگىرىدىن قېچىپ چېىقتىم»ناملىق سۈرەتلىمە كىتاپ بازارغا چىقتى

سە فېۋرال 6 , 2024
ئەركىنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 6-فېۋرال لاگىر شاھىتى، ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچى زۇمرەت داۋۇت خانىمنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن «مەن ختاينىڭ لاگىرىدىن قېچىپ چېىقتىم» ناملىق كىتاپ 13-فېۋرالدىن باشلاپ تارقىتىلىدىغان بولۇپ، ئامازون كىتاپ بازىرى ئارقىلىق زاكاس قىلىشقا ئېچىلغان. كىتاپ مەزمۇنى- زۇمرەت داۋۇت ھەققىدە «سودا خەۋەردارى -Businss Insider»دا ئىلان قىلىنغان خەۋەرلەر ۋە زۇمرەت داۋۇتنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر […]
زۇمرەت داۋۇتنىڭ ھېكايىسى سۆزلەنگەن«مەن ختاينىڭ لاگىرىدىن قېچىپ چېىقتىم»ناملىق سۈرەتلىمە كىتاپ بازارغا چىقتى.

You May Like