گوللاندىيە ئانا تىل مەكتىپىدىن خۇشخەۋەر

گوللاندىيە ئانا تىل مەكتىپىدىن خۇشخەۋەر

 گوللاندىيە ئانا تىل مەكتىپىدىن خۇشخەۋەر

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 19-ئاپرېل

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى 5-ئايدىن باشلاپ شۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرى ئۈچۈن ئانا تىل  ۋە دىنى دەرسلىرىنى تەسىس قىلماقچى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. 

مەكتەپنىڭ ئېلانىدىن مەلۇم بولۇشىچە دەرسىلەر 2022-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلىنىپ ئۆتۈلىدىغان بولۇپ، ھەر شەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 14 كە قەدەر داۋام قىلىدىكەن. 

ئۆتۈلىدىغان دىنى دەرسلەر: 1. ئەقىدە-ئېتىقاد؛ 2. قۇرئان-تەۋجىد؛ 3. ئىلمىھال؛ 4. سىيرەت؛ شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاتا تىل يېزىقچىلىقى قاتارلىقلار. 

ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش شەرتلىرى: 

12 ياشتىن يۇقىرى بولۇش؛ ئانا تىل ئوقۇش-يېزىش راۋان بولۇش؛ قۇرئان ساۋاتى بولۇش؛ دەرسكە تولۇق قاتنىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش؛

دەرس ئۆتۈلىدىغان ئورۇن: Juliettestraat 44, 3819 RC Amersfoort

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا كۆرۈشۈشتە بولدى

چا ئاپرېل 20 , 2022
گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا كۆرۈشۈشتە بولدى

You May Like